- تىزىملاتقان
- 2011-6-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 959
- نادىر
- 0
- يازما
- 33
ئۆسۈش
  91.8%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،تورداشلار!
قىزغىن پىكر قىلغىنىڭلاردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئەلۋەتتە، ئاپتورنىڭ قەلىمىدىن ھېس قىلىشىمىزچە، ئۇ مەندەك ئاددىي ئادەم ئەمەس،شۇنداق ئىكەن ، مۇنداقلا قەلەم تەۋرەتسمۇ دىققەت قىلغۇدەك ئىشلارغا بىزگە قارىغاندا ناھايىتى سەزگۈر ۋە مەسئۇلىيەتچان بولىشى كېرەك. يازغۇچى، شائىرلىرىمىز مەنىۋىيتىمىزنى بېيىتقۇچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە،شۇنداقلا مۇنداقچىلا يېزىپ قويغان ئەسىرىگىمۇ تەلەپچان مۇئامىلىدە بولمىسا، بىزگە كەلگەن ئەسەرلەر ئۆز رولىنى يوقاتقان بولۇپ، ئاپتورلار پەقەت ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا يازغان بولمامدۇ؟
تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ئۈستىدە يەنە ئازراق توختىلىدىغان بولدۇم.(كەچۈرۈڭلار)
1. دۇئا مەسىلىسىدە سىلەر ئېيىتقاندەك بىز ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ قەبرىسىدە دۇئا قىلىمىز،بىراق، مەيلى ئۇيغۇرچە ياكى ئەرەبچە دۇئا بولسۇن،دۇئا مەزمۇنى ئۇ دۇنيادىكىلەرگە ئاسايىشلىق تىلەش بولىدۇ. پەقەت دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ مازارلىرى ياكى شۇنداق قارىلىپ كەلگەن مازارلاردىلا ئۇلارنىڭ ھەققىي –ھۆرمىتى بىلەن بۇ دۇنيادىكىلەرگە ئاسايىشلىق بىرىشنى بىردىنبىر ياراتقۇچىدىن تىلەيمىز. بۇ نۇقتا مەن ۋە سىلەرگە قارىغاندا ئاپتورغا تېخىمۇ ئېنىق.
2. «ناماز قېرىنداش» سۆزىدە مېنىڭچە كەمتۈكلۈك بار،بىرەر سۆز چۈشۈپ قالغان ياكى «ناماز» سۆزى ئارتۇق كەتكەن. بىللە نامازنى ئوقۇغۇچىلارنى ھېچقانداق بىر ئىسلام دۆلىتى ياكى ئىسلام دىنىدىكى ئەللەرنىڭ تىلىدا بۇنداق ئاتىمايدۇ، ئۇلارنى خەلق ئەزەلدىن «جامائەت» دەپ كەلگەن.
3. مەھەللە تەرتىپىگە كەلسەك، قەلەمكەشلەرنىڭ مەندەك نادان پۇقراغا قارىغاندا بىلىدىغىنى كۆپ. ئۇلارنىڭ ساياھىتى مەقسەتسىز بولمىغىنىدەك قەلەم تەۋرىتىشىمۇ مەقسەتسىز بولمايدۇ. ئاپتور ئەسىرىنىڭ بېشىدىلا « ئەمتىگە كىرىشىمىز بىلەنلا»دېگەن باياننى يازغان. دېمەك، بۇ مەھەللىنىڭ تاغ ئارىسىدىن يۇرتقا كىرگەنلا جايدىلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟
مەن ئاپتورنى رەنجىتمەكچى ئەمەس، بەلكى قەلىمىنىڭ كۈچى بىلەن بىزگە ئۈلگە بولىشىنى، ئەجىر قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ بىز بىلەن كۆرۈشكىچە تېخىمۇ پىشىپ، مۇكەممەل يىرىك ئەسەر ھالىتىدە بىز بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئۈمىد قىلماقچى. يەنە، ئاپتور بىز پەرەز قىلغاندەك نوپۇزلۇق كىشى بولسا،ئىسمىدىكى”x “ ھەرىپى ئۈستىدە ئويلاشسا بولاتتى. مەيلى قايسى دەۋردىكى ئۇيغۇر يېزىقى بولسۇن،خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن يېزىق بويىچە ئىپادىلەنگەندە ئاپتورنىڭ ئىشلەتكىنى «ش» ئەمەس،«خ» ئوقۇلىدۇ. ئالىملىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نادانلىقىم تۈپەيلى كۆپ سۆزلەپ قويدۇم،ئەپۇ قىلغايسىلەر. |
|