- تىزىملاتقان
- 2014-2-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 579
- نادىر
- 0
- يازما
- 54
ئۆسۈش
  15.8%
|
anatil8 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 19:23 
جاۋاپ-شۇ ۋاقىتتىكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ج ...
ئۇنداق ئەمەس.شىڭ شىسەي ياپۇنىيەدە ھەربىي مەكتەمنى پۇتكۇزگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتى بولغان شەرقى شىمالغا قايتىپ بارغان.لىكىن ئۇيەردە جاڭ زولىننىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئىرشەلمىگەن.شۇنىڭ بىلەن شىڭشىسەي بېشىنى ئىلىپلا شىنجاڭغا كەلگەن،ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا بەخىت قۇشى قونۇپ شىنجاڭغا دۇبەن بولۇپ قالدى.
ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي پارتىلغاندىن كېيىن شىنجاڭنى تۇتۇپ تۇرۇشقا كۆزى يەتمەي (گومىنداڭمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمىغاچقا نەنجىڭغا چاقىرغان.)شىنجاڭنىڭ ئالتۇنلىرىنى ئىلىپ جياڭ جىشىنىڭ قېشىغا بارغان .جياڭ جىشى ئۇنى ئورمانچىلىق مىنىستىرى قىلغان.ئەمەت قاتارلىق ئۇيغۇر گومىنداڭ ئەزالىرى شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۇزگەن جىنايەتلىرى ئۇستىدە ئەرز قىلغان،بىراق جياڭ جىشى شىڭ شىسەي بولغاچقىلا بىز شىنجاڭنى بىر پاي ئوق ئاتماي قولغا كىرگۇزدۇق دەپ شىڭشىسەينىڭ گۇناھىنى كەچۇرۇم قىلغان.ئۇ ئۆلگندىن كېيىن جياڭ جىشىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شىڭ شىسەينىڭ ئۇستىگە دۆلەت بايرىقى (گومىنداڭنىڭ بايرىقى)يىپىلغان.
ئاستىدىكى ئىنكاسلارغا قارىسام سىز جاڭ جىجۇڭ بىلەن شىڭ شىسەينى ئالماشتۇرۋالغاندەك قىلىسىز.شىڭ شىسەي ماۋزىدۇڭنىڭ ئىنىسى ماۋزىمىننى ئۆلتۇرۋەتكەن،شۇڭا ئۇنىڭ قەھرىمان دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن ئەمەس. |
|