- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7121
- نادىر
- 0
- يازما
- 448
ئۆسۈش
  42.42%
|
tadlax يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 15:06 
مۇسۇلمانلار قۇرئانغا بەيئەت قىلىدۇ. قۇرئان ھەدىسنى تۇ ...
قۇرئاننىڭ قايسى يېرىدە ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى بار؟ نەدىكى پەلىپەتىش سۆزلىمەي، قۇرئاننى ھۆرمەت قىلسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دېسىڭىز تۈزۈكرەك سۆزلەڭ، ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشتىن بۇرۇن ۋە قۇرئان نازىل بولغاندىن كىيىنكى نەچچە مىڭ يىللىق ئىزدىنىش ۋە تەجىربىلىرىنىڭ ۋە خوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئىلىم ۋە تەجىربە ئالماشتۇرۇشلارنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنى قۇرئان نازىل بولغاندىن كىيىنكى دەۋرگىلا باغلاپ چۈشەندۈرسىڭىز ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار قانداق داۋالانغان دېسە نىمە دەپ جاۋاپ بىرەرسىز؟
قۇرئان كەرىم يەنە دېسەم ئۇ بىر ئىلاھى كىتاب،ئۇنىڭدا تىبابەت، سىياسەت، ئاستىرنومىيە ،زىرائەتشۇناسلىق.... قاتارلىق ئىلىمنىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىشلىق ئايەتلەر بار. ئۇنىڭدىن نەخ چىققان ئىلىم-پەن نەتىجىسىنى كۆرسەت دېسىڭىز بۇ جاھىلنىڭ گېپىدىن نىمە پەرقى؟ ئۇ كىتاپ ئوقۇش بىلەن ئەمەل قىلىنىدىغان ئىلاھى بۇيرۇق. بۇيرۇقتىن بىرەر ئىلىم-پەن نەتىجىسىنى ئىجات قىلىش ياكى ئىختىرا قىلىشنى تەلەپ قىلىش مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمىغان بىر گەپ، خالاس،ئىجات ئىختىرالار بولسا ئىنسانلارنىڭ شۇ بۇيرۇقنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى رىئاللىقتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق نەتىجە يارىتىشىدا ئىپادىلىنىدىغان نەرسە. قولۇڭدا ئايرۇپىلان ياسايدىغان بىر كىتاپ بار بولسا سەن بۇ كىتاپنىڭ نەخ پاكىتىنى كۆرسەت دەپ قولىڭىزغا ئېلىپ ئايرۇپىلاننى ياسىمىسىڭىز، بۇنى نىمە دەپ چۈشەندۈرەرسىز؟ |
|