ئاغرىنمىغىن، مەن مۇشۇنداق مۇناپىقمەن
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
كىرىپ كەلگىن ،قۇرۇق كىرمە، ئېلىپ كىرگىن ،
پۇلۇڭ بولسا ،مېلىڭ بولسا سېلىپ كىرگىن .
باشلىقىمغا تىلفۇننىمۇ قىلىپ كىرگىن .
ھېچ بولمىسا بىرەر سوۋغا بېرىپ كىرگىن .
ئاغرىنمىغىن چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كىشى .
ئۆسۈپ قالدى ئەمىلىممۇ ھالىم بىلەن .
مىنى ئەمدى ئوخشاش كۆرگىن ئالىم بىلەن .
كۈتكىنىڭگە رازى ئەمەس تازىم بىلەن .
كۆپ ئەكىرسەڭ قىلىمەن ئىش نازىم بىلەن .
ئاغرىنمىغىن چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كىشى .
داداڭ ئاغرىق بولسا تىزدىن يۆلەپ ئەكىر ،
ياتاققىمۇ ئاۋال پۇلنى تۆلەپ ئەكىر .
مەنمۇ دوختۇر ماڭىمۇ پۇل بۆلەپ ئەكىر .
لىكىن بۇنى بەكمۇ مەخپى جۆنەپ ئەكىر .
ئاغرىنمىغىن چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كىشى .
ئەسەر بولسا ئەڭ ياخشىنى ئەۋەت ماڭا .
پۇلۇڭ بولسا ئىشىڭ بەك ئوڭ قەۋەت ماڭا.
مىھمان قىلغىن بىلدۈرۈپ ھەم شەرەت ماڭا .
مەن بىر تەھرىر لازىم شۇنچە «غەيرەت» ماڭا.
ئاغرىنمىغىن چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كىشى .
ماشىنامغا چىققىنىڭنى كۆرۈپ قالماي،
تاكسىرىمدا ساق ئولتۇرغىن ئۆلۈپ قالماي.
نەچچە دىسەم شۇنچىنى بەر ئېلىپ قالماي،
قىممەت دىمە مۇش مانتىنى بېرىپ قالماي.
ئاغرىنمىغىن چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كىشى .
داڭقىم چىقتى چولپان بولدۇم بىلىپ يۈرگىن.
ئەمدى سېنى تونۇمايمەن كۆرۈپ يۈرگىن .
يولدا ماڭسام ماڭا گىلەم سېلىپ يۈرگىن .
يېقىنىمسەن«پۇل سازى»دىن چېلىپ يۈرگىن.
ئاغرىنمىغىن چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كىشى .
باخشىدۇرمەن جىن قوغلايمەن غالتەك تۇتۇپ .
جىن ئاراسى ئەڭ ئەسكىنى سولتەك تۇتۇپ .
پۇلغا قاراپ ۋارقىراپ يا كالتەك تۇتۇپ .
قۇچقاچ جىننى پۇلنى دەپ چوڭ غازدەك تۇتۇپ .
ئاغرىنمىغىن چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كىشى .
كىيمىڭ يېڭى پۇلۇڭ باركەن كىرگىن قېنى .
ھەممە مالنى بىردىن سىناپ كۆرگىن قېنى.
جۇلجۇل كىيىم كۆزدىن نېرى يۈرگىن قېنى .
مەن دۇكانچى پايدا بېرىپ كەلگىن قېنى.
ئاغرىنمىغىن چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كىشى.
كىتىپ بارسام مىنىڭدىن يول سورىمىغىن.
كىم بولغىنكى قەرىزگە پۇل سورىمىغىن .
ئالدىراشمەن ھەقسىزدىن چول سورىمىغىن .
بىكار -بىكار ياردەمگە قول سورىمىغىن .
ئاغرىنمىغىن چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كىشى .
ئۆسمەك بولساڭ مىنى ئىزدە ئىشىڭ ئاسان .
شوجاڭ بولساڭ يېزىڭ ئاسان، قىشىڭ ئاسان .
باشلىق بولساڭ ھەتتا كۆرگەن چۈشۈڭ ئاسان.
بىلسەڭ پۇلۇڭ بولسا ئاقماس يېشىڭ ئاسان .
ئاغرىنمىغىن چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كىشى .
جاھان دىگەن شۇنداق ئىكەن مەنمۇ بولدۇم .
مەنپەئەتتە يۇمىلاندىم ئەلمۇ بولدۇم .
بۇرۇن كىچىك ئېرىق ئىدىم سەلمۇ بولدۇم .
ھارامدىن مال دۇنيالىرى تەلمۇ بولدۇم .
ئاغرىنمىغىن چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كىشى .