ئالما ئاتىسى جوبىسنىڭ ۋەسىيتى
بەلكىم سىز نەچچە يۈز دوللار خەجلەپ "ئالما " ماركىلىق يانفۇنغا ئېرشەلىشىڭىز مومكىن . ھالبۇكى ، ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بايلىقى بار جوبىسنى پۇل ئەزرائىلنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمىدى . تالانىت ئىگىسى جوبىس تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا كەتتى ، بىراق ئۇ كىتىشتىن ئىلگىرى بىزگە مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇردى ؛
1 . ھەرگىزمۇ ئىغىر بىسىم ئاستىدا خىزمەت قىلماڭ ، بولمىسا ئۆزىڭىزنى چارچىتىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بىرسىز ، بۇنداق ئاقىۋەتنى ئەخمەقلىق دەپ بىلىڭ !
2 . يادىڭىزدا بولسۇن سىزدە بارى پەقەت تەن ، ئەگەر ساغلاملىق بولمىسا ، ھاياتتىكى ھەر قانداق بىر خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولالمايسىز ، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ زىيان بولماس .
3 . دوختۇر ھاياتىڭىزنى قۇتقازغۇچى بولالمايدۇ ، پەقەت ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قۇتقۇزالايسىز ، ياخشى كۈتۈنۈش ۋە ئۆزىنى ئاسراش ھەر قانداق جىددى قۇتقۇزۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ !
4 . ئادەم بەدەل تۆلىگەنلىكى ئىشتىن پايدا ئالالىشى ناتايىن ، پەقەت مەنپەئەت ئۈستىدىلا باش قاتۇرماي ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىپ بەدەل تۆلىگەندىلا ، ھامان بىر كۈنى ئەڭ بۈيۈك ئىناۋەت ۋە بايلىققا ئىرشىسىز .
5 . سىزگە مۇھەببەت بەرگەنلەرگە ھەرگىز سەل قارىماڭ ، تاكى ھەممە نەرسىڭىز تۈگەپ قاقشالغا ئايلانغان چاغدا ، ھاياتنى چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق ، قولىڭىزنىڭ بارىدا سىزگە مۇھەببەت بەرگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .
شۇنداق ئىشنى قانۇنىيتىگە بىقىپ قىلىڭ ، تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىدىن بەھىرلىنىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ ، ھاياتتىكى ھەر بىر كۈندىن ھەر قاچان ھوزۇرلىنىش سىزنىڭ ھىچكىم تارتىۋالالمايدىغان ھوقوقىڭىز .
ئەمدى تۆۋەندە جوبىسنىڭ ۋەسىيتىنى كۈچلەندۇردىغان ئۆزىمىزنىڭ ھىكمەتلىك ھىكايىلىردىن ئوقۇپ باقىلى ؛
بىر توپ مايمۇن دىھقاننىڭ قوناقلىرنى ئوغۇرلاپ يىيىشكە ئادەتلىنىۋالغان ئىكەن ، دىھقان مايمۇن تۇتىدىغان بىر ئەپچىل ئۇسۇلنى تىپىپ چىقىپتۇ يەنى شەكلى قاپاققا ئوخشايدىغان بىر بوتۇلكىنى دەرەخقە چىڭ باغلاپ ئىچىگە قوناق سىلىپ قويۇپتۇ ، قاراڭغۇ چۇشكەندە بىر مايمۇن دەرەخنىڭ تۈۋىگە كىلىپ قوناقنى ئىلىش ئۈچۈن قولىنى بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە تىقىپتۇ ئەمما قوناقنى سىقىمداپ ئالغانىدىن كىيىن قولىنى بوتۇلكىدىن تارتىپ چىقىرالماپتۇ ، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاران قولغا كەلگەن قوناقنى تاشلاپ كىتىشكە چىدىماپتۇ ، شۇنداق قىلىپ ئەتىسى دىھقان ئۇنى قولىنى بوتۇلكىغا تىقىپ تۇرغان ھالەتتە تۇتىۋاپتۇ .
سز چوقۇم ئادەم دىگەن مايمۇندىن كۆپ ئەقىللىق بولىدۇ ، بىز ھەرگىزمۇ ئۇ مايمۇندەك ئەخماقلىق قىلمايمىز دىيشىڭىز مومكىن ، ناۋادا ئاشۇ قوناقلار بايلىققا ، ساھىبجامال قىزغا ، ھوقۇققا ئالماشسا ، مەن ئويلايمەنكى قىلتاققا چۈشىدىغىنى مايمۇن ئەمەس ئادەملەر بولىدۇ . ئۇنداقتا مايمۇننى ئاشۇنداق ئەخمەقلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان زادى نىمە ؟
چىكىدىن ئاشقان ئاچكۆزلۈك ، ئاچكۆزلۈك ھەددىدىن ئاشسا ئاددىيلىق مۇرەككەپلىككە ، يىنىك ئېغىرغا ، خۇشاللىق كۆپۈككە ئايلىندۇ .
بىر پادىچى بالا تاغدىن بىلىپ-بىلمەيلا غەزىنىگە ئۇچراپ قاپتۇ ، ئۇ ئۆمرىدە بۇنچىلا كۆپ ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆرۈپ باقماپتىكەن ، شۇنداقتىمۇ ئۇ بىر پارچىلا ئالتۇننى ئىلىپ قايتىپ كەپتۇ . ئاشۇ بىر پارچە ئالتۇن ئۇنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىپتۇ . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بىر باي ھىلىقى تاغ ئۆڭكۈرىنى ئىزدەپ تىپىپتۇ ، ھەمدە بارىلىق يانچۇقىنى ئالتۇن - كۈمۈشكە تولدۇرغاندىن كىيىنمۇ يەنى رازى بولماي پۈتكۈل تاغنى ئۆڭكۈر بىلەن قوشۇپ يۆتكەپ كەتمەكچى بوپتۇ . بۇ چاغدا تاغ مۇئەككىلى زۇۋانغا كىلىپ " ئاچكۆزلۈك قىلما بولمىسا قاراڭغۇ چۇشكەن ھامان ئۆڭكۈر دەرۋازىسىنى تاقىۋەتسەم ، سەن ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە ئىرىشىش تۈگۈل جېنىڭنىمۇ ساقلاپ قالالمايسەن " دەپتۇ .
لىكىن ئۇنىڭ بۇ گىپى باينىڭ قۇلىقىغا كىرمەپتۇ . ئۇ ھە دەپ ئالتۇنلارنى يۆتكەۋاتقان چېغىدا گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۆڭكۈر دەرۋازىسى تاقىلىپ قاپتۇ . باي ئىككىنجىلەپ ئۇنىڭ ئىچىدىن قايتىپ چىقالماپتۇ .
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرى شۇنداق ئۆتىدۇ ، ئۇلار بىردەم ئۇنىڭغا بىردەم بۇنىڭغا ئېسىلىدۇ . كۈن بويى تىنىم تاپماي شاختىن - شاخقا قونۇپ يۈرىيدۇ ، لىكىن ئاخىرغا بارغاندا ھىچنىمىگە ئېرشەلمەيدۇ . چۈنكى ئۇنداقلار بەك ئاچكۆز بولىدۇ . ناۋادا بىر ئادەمنىڭ ئىنتىلىشى ئۇنىڭ ھاياتىنى پارلاقلىققا ئىگە قىلماي ، ئەكسىچە تىخىمۇ ئىغىرلاشتۇرۋەتسە ، بۇنداق ھاياتنىڭ يەنە نىمە ئەھمىيتى بولسۇن . ئۆز ھاياتىغا كويۈنۈش ، ھەممىدىن موھىم . سىز نام-ئابروي ، پايدا - مەنپەئەتتىن يىراق تۇرۇپ قالغان بولسىڭىز ھىچقىسى يوق ، كۆڭلىڭىز ئازادە بولسىلا بولدى ، چۈنكى ھەممىدىن موھىمى سىزنىڭ خۇشال - خورام ياشىشىڭىز . بۇ ھەرقانداق بايلىقتىنمۇ موھىم .
جوبىسنىڭ ۋەسىيتىنىڭ 4-ماددىسى بىلەن تۆۋەندىكى ھېكمەتلىك ھېكايىنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى ئەگەر جوبىس دەسلەپتىلا ، ھېلىقى بايدەك چوڭ مەنپەئەتنىلا كۆزلەپ ئۆز كەسپىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان ، ۋە مەلۇم ئىجادىيتىنىڭ مەغلۇبىيتىنى ئىتىراپ قىلىماي ھىلىقى مايمۇنغا ئوخشاش دەرھال ۋاز كەچمەي جاھىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا يۈزلەنمەي يۈرىۋەرگەن بولسا ھازىرقىدەك بۈيۈك ئىناۋەت ۋە بايلىققا ئىرىشەلمىگەن بولۇشى مومكىن ئىدى .
پايدىلانغان ماتىرياللار : ئۇندىدار ۋە «شلار ئۇچۇن 101 ھىكمەتتىن . »
|