ھەقىقەت بىلەن ھاياتنىڭ قايسىسى مۇھىم؟ مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى
بىر كۈنى پەرىشتە قۇملۇقتىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاچ ،قۇملۇقتا ئالدىراپ تىنەپ كىتىۋاتقان بىر ئادەمنى ئۇچىرتىپ قاپتۇ.ھېلىقى ئادەم بىر قولىدا مىلتىق،يەنە بىر قولىدا بىر چىلەك نىفىت كۆتىرىۋالغان بولۇپ، نىفىت چىلىكىگە «ھەقىقەت» دېگەن خەت يېزىلغان ئىكەن.پەرىشتە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن نېمىشقا مىلتىق ۋە نىفىت كۆتىرىۋالغانلىقىنى سوراپتۇ،ھېلىقى ئادەم سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغاچ: ــمەن ھەقىقەت ئىزدەۋاتىمەن،ــ دەپتۇ. پەرىشتە يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ،قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە بىر ئادەمنىڭ يېتىپ قالغانلىقىنى،ئۇ ئادەمنىڭ سەكراتتا جان تالىشىۋاتقانلىقنى كۆرۈپتۇ.ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىدا بىر نىفىت چىلىكى بار بولۇپ،قۇرۇق ئىكەن.نىفىت چىلكىگە «ھايات» دېگەن خەت يېزىلغان ئىكەن،پەرشىتە ئۇنىڭدىن بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ، ھېلىقى ئادەم ھالسىزلانغان ھالدا :ــ مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ھاياتىمنى ساقلاش ئۈچۈن تېرىشىۋاتىمەن،ــ دەپتۇ. پەرىشتە تولىمۇ غەلىتىلىك ھىس قىپتۇدە شۇ ھامان پانى دۇنيانى كىزىپ چىقىپتۇ.ئۇ پانىي دۇنيانى كىزىپ چىققاندىن كېيىن، پانىي دۇنيادا غەلىتە ئىشلارنىڭ بەكلا كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ.بەزىلەر ھاياتنى دەپ ھەقىقەتتىن ۋاز كەچسە،بەزىلەر ھەقىقەتنى دەپ ھاياتتىن ۋاز كىچىدىكەن.ئۇ زادى ھاياتنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ياكى ھەقىقەتنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگاردىن سوراپتۇ. ــ ئىنسانلار ھەقىقەت بىلەن ھاياتنى مۇھىم دەپ قارىسىمۇ،ئەمما مەنپەئەتنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ،مەنپەئەت ئۈچۈن ئىنسانلار ھەقىقەتتىنمۇ،ھاياتتىنمۇ ۋاز كىچىدۇ،مەنپەئەتنى دەپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ،ئۇلار ئۇرۇش قىلغاندا ھەقىقەت ھاياتتىن مۇھىم دەپ قارايدۇ.ئەلۋەتتە ئۇرۇشتا غايەت زور زىيان تارتقاندىن كېيىن،ئوخشاشلا مەنپەئەت ئۈچۈن،ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتماقچى بولۇپ،ھايات ھەممىدىن مۇھىم دەيدۇ،ــ دەپتۇ پەرۋەردىگار . مەنبە:2012-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى «ساتىرا ۋە يومۇر»گېزىتىدىن |