- تىزىملاتقان
- 2013-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19657
- نادىر
- 0
- يازما
- 250
ئۆسۈش
  24.14%
|
لېكىن مەن مۇنداقمۇ ئويلاپ قالدىم ، نىيوتوننىڭ ئىنىرتسىيە قانۇنى :
زەەرىچە ۋە جىسىملار ئەگەر كۈچ تەسىر قىلمىسا ياكى تەسىر قىلغان كۈچلەرنىڭ يىغىندىسى نۆلگە تەڭ بولسا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلايدۇ. بىز بۇرۇندىن بۇنداق ئەھۋال پەقەت نەزىرىيىدىلا مەۋجۇت دەيتتۇق ، بۇ پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى مىكرو دۇنياغا تەتبىقلاپ چىقارغا يەكۈن ، بىز ھازىر مىكرو دۇنيا بىلەن ماكرو دۇنيانى ئوخشاش قانۇنىيەتكە بويسۇدۇردۇق دىگەنكەنمىز بۇ يەكۈنلىرىمىزنىمۇ ئىشلىتىشىمىز كېرەك ، يەنى ئالەمدىمۇ بۇنداق سىرتقى كۈچ يوق بولىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئەمەس ، يەرشارىغا ئوخشاش پىلانىتلار گەرچە ئەگرى سىزىقلىق ھەرىكەت قىلسىمۇ ئەمما تېزلىنىشى كىچىكلەيدىغان ھەمدە مەلۇم پەيتكە كەلگەندە تېزلىكىمۇ كىچىكلەيدىغان ئەھۋال بولىشى كېرەك . يەنە بىر سۇئال : غەيرىي نۇقتىغا بارلىق ئىنىرگىيە يىغىلمايدۇ ، بىرقىسىم ئېنىرگىيە غەيرىي نۇقتىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ دىگەن قاراش كۈچكە ئىگە بولسا ئالەمنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ بىر ئۆچەر دۇلقۇن دەپ قاراش كېرەك ، يەنى سىرتقى كۈچ مەۋجۇد ! بۇ سۆزلىرىمگە قانداق قارايسىزكىن ؟ ئەگەر بۇ سۆزلىرىڭىز نادانلىق بولۇپ قاپتۇ دىسڭىز جاۋاب قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ھازىرچە ئويلىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك ! |
|