مائارىپ نازارىتى ئۇيغۇرچە ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق لىنىيلىك سۆھبىتى: ‹‹ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بىرىش سىياسەتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە››
سۆھبەت مەزمۇنى: ‹‹ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بىرىش سىياسەتلىرى توغرىسىداچۈشەنچە››
رىياسەتچى:ئىليار نۇرمۇھەممەت
مىھمان: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بىرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكبەرسىراجىدىن
ۋاقتى:2014-يىلى3-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 9:00(ئۈرۈمچى ۋاقتى)
سۆھبەت ئاساسىي مەزمۇنى:2007-يىلى 5-ئايدا گوۋۇيۈەن‹‹ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بىرىش سىياسىتنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئوتتۇرىغاقويدى. بۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپلەردىكى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بىرىش سىياسىتى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى. دۆلەت يەنە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بىرىش توغرىسىدا بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئائىلە ئىقدىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپلەرگەئوڭۇشلۇق كىرىش ۋە ئوقۇشىنى تاماملىشىنى تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بىرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكبەرسىراجىدىن بۇ توغرىسىدا كەڭ تورداشلارغا دۆلەتنىڭ بۇ سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بىرىدۇ.
سۆھبەت تەشۋىقاتى: 1. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھۆكۈمەت تورىنىڭ باش بىتىدە ئالاھىدە تەشۋىق قىلىندۇ. 2. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇچۇرمەركىزىنىڭ ئۇيغۇرچە مىكرو بىلوگى(بارمۇ مىكرو بىلوگى)دا ئىلان قىلنىپ تورداشلارنىڭ ئالاقىدارسۇئاللىرىنى توپلاپ سۆھبەت ئارقىلىق تورداشلارغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ. باش پىلانلىغۇچى: مۇختەر سادىق ئوپىراتور، چىراقچىلار : ئىلزات ئىبراھىم، جاڭ مىنتاۋ نەق مەيدان ماسلاشتۇرغۇچىلار: مۇختەر سادىق ،ئىليار نۇرمۇھەممەت، ئىلزات ئىبراھىم باش نازارەتچى: تۇرسۇن ئىبراھىم |