- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
  9.02%
|
Tamerlane يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 17:26 
مىھنەتسىز نەتىجە بولمايدۇ! پەخىرلىك ئوغلانىمىز شىرئەل ...
بەك ئېسىل گەپ بوپتۇ بۇ. توغرا، ئارىمىزدا نېمە تولا غەيۋەت تولا، نېمە تولا ۋاقىت تولا، پەقەتلا شۇ تۇتامىغا چىقمايدىغان قۇرۇق پاراڭ، باھانە- سەۋەب.
سىز بەلكىم بىر تەنھەرىكەتچى، ناخشىچى ۋە ياكى ھۈنەرۋەن، دېھقان، ئاق ياقىلىق زىيالىيدۇرسىز. ھامان سىز كۆز ئالدىڭىزدىكى ئىشلىرىڭىزدا ئازدۇر- كۆپتۇر نەتىجە قازانسىڭىز، كىچىك بولسىمۇ باشقىلار ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلسىڭىز، قولىڭىزدىن كەلسە پەللىمۇ- پەللە ئىلگىرىلەپ، چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلالىسىڭىز، ياكى بولمىسا شۇنداقلارغا ۋاسىتىلىق ياكى بىۋاسىتە ياردەملەرنى بەرسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆلچەملىك، توغرا قوللانسىڭىز، باشقىلارغا ياخشى خۇلۇق- مىجەزىڭىز، ياخشى ئىش- پائالىيەتلىرىڭىز بىلەن تەسىر كۆرسىتەلىسىڭىز ۋەھاكازالار، مانا بۇلار مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىق، دەۋر- جەمئىيەت ئالدىدا ئۆز بۇرچىڭىزنى ئادا قىلغانلىق بولىدۇ.
ئەتىدىن كەچكىچە قۇرۇق گەپ سېتىپ، ئاللىكىملەرنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىپ ھىجىيىپ، كەينىدىن قانچۇق ئىتتەك غاجاپ يۈرگەننىڭ نېمە پايدىسى.
ئۆتكەندە مۇشۇ مۇنبەردە ياسىن جىكسون توغرىسىدا بىر پاتمان پاراڭ بوپ كەتتى، ۋاقىت چىقىرىپ ئۆز قارشىمنى قويۇپ بولغۇچە ئۇ تېما ئۆچۈرۈلگەنمۇ بىلمىدىم يوقاپ كەتتى. شۇنداقلارغا دەيدىغىنىم: ياسىن جىكسون سىزگە نېمە قىلغان؟ بەلكىم شۇ تىللىغانلار ئەشۇ ياسىن ئەپەندىنى كۆرسە قىلغىلى قىلىق تاپالماي، ئەي ئاكا گىتارىڭىزنى بىر ئاڭلاي دەپ كېتەر ھەقاچان! (مەن پەقەت بۇنى مېسال سۈپىتىدە ئالدىم).
شۇڭا، كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىم، ئەمەلىيەتچىل بولايلى، ئۆز شارائىتىمىزنىڭ بارىچە، دەۋر بەرگەن شارائىتتىن ئىمكان بار ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىقتىدارلارنى ئىگەللەيلى، تېپىشقا تېگىشلىك ئىقتىسادنى تاپايلى، يۈكسىلەيلى، ئۆز ئارا ياردەمدە بولايلى، ئەمما زە، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالمايلى، غەيۋەت قىلمايلى! |
|