خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ « ئۇنتىغاقلىق كېسىلى »
كامرانبەگ يوللانمىسى
خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئوموم يۈزلۇك ھالدا«ئۇنۇتقاقلىق كېسىلى »گە گىرىپتار بولغان .خەينەن ئۆلكىسى دۇڭفاڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ سېكىرتارى چېن خوگۇي ئۆيىدىن تېپىلغان ئون مىليون يۇەندىن كۆپرەك خەلىق پۇلىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ،كېيىن تەپتىش خادىملىرى نۇرغۇن ماددى ئىسپات ۋە گۇۋاھچىلارنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ،ئاندىن ئۇ نائىلاج ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مىليون 860مىڭ يۈەن پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېسىگە ئالغان ،بۇلارپارا ئالغان پۇللار ئىدى .باشقا نۇرغۇن بايلىقلارنى ئۇ «ھەقىقەتەن ئەسلىيەلمىگەنلىكتىن ،سوت پەقەت «نۇرغۇن مال مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىنىق بولماسلىق جىنايىتى » بويىچە بىر تەرەپ قىلغان .باشقا خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ئەھۋالى ئومومىي جەھەتتىن مۇشۇنداق .بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن «مال مۈلۈكنىڭ كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولماسلىق جىنايىتى »نىڭ «قىززىق خەۋەر »ئايلانغانلىقى بىر ئىسپات . ۋىجدان بىلەن مۇلاھىزە يۈرگۈزسەك،بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلدار بولغانلانىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ھەرگىز تۆۋەن ئەمەس،بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ يۇقىرىغا ئۆزىنىڭ سىياسىي ئۇتۇقلىرىنى دوكىلات قىلغان چاغداكىچىككىنە نەتىجىسىنىمۇ قالدۇرماي سۆزلەيدىغىنى يىتەرلىك ئىسپات .شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار كۈنلەرنىڭ بېرىدە گۇناھلارغا ئايلىنىپ قالغاندا ،نىمىشقا بىردىنلا ھەممىنى«ئۇنتۇپ قالىدۇ»؟ئەسلىدە ،خىيانەت قىلغان ،پارا ئالغان پۇل 5000يۈەنگە يەتسەتەپتىش مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىدۇ،ئەگەر خىيانەت قىلغان ،پارا ئالغان پۇل نەچچە مىليونغا يەتسە ،ئۆلۈم جازاسى ياكى ئۆلۈم قازاسىنى كېچىكتۈۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىدۇ ،ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ يۇقىرى جازا ئۆلچىمى ئاران 5 يىل بولىدۇ ،نەچچە 10 مىليونغار يەتسە 3-5يىللىققاماق جازاسى بېرىلسىلا ئۆتكەلدىن ئۆتىۋالىدۇ .شۇنداقكەن ،يەنە قايسى ئەخمەق ئۆزكاللىسى بىلەن ھېساپلاشماي،بۇ پۇللارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى«ئىسىدە تۇتسۇن ؟!».
مەنبە: ئەدەبىي تەرجىمىلەر
|