ئاددى ھەقىقەت ماخاراج[ھىندىستان] مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى
ئۆتمۈشتە توختاپ قالماڭ،شۇنداقلا كەلگۈسى ئۈچۈن غەم ئەندىشە قىلماڭ،جىق پۇل تېپىش ئىددىيەسىگە مەپتۇن بولۇپمۇ كەتمەڭ،كۆپ مىقداردا مۇھەببەتكە ئېرىشىشنىڭ تەمەسىدە بولماڭ،ئۆمۈرلۈك شان-شەرەپ ۋە ئىتراپ قىلىنىشقا ئېرىشىمەن دېمەڭ، ئۆزىڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن رازى بولۇڭ،خاتىرجەملىكتىن ھوزۇرلىنىڭ. سەۋىرچان بولۇشنى ئۆگىنىڭ،يېڭى كىيىمگە چاي تۆكۈلۈپ كەتسە،نەپىس بويۇملار يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتسە،غىزالانغاندا چىلىغان سەي بولمىسا،مۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىزنى تېرىكتۈرىدۇ،ئاچچىقلىنىش بىزنىڭ نامىمىزغا داغ كەلتۈرىدۇ. ئورۇن ئالماشتۇرۇشنى بەك چوڭ بىلىپ كەتمەڭ،ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئورۇن ئالماشتۇرغانلىقىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇڭ،سىزنىڭ تاغدا تۇرغىڭىز بارمۇ؟ياكى دەريا بويىدا؟مەيلى قەيەردە بولۇڭ،شاد-خۇراملىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ. مەيلى ئۇ ئاپتاپتىن ساقلايدىغان سايە بولسۇن ياكى بىر ئېغىز ئۆي بولسۇن ۋەياكى ۋوگزالدىكى كۈتۈش زالى بولسۇن،ۋەياكى ئاۋات رەستە بولسۇن، ئۆزىڭىزنى مەلۇم بىر يەرگە بېقىندۇرۋالماڭ،ئەمەلىيەتتە سىز ئۈچۈن قەيەر بولسا ئوخشاش. ئۆزىڭىزنى ماختاشقا مەپتۇن بولۇپ كەتمەڭ،ئۆزىڭىز قىلغان ئازغىنە ئىشلارنى بەك چوڭ بىلىپ كەتمەڭ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى ماختاپ ئۇچۇرماڭ،زىممىڭىزدىكى ۋەزىپىلەرنى قىلچىمۇ ئىككىلەنمەي ئورۇنداڭ،ئەھمىيەتسىز تۇسالغۇ ۋە قېيىنچىلىقلارنى ئويلىماڭ. مەنبە:2012-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى «ساتىرا ۋە يومۇر»گېزىتىدىن |