- تىزىملاتقان
- 2014-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2936
- نادىر
- 0
- يازما
- 169
ئۆسۈش
  31.2%
|
كوچا خەۋرى مۇنۇ يازمىنى ئوقۇپ قوياڭ : - « نادان ، جاھىل كىشىلەرگە شۇنداق دىيىشىمىز كىرەك : سىز شۇنى بىلىشىڭىز كىرەككى ، ئالىم بولغان ئادەم ئۆز ئىلمىنى ئۆزىنىڭ ئاخىرەتتىكى بايلىقى دەپ بىلىدۇ . ئۇ ئىلىم ئۆزىنى قۇتقۇزىدۇ ، شاپائەت قىلىدۇ دەپ بىلگەچكە ئۆزئىلىمىنىڭ رولىغا زىيادە ئىشىنىپ كىتىپ ، ئىش - ھەركەت ، ئەمەل ئىبادەت جەھەتلەردە بىلىپ - بىلمەي ئەستايىدىل بولالماي قىلىشى مۈمكۈن . ئىلىم ئۇنىڭ زىيان تارتىشىنىڭ ئامىلى بولۇپ قالغان يەردە ، يەنە ئۇنىڭ شەرەپ قازىنىشىنىڭمۇ ئامىلى بولالايدۇ . بۇنىڭغا گەپكەتمەيدۇ . چۈنكى ئىلىمدار بولغان ئادەم ئىلىمغا ئەمەل قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزىدۇ . بىراق سىز نادان كىشىلەرگە كەلسەك ، سىزدە يا ئىلىم يوق ياكى كىشىلەرگە مەنپەتىڭىز تەگمەيدۇ شۇڭا سىزنىڭ قىلغان پىتنى - پاسات يامان ئىشلىرىڭىز سەۋەبىدىن بىراقلا تۈگىشىسىز ، »
ئالىممۇ بىر ئىنسان ، ئۇنىڭدىمۇ ھەۋەس بار . ئۇنىڭ نادانلاردىن پەرقى سىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلگەنلىكى . شۇڭا بىلىپ - بىلمەي ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ مەلۇم بىرە يامان ئىشنى قىپ قويغان بولسا ،ئۇنى ئاشۇرۇپ تەنقىتلەپ ، ئارقىدىن سۆز چۆچەك قىلىشنىڭ ئورنى بارما ؟ سىزدەكتىن مىڭى بولسىمۇ ، بىلىم خۇمارنىڭ ئىلىۋەتكەن تىمىقىغا تەڭ بولاممايسىز . |
|