- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12568
- نادىر
- 28
- يازما
- 230
  
ئۆسۈش
  100%
|
ھەمكارلىق -تەرەققىيات
ئىنتىرنىت تور -ئالاقە كەسپى كىشىلەرنىڭ تۇرمىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى ، تور-ئالاقە كەسپى پۈتۈن جاھاننى قاپلىدى ، بۇ خىل تەرەققىياتقا ئەگىشىپ رايونىمىزدىكى ئىنتىرنىت تور-ئالاقە كەسپى بىلەن شۇغۇللىندىغان شىركەتلەرمۇ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىلغار ساغلام بولغان تور بەلبىغىنى بەرپا قىلىپ رايونىمىز پۇقرالىرىنى ئەڭ ياخشى خەۋەر ، تۈرلۈك بىلىم -ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ ، ئەلۋەتتە تور -ئالاقە كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا قارىتا ئۇيغۇر تورلىرىمۇ تەرەققىياتقا شۇنداقلا كۈچلۈك قوللاشقا مۇھتاج .
ئىنتىرنىت، تور -ئالاقە كەسپىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايدۇ ، مانا بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا شىىركىتى بىلەن باغداش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى دىيارىمىز تور -ئالاقە كەسپىگە تېخىمۇ كۈچ قوشۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە يېقىندا ھەمكارلىق توغرىسدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئابىدە بىئو-پەن تېخنىكا شىركىتى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق دىيارىمىزدىكى تۇنجى خەۋەر ۋە مۇنبەر بىر گەۋدە قىلىنغان ئەپ دېتالى < باغداش تورى ئەپ دېتالى> نى ئىشلەش توغرىسىدا غەلبىلىك ھالدا ھەمكارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى . بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقنىڭ دىيارىمىز ئىنتىرنىت تور -ئالاقە كەسپىگە تېخىمۇ يېڭىچە تۈس ۋەرەڭدارلىق ئاتا قىلدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
نۆۋەتتە باغداش ئەپ دېتالىنى تۈزۈش خىزمىتى جىددى ئىشلىنۋاتىدۇ ، 5-ئايدا رەسمى پۈتۈپ تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ ، باغداش ئەپ دېتالىنىڭ دىيارىمىزدىكى تور ئەپ دېتالىدا باشلامچىلىق رولى ئوينىغان نۇر تورى ، ئوكيان تورى قاتارلىقلاردىن كېيىنكى ئابونتلار ياقتۇردىغان ئەڭ ياخشى تور ئەپ دېتالىغا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
|
|