خانىم - قىزلار بۆرىكىڭىزنى ئاسىرمامسىز ؟
ئامېرىكا بۆرەك كېسەللىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە: قەنت تەركىبى بار گاز سۈيى ئىچىشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئالىملار ياپونىيەدە بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكاندىن ئارتۇق تەركىبىدە قەنت بار گاز سۈيى ئىچكەنلەرنىڭ ئاز ئىچىدىغان ياكى ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا، سۈيدىكىدىكى ئاقسىل مىقدارىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلار 12 مىڭدىن كۆپرەك ئالىي مەكتەپ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ سۈيدۈكىدە ئاقسىلنىڭ بار – يوقلۇقىنى ئۆلچىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان گاز سۈيى ئىچكەن ياكى تەركىبىدە تېخىمۇ كۆپ گاز سۈيى بار ئىچىملىكنى ئىچكەنلەرنىڭ %11 ىنىڭ سۈيدۈكىدە ئاقسىلنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، بىراق قەنت تەركىبى بار ئىچىملىكنى ئىچمىگەن ۋە ھەر كۈنى قەنت تەركىبى بار ئىچىملىكنى تەخمىنەن بىر ئىستاكان ئىچكەنلەرنىڭ سۈيدۈكىدىكى ئاقسىلنى تەكشۈرگەندە، مۇسبىيلىكنىڭ %8.4 ۋە %9 بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. چاشقاننى تەجرىبە قىلغان يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مېۋە شېكىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، بۆرەكنىڭ تۇز تەركىبىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشىيەلەيدىغان بىر تۈرلۈك ئاقسىلنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدىكەن، بۇ بۆرەكتىكى ھۈجەيرىنىڭ تۇز تەركىبىنى قايتا قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇمۇ ياشانغانلارنىڭ تەركىبىدە قەنت ماددىسى بار گاز سۈيى ئىچىشىنىڭ قەنت سىيىش كېسىلى، سېمىزلىك، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش ۋە يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.
|