بىز نىمىشقا تېخنىكا ئۈگەنمەيمىز ؟
كەتمەن بىلەن جاننى باققىنى بولىدۇ ، لىكىن شەھەرلىشىۋاتقان مىللەت جاننى كەتمەن بىلەن باقسا ئۇ مىللەت باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ ، بۇنىڭدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى نىمە ؟ ــ دەل تېخنىكىدۇر ، گىرمانلار تېخنىكا بىلەن دۇنيادا گىگانت دۆلەتلەر قاتارىدا ، ئامرىكان ، ياپونلارنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ بەرمىسەممۇ بۇنى بىلمىگەن كىشى بۇ مۇنبەرگە چىقمايدۇ . دىمەك بىزگىمۇ تېخنىكا كىرەك ، بىزمۇ ئويلىنىشقا ،تېخنىكا ئۈگۈنۈشكە مۇھتاج .
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى ، تېخنىكا ئاكا -ئۇكا مۇسابايۇۋلارنى دۇنياغا تونۇتقان ،تېخنىكا «ئاسىيانىڭ كىسەل كۆپىسى » دەپ ھاقارەتلىنىدىغان جوڭگۇنى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇردى . ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان ياپونلارنى بۈگۈنكى ياپونلارغا ئايلاندۇردى ، ئىككىنجى دۇنيادا دەككىسىنى يەپ ، پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن نەپرەتكە قالغان گىرمانلارنى بۈگۈنكى تېخنىكا دۆلىتىگە ئايلاندۇردى ... ئىشىنىمەنكى ، تېخنىكا ئۈگەنسەك بىزمۇ كۈچلۈك مىللەتلەردىن بولۇشقا يۈزلىنىمىز، بىر خىل تېخنىكا بىلەن ئون كىشى،ھەتتا يۈز كىشى كۈچەپ قىلىدىغان ئەمگەكنى كۈچىمەيلا قىلغىلى بولىدۇ . شۇڭلاشقا بۇنىڭ مىسالى سۈپتىدە كۆزىمىزنى ئېچىش شۇنداقلا ئۈلگە ئېلىش يۈزىسىدىن بۇ ۋىدىئونى يوللاپ قويدۇم ، قارا ئەمگەك قىلىشنىلا ئەمەس تېخنىكىنىمۇ ئۈگىنەيلى قېرىنداشلار .
|