- تىزىملاتقان
- 2014-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1350
- نادىر
- 0
- يازما
- 87
ئۆسۈش
35%
|
باھار بىزنىڭ بەختىمىز
مەخەت ئابدۇرېھىم.
باھاردىكى بايرامدا ، باغچىلارغا بارايلىى . باھار بەرگەن بەخىتنى ، باغرىمىزغا باسايلى .
باھار بايرىمى: -بىزنىڭ بوۋىمىزنىڭ بوۋىللىرى،بىلىملىك باھادىرلار باھارغا باغلانغان بەلگىلەرنى بىرمۇ-بىر باھالاپ بىكىتكەن، باش باھارنىڭ بىزگە بىرىدىغان بەخىت باغىقىنىڭ بەلگىسى .
باھار بايرىمى :- باھاردىكى بەخىت، بەركەت، بايلىق بەيگىسىنڭ باشلانغانلىغىنىڭ بىشارىتى.
باھار بايرىمىدا،باھار بايرىمىنىڭ باغىقى بوسوغاڭلارغا بارالىسۇن-بارالمىسۇن، باغاق بىرىلسۇن بىرىلمىسۇن ، بارلىق بوۋايلار بولسۇن بوۋاقلار بولسۇن بىر بىرىمىزنى باشلاپ،بايرام بولىۋاتقان باغچىلارغا ، باغلارغا بېرىپ باھارغا بولغان باھادىر باغرىمىزنى مۇبارەك بايرامغا بۇلبۇلنىڭ بالىسىدەك بېغىشلايلى.
باھار بايرىمىدا بەغەستە، بىلمەس بولىۋالماي بەلنى بەلەن باغلاپ، باشقىلارغا باشلامچى بولۇپ بوۋايلاردىن -بوۋاقلارغىچە ،باشقىلاردىن-بۇرادەرلەرگىچە،بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلارنى بولامدۇ بىۋاستە باشلاپ بېرىپ بۇلارغا باھارنىڭ بۈيۈك بەلگىللىرىنى بىلدۈرەيلى.
باھار بايرىمىدا ، بۇرۇندىن بىرى باي بولۇپ باھالانغان بايلىرىمىز بەك بىخىللىشىۋالماي ، باھار بەرگەن بايلىقنىڭ بەركەتلىرىدىن باشقىلارغا بىر بۇردا بولسىمۇ بىرەيلى. باھار؛-بىرنى بەرگەنگە باغلام -باغلام بىرىدۇ .
باھار-بەخىت، بەركەتنىڭ بەلگىسى ،بىلىمنىڭ بۇلىقى، بايلىقنىڭ بانكىسى ، بالىلارنىڭ بىلىم باغچىسى.
باھار بايرىمنى بولسا بىزنىڭ بەشكىرەمدىن باشلىساق بەك بەلەن بولىدۇ. بەشكىرەمنىڭ باغلىرىدا بۇرۇننڭ بۇرنىسدا باغۋان بوۋاي بەلگىلەپ بەرگەن بىھېشنىڭ بۈيۈك بەلگىسى بار. بەشكىرەمگە بېرىپ بىھېشنىڭ بەلگىللىرىنى بىلسەڭلا بىھىشكە بارغاندەك بولىسىلەر.
باھار باغرىدىكى بۇ بۈيۈك بەلگىلەرنى بىرمۇ-بىر باھالاپ بىكىتىپ باھار بايرىمىنى بۇرۇنقى باھادىرلار بەلگۈلىگەن.
بۇرادەرلەر! بىغەملىك بۆشۈكىدىن بالدۇراق بوشۇنۇپ، بەلنى بىلىم بەلبىغىدا بەلەن باغلاپ باھار بايرىمىغا بارايلى.بەخىت ؛- باھاردىن باشلىنىدۇ. باھار بىزگە باشلامچى بولىدۇ. بىز باھارنىڭ باشلامچىلىقىدا باغلارغا، باياۋانلارغا، بازارلارغا بادۇراق بارايلى. بالدۇر بارساق باھادىر بولىمىز، باشلىق بولىمىز، باي بولىمىز. باھارنى بىز باھالىمايلى باھار بىزنى باھالىسۇن.
بۇرادەرلەر -بىزنىڭ بەختىمىز باھارغا باغلانغان، باھارنىڭ باشلىنىشىدا بىغەم، بىغەستە، بىپەرۋا بولۋالماي باھار بايرىمىغا بارايلى. بىزدە بايرام بولسا باغچىلارغا بارماي، بەزمىخانىلارغا بېرىپ بايلىقنى بۇزىۋىتىدىغان بەزى بىزەڭلەرمۇ بار. بۇلارمۇ بىز بىلەن باھار بايرامغا بارسۇن.
بارلىق بۇرادەرلەر بىلىڭلاركى باھار بايرىمى بىرلىكنىڭ بەگىسى،باھار بىزنىڭ بەختىمىز . بىز بۈگۈن باشلانغان باھار بايرىمىدا بەس-بەستە بىرلىشىپ بەخىتلىك بولايلى.
مەخەت ئابدۇرېھىم يازمىسى
|
|