- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12630
- نادىر
- 57
- يازما
- 150
ئۆسۈش
  6.58%
|
bir-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 21:48 
ئۇنداق ئەمەسقۇ دەيمەن، سىز دىگەن 70 يىل ئۆي سالغۇچى شى ...
سالام قېرىندىشىم بىر ئۇيغۇر:
پىكىر قاتناشتۇرغانلىغىڭىزغا رەھمەت. مەن ۋەتەندىكى چاغدا توۋار ئۆيلەر بازىرى ئەمدى دۇنياغا كۆز ئىچىشقا، مال-مۈلۈككە نىسبەتەن »ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى» ۋە «ئىشلىتىش ھوقۇقى » جەھەتتە تالاش -تارتىشلار قانات يېىيىشقا باشلاۋاتقان چاغلار ئىدى. بازار ئىگىلىگىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇ يەرلەردىمۇ ھىچ بولمىدى دىگەندە قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ «ىئستىمالچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى» قوغدايدىغان قانۇن -تۈزۈملەرنىڭ ئورنىتىلىغىنى راست. مىنىڭ سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئۆتكەن يىلى ئىلان قىلىنغان قانۇن ھەققىدە خەۋىرىم يوقكەن. 70 يىلمۇ ئاز ۋاقىت ئەمەس، 70 يىلدىن كىيىن ئىشلار قانداق بولىدۇ، ئۇنى ياراتقۇچى بىلىدۇ.
ئامىرىكىدا ئۆي سىتىۋالغان كىشىنىڭ ئۆي-زىمىنغا قارىتا مۇتلەق ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ 200 يىلدىن ئارتۇق مابەينىدە ئۆزگەرمەي كەلگەن قانۇن (مىنىڭچە). بۇ يەردە ئۆي سىتىۋىلىش ھەققىدە مەن بىر ماقالە ئىلان قىلغان. ئەمما بۇ يەردە مىراس بېجى ئېغىر. بۇ جەھەتتە ھەر ىئككى جەمىيەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىغى ۋە كەمچىلىگى بار. |
|