ئېلى ۋىلايىتى تارىخى
نەزەر غوجا ئابدۇسېمەتۇف ( ئۇيغۇر بالىسى )
سۆز بېشى
بىز ئۇيغۇر بالىلىرى ، خۇسۇسەن تارانچى تۈركلىرى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى تارىخلىرىنى ، ئەل كېزەر مىللىي ئەرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ، قىسقىسى ، مىللىي تارىخىنى ئوبدان بىلمىگەنلىگمىزدىن ئاغىنە - ئۆڭگە ، ئەل - ياغى ، يىراق -يېقىن __ بۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى ئاڭقىرىپ ئاجرىتالمايمىز .
مانا شۇ سانالغان ئىشلارنى بىلىپ ئاڭقىرىش لازىم دېسەك ، ھەممىدىن بالدۇر مىللىي تارىخنى بىلىش لازىم بولغۇسىدۇر . زادى مىللىي تارىخنى بىلىشتىن مەقسەت : ئاتا- بۇۋىلارنىڭ بۇرۇنقى كۈن كۆرۈش رەۋىشلىرىنى ، باشلىرىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ، تۇتقان يۇللىرىنى ، دۇستلىرىنى ، دۈشمەنلىرىنى _ خۇلاسە : بارلىق ئەھۋاللىرىنى بىلىپ ، شۇنىڭدىن تەجىربىلەر ھاسىل قىلىپ ، ئالدىمىزدىكى ئۆمۈر ۋە كەلگۈسى ياشاش _ كۈن كۆرۈش يۇللىرىنى بەلگىلەپ مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قۇللىنىپ ، شۇ تەجىربىلەر ئارقىسىدا پۈتكۈل خەلقنى بەختىيار ھاياتقا سازاۋەر قىلىشتۇر.
دېمەك ، مىللىي تارىخنى بىلىش مۇتلەق لازىمدۇر . لېكىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر ئۇدۇمىنىڭ مىللىي تارىخى تەتقىقات ئېتىلگەن ئەمەستۇر . بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر مەلۇماتلار تاپچىراقتۇر . شۇنداق بولسىمۇ قاراپ يېتىشقا بولمايدۇ . تارىخ بىلەن ئىجىل ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان پۈتۈكچىلىرىمىز دالجىماي شامدىغايلىنىپ ئىشقا كىرىشسە ، ئەرزىرلىك بىر تارىخنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش چوقۇمدۇر. باشقا خەلىقلەر بىزنىڭ تارىخي ئەھۋاللىرىمىزنى بىلىش يولىدا ئالتە شەھەر چۆللىرىنى كېزىپ ، تۇرپان ۋە قومۇل خارابىلىرىنى كولاپ ، يەر تېگىدىن چىققان تاش ، كېسەك ۋە باشقا يوچۇن بۇيۇملارنى تېپىش ئارقىلىق تارىخىي مەلۇماتلار يىغىپ ، پۈتكۈل ئالەمگە نەشىر قىلىپ تۇرغاندا ، بىزنىڭكىلەرنىڭ ئۆتكەنلەر تەرىپىدىن نەشىر ئېتىلىپ ، مەيدانغا چىققان مەلۇماتلارنى يىغىپ بىرىش قاتارلىق ھىممەت ۋە غەيرەتلىرى بولمىسا ، بۇنى ئۆزىمىزنىڭ ھورۇنلىقىمىزدىن كۆرىمىز.
ئەمدى پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئومۇمىي مىللىي تارىخ يېزىشنى تارىخچىغا قويۇپ تۇرۇپ ، بىز چاغ يېتىشىگە قاراپ ، يالغۇز تارانچى تۈركلىرىنىڭ تارىخىغا دائىر بولغان مەلۇماتلارنى يىغىپ ، مۇشۇ << تارانچى تارىخى >> ناملىق رىسالىنى تەركىپ قىلىشقا كىرىشتۇق . بۇ يۇلدىكى مەلۇماتلىرىمىزنىڭ كەمچىل ، چولتىلىقىنى بىلسەكمۇ ، بۇ توغرىلىق تەشەببۇس ئەتكۈچى كۆرۈنمىگەنلىكتىن ، << يېتىپ قالغىچە ، ئېيتىپ قال >> دەپ يېزىپ قالماقچى بولدۇق .
ئۇشبۇ << تارانچى تارىخى >> ناملىق رىسالىنى تەركىپ ئېتىشتىكى مەخسىتىمىز __ تارانچى بالىلىرىنى ئۆز تارىخىي ئەھۋاللىرى بىلەن تونۇشتۇرماق بولسىمۇ ، تارانچى خەلقىنىڭ بۇرۇنقى ھەم كېيىنكى قارارگاھى بولغان ئىلى توغرىسىدا ئاز - تۇلا مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈشنىمۇ لازىم كۆردۇق.
<< ئىلى >> ئەسلىدە تېكەس ، ئاقسۇ ، ئاغىياس ، كۆكسۇ ، كۈنەس ، قاش دەريالىرىدىن تەركىپ تاپقان ۋە ئالىتاغدىن چىقىپ بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان دەريانىڭ ئىسمىدۇر . ئىلىنىڭ سۈي ئەلۋەك ، يېرى كەڭرى ، توپىسى .ئۈنۈملۈك ، ھوسۇلى مول ، تاغ - تۈزى تۈرلۈك مەدەنلەرگە باي ، تاش كۆمۈرى تولا ، ھاۋاسى تازا ، جۇغراپىيە جەھەتتىن كونا ۋە يېڭى مەركەزلىرىنى ، يەنى ئالمالىق ، غۇلجا ، قاينۇقلارنى ئېتىۋارغا ئالغان چاغدا ، 44-43 دەرىجە ئەرز شىمالى ( شىمالي كەڭلىك ) ، 97-98 دەرىجە شەرقىي ئۇزاقلىققا جايلاشقان
ئىلى يېرىنىڭ شۇنداق ئالاھىدىلىكىدىن بولسا كېرەك ، بۇرۇنقى زاماندىن تارتىپلا تۈرك بالىلىرىنىڭ جەۋلانگاھى بولۇپ كەلمىشدۇر . ئىلىدا ياشىغان تۈركلەر ئۇيغۇرلار بولۇپ ، زامانىسىدا لاۋازىم ، مەدەنىيەت ھېسابلانغان ئىشلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقلىرى مىللىي مۇ.ەررىخلەر ( تارىخچىلار ) تەرىپىدىن تەشرىھ ( بايان ) ئېتىلگەندۇر .( ش. ق. ت )
بۇرۇنقى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان كۆچمەن تۈركلەر تولا بۆۋەك بولغان ، ئۇلار دېڭىز دولقۇنىدەك ، كەڭ دىياردا بىر ئۇ ياققا - بىر بۇياققا يۆتكىلىپ ، بىر- بىرىنى ئەگىشىپ قوغلاپ ، ھايداپ ، سۈرۈپ يۈرۈشكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخ << ئىلىنىڭ قەدىمىي ، كونا ئەھۋالىنى ئوپ - ئوچۇق كۆرسىتەلمەيدۇ. ئىلىنىڭ مىلادىيەدىن 2 ئەسىر بالدۇرقى ئەھۋلى روشەن بولمىسىمۇ ، دەل شۇ چاغلاردا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا ھازىرقى تارغاباتاي بىلەن ئىلى تەۋەسىدە ( سى ) ناملىق خەلىقلەرنىڭ تۇرغانلىقى مەلۇمدۇر.
مىلادىيەدىن 171 يىل بۇرۇن ھۇنلار تەرىپىدىن قۇغلانغان گىتىلەر سىلەر ئۈستىگە باستۇرۇپ كەلگەن ئىدى . كېيىن ئالتىشەھەر ۋىلايىتىنىڭ خوتەن چۆرىسىدە يۈرگەن ئۇيسينلار گىتىلارنى قوغلاپ ، ھازىرقى يەتتىسۇدا ھۆكۈم پەرمانلىق قىلدى ، بۇلارنىڭ باش بارگاھى ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ئىدى . مىلادىيەدىن بىر ئەسىر بۇرۇن مەشھۇر سەيياھ جاڭ چەن دېگەن كىشى خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ئۇيسۇنلارغا ئەلچى بولۇپ كەلدى . مۇزارت ، خانتەڭرى ، ئىسسىق كۆل توغرىسىدا دەسلەپ تارىخىي مەلۇمات بەرگەن ئۇشبۇ زاتتۇر ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيسۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسى ئارىسىدا ئىناقلىق باشلاندى . ئەمما 2- ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن 5 - ئەسىرگە قەدەر چىنلىقلار بۇ تەرەپلەر بىلەن قاتنىشالمىدى . بۇ چاغدا ئۈيسۈنلارنىڭ جايلىرىنى توتانلار ( تۇڭغۇسلار ) ئېلىپ ، ئۈيسۈنلارنى تەڭرىتاغ تەرەپكە قوغلاۋىتىدۇ. 6-ئەسىردە ئالتاي تەرەپتىن كەلگەن تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى ھۆكۈمەت قۇرىدۇ . غەربىي ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزى يەتتىسۇدا ئىدى . 5- ئەسىردە پەرغانىدە باشلانغان قالايمىقانچىلىق غەربىي ئاسىيانىڭ يولىنى شىمالغا بۇرىۋىتىدۇ. بۇ چاغدا يەتتىسۇدا بۇددا دىنى تارقالغان ئىدى .بۇ ھال چىنلىقلارنىڭ بۇ ياقلار بىلەن قاتنىشىشىغا يېڭى يول ئاچتى . بۇددا سەيياھلىرىدىن شۇەن زاڭ مۇزارت بىلەن ئىلىغا چۈشۈپ ، يەتتىسۇدا ساياھەت قىلدى . ئىلى ھەمدە يەتتىسۇدا ياشىغان تۈركلەرنىڭ مەئىشەت ۋە مەدەنىيەتلىرىگە دائىر مۇپەسسەل مەلۇمات قالدۇرغان مۇشۇ زاتتۇر.
7 - ئەسىرنىڭ ئايىغىدىراق ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى ئۆزئارا تالاش- تارتىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە تاڭ خانلىقىغا بېقىنىپ قالدى .
8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بولسا ، يەتتىسۇ قارلۇقلارغا ئۆتتى . بۇلارنىڭ باشبۇغلىرى يابغۇ دەپ ئاتىلاتتى .
10 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەجۇسىي تۈركلىرىدىن بىر تائىپە قارلۇقلارنىڭ ھۆكۈم - پەرمانلىرىنى يوقىتىپ يەتتىسۇغا جايلاشتى . بۇلارنىڭ باش بۇغلىرى بۇغراخان دەپ ئاتالدى . باش بۇغلىرىنىڭ لەقەملىرىگە قارىغاندا ، بۇ تۈركلەر شۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ قۇۋۋەتلىك ، ئەڭ قۇدرەتلىك ئۇرۇقلىرىدىن توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر تائىپىسى دەپ ئۇيلىنىشقا بولىدۇ .
12 - ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىلى ھەمدە يەتتىسۇ قارا قىتانلارغا ئۆتتى . بۇلارنىڭ خانى گۆرخان دەپ ئاتىلاتتى . 13- ئەسىرنىڭ بېشىدا گۆرخان ھۆكۈمىتى كۈچلۈك نايمان دېگەنگە ئۆتتى . بۇ چاغدا ئىلى غۇلجىدا يېڭى بىر خان پەيدا بۇلدى . بۇ بالدۇرقى قاراقچىلار باشلىقى بولغان بوزەر ئاتلىق بىر مۇسۇلمان شۇ قەدەر كۈچ بىلەن ھەركەت قىلدىكى ، ئالمالىق شەھرىنى ئېلىپ ، ئۆزىنى تۇغرۇلخان دەپ ئاتىدى .بۇنىڭ ئۈستىگە ، چىڭگىز جەڭچىلىرىدىن قۇبلايخان چېرىك باشلاپ كېلىپ ، ئۆزىگە ۋاسال ( تابى ) قىلدى . ئەمما كۈچلۈك نايمان پۇرسەت تېپىپ ، بوزەرنى ئۆلتۈرۈپ ، ئالمالىقنى ياندۇرۇپ ئالدى . 1228- يىلى چىنگىز جەڭچىلىرىدىن جەبە نۇيان نۇرغۇن چېرىك بىلەن كېلىپ ، نايماننى قوغلاپ ، بوزەرنىڭ ئوغلى سوقناق تېگىننى ئالمالىققا خان قىلىپ ئولتارغۇزدى. شۇ چاغدا ئىلىدا ساياھەت قىلغان يوللىغ چۇسەي ئىلىدا ئاشلىق ۋە يەل- يىمىش مەھسۇلاتىنىڭ ئاۋۇن ، ئۆلكىنىڭ مەمۇرلىقىنى يازغان ئىدى.
مەشھۇر چىنگىزخاننىڭ ئۇلۇغ مەملىكىتى ئۇنىڭ ئوغلانلىرىغا بۆلۈنگەندە ، ئىلى چاغاتاينىڭ ئۈلۈشىگە تەگكەن ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى تولاراق ئىلى ياقىسىدا تۇردى . بۇلارنىڭ باش بارگاھى ( توپ ھورداك ) ئۇلۇغ ئايىپ دېگەن يەر بولۇپ ، ئاققۇرغان ئاتالدى . ئىككىنچى ئېتىمالغا كۆرە ھازىرقى قاينۇقدۇر . چاغاتاي خاننىڭ ئەمرى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلمان ئالىمى يۈسۈپ سەككاكىينىڭ خۇنخايدا بولۇشى بۇ ئېھتىمالنى قۇۋۋەتلەيدۇ . ئىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى كېيىنرەك چاغاتايلارنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇش مەيدانى بولدى . 1262 - يىللاردا ئارىق بۇقا بىلەن ئالغۇيلەر بۇ يەردە قانلىق ئۇرۇشلارنى قىلدى . مۇنداق ئۆزئارا ئۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىدە خانلار پات - پات يۆتكىلىپ تۇردى . ئاز زاماننىڭ ئىچىدىلا چاغاتايچىلاردىن يىگىرمىگە يىقىن ئادەم خان بولدى . ئۇشبۇ ماجرالارنىڭ ئەھۋاللىرى توغرۇلىق قەشقەر ، ئالىتاغ ، ئۇيغۇر ئېلىدە چاغاتاي ئۇدۇمىدىن نوپۇزلۇق ئادەم قالمىدى . شۇ سەۋەپتىن مۇڭغۇل تۆتىلىرى بۇخارادىن ئېلىغۇجا لەقەملىك ئىسەن بۇغا دىۋان ( چېچەن ) ئوغلىنى ئالدۇرۇپ ، ئۇيغۇر ئېلىدە خان كۆتەردى . ئىسان بۇغىنىڭ توقىلى ( كىچىك خۇتۇنى ) مىڭلى خوتۇندىن ( 730-ھجرىدە ) تۇغلۇق تۆمۈر ئىسىملىك بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلدى ( 1329-يىلى ) . بۇ بالا ئانىسى بىلەن موڭغۇلىستانغا ئۇزىتىلدى . سەۋەبى ئىسان بۇغىنىڭ چوڭ خوتۇنى ساتىلمىش ئۇنىڭغا كۈنچىلىك قىلاتتى .
ئسەن بۇغا ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئىلى يەنە خانسىز قالدى . ئىسەن بۇغىنىڭ يېقىن تۆرىلىرىدىن ئەمىر بولاجى ( 1348-يىلى ) موڭغۇلىستانغا بېرىپ ، بايىقى تۇغلۇق تۆمۈرنى خان كۆتۈردى.
تۇغلۇق تۆمۈر ئۆز ئوردىسىدا رەشىد ئەرشىدىن باغدادىي دېگەن كىشىنىڭ تەكلىۋى بىلەن مۇسۇلمان بولدى ( 1354-يىلى ) . ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا جۇراس ئوخشاش تۆرىلەردىن بىر نەچچىسى قارشى بولغان بولسىمۇ ، ئاخىر ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ مۇسۇلمان بولۇشتى. ئىلىنىڭ نامىنىڭ ئاتىلىشىدا مۇسۇلمان مۇئەررىخلىرى مۇنۇ ۋاقىئەنى مىسال كەلتۈرىدۇ . تۇغلۇق تۆمۈر بىلەن بىللە 160 مىڭ كىشى ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلدى . يېڭى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىخلاسلىرىنى كۆرسەتمەك ئۈچۈن باشلىرىدىكى كۇپپارلارغا خاس ھسابلانغان تەلپەكلىرىنى سۇغا تاشلىدى .شۇ چاغدا سۇ توسۇلۇپ ، بوغۇلۇپ ئىلى ياقىسىدا بۇلغان كۈرەنى خاراپ ئەتمەك بولغاندا تەلپەكلىرىنى سۇدىن ئېلىپ ، تاشلا دېگەن مەھەلدە << ئىلھا >> ، << ئىلھا >> ( ئېلىڭلار ) دەپ ۋارقىرغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن << ئىلا >> دېگەن سۆز بۇ سۇغا نام ۋە ئەلەم بولوپ قالدى ، بولمىسا بۇ سۇنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى جىم ئىمىش.
بۇ خەۋەرلەرنىڭ تۇغلۇق تۆمۈر مۇسۇلمان بولغان قىسمى شايەت تۇغرىدۇر . ئامما << ئىلى >> دېگەن نام تۇغرىسىدىكى گەپلەر غەلەتدۇر. ئىلى سۈيى ئۇنداق تەلپەكلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغىدەك ئاز سۇ ئەمەس . شۇنىڭدەك يەنە ئىلىنى بىر كىشىمۇ << ئىلا >> دېمەيدۇ . << ئىلى >> دېگەن نامنىڭ لۇغەت مەنىسىنى تەكشۈرسەك ، مەنىسى يەنە باشقىدۇر . << ئىلى >> ، << ئىللىق >> سۆزلىرى ئۇيغۇرلاردا - ئالتىشەھەردە - تارانچىلاردا كۆزگە يىقىملىق ، خۇش كۆرۈنۈشلۈك مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. دىمەك ، ئىلىنىڭ قالماقچە ئىسمى جىم بولسىمۇ ، ئۇيغيرچىسى ئىلىدۇر . لېكىن قالماقلارنىڭ ئىلىنى ئالتۇن دېيىشى يەنە مەلۇمدۇر . بۇلارنىڭ ئالتۇن دىيىشىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر . بۇرۇنقى زامانلاردا تۈركلەر ھەم موڭغۇللار چوڭ ئادەملەرنىڭ قەبىرلىرىنى ئۇلۇغلاپ ئالتۇنلۇق دېگەنلەر . بۇ كۈنلەردە تارانچىلارنىڭ يۈسۈپ سەككەكىي قەبرىنى ئالتۇنلۇق دېيىشى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك . بۇرۇن ھازىرقى قارادۆڭدە ( غۇلجىدىكى ) قالماقلارنىڭ قەبرىلىرى بولغان . شۇنىڭ ئۈچۈن قالماقلار ئىلىنى ئالتۇن دەپمۇ ئاتىغان . چىڭ پۇخرالىرى چىڭدىڭسى دەيدۇ، بۇ ئالتۇنلۇق دېمەكتۇر . ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىلى دىيىشىگە كەلسەك ، ئالتىشەھەرنىڭ قۇملۇق توپىلاڭ چۆلىدە ئۆسكەن ئۇيغۇر بالىسى ئىلىنىڭ كۆك مايسىسىنى كۆرۈشى بىلەن ئىختىيارسىز ئىلى دەپ ئۆتكەندۇر . بىز شۇنداق ئويلاندۇق ، شايەت توغرىدۇر .
تۇغلۇغ تۆمۈرخان ئۆز مەملىكىتىنى كەڭەيتىش يولىدا دېگىلىك ئادەم ئىدى . ئۇ تۈرك ئەمىرلىرى بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرىدا ھەممە ۋاقىت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كەلدى . ئەمىر تۆمۈر كەبىلەرنى ئۆزىگە قاراتتى ( 1360 -يىلى ) ، ئالتىشەھەرنىمۇ قولىغا ئالدى . ئۆز قولىغا كىرگەن يەرلەرنىڭ ئاباد ، مەمۇر بولۇشىغا تىرىشتى . ئوغلى ئىلياسغوجىنى سەمەرتقەندكە قويۇپ ئۆزى ئىلىدا تۇرغان چېغىدا ۋاپات بولدى ، قەبرىسى قورغاستىدۇر . تۇغلۇق تۆمۈر ئۆلگەندىن كېيىن ئىلياسغۇجا بىلەن ئەمىر تۆمۈر ئارىسىدا جېدەل چىقىپ ، ئىلياسغۇجا يېڭىلىپ ، ئىلىغا كەلگەن ئىدى . كەينىدىن ئەمىر تۆمۈر قوغلاپ كېلىپ ، ئىلياسغۇجىنى ئۆلتۈردى ھەم تۇغلۇق تۆمۈر خاننىڭ بىر قىزىنى نىكاھىغا ئېلىپ ، تەختى بولغان كۆكتاشنىمۇ ئېلىپ ، كوراگان ( خاننىڭ كۈ يۇغلى ) ئاتالدى . ئەمىر تۈمۈر بۇ سەپىرىدە ئۇلۇغ يۇلتۇزغىچە بارغان ئىدى . كېيىن ئالدىراشلىق بىلەن ئۆز يىرىگە ياندى . ئىلياسغۇجىدىن كېيىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ خېزىرغۇجا دېگەن ئوغلى خان بولدى . خىزىرغۇجا تۇرپان ۋە قۇمۇل ئاھالىسىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى . بۇددىستلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ، بىر خېلى شەھەرلەرنى پەتىھ ( ئىشغال) قىلىپ ، شېھىد بولدى. جەسىدى تۇرپاندا دەپنە قىلىنغان (1401) . ئورنىغا ئوغلى شاھىجاھان خان بولدى ( 1408) . ئاندىن خىزىرغوجىنىڭ ئوغلى مۇھەممەدخان خان بولدى . يېقىن زاماندا ئاچانوخو ئەتراپىدا بۇ خاننىڭ نامىغا سوقۇلغان تەڭگىلەر تېپىلدى . بۇنىڭدىن كېيىن شاھىجاھان ئوغلى نەقىشجاھان ، ئاندىن خىزىرغوجىنىڭ شىرئەلى ئىسىملىك ئوغلىدىن تۇغۇلغان ئۇۋەيىسخان خان بولدى . ئۇۋەيىسخان زامانىدا قالماقلار موغۇلىستانغا نەچچە قىتىم ھۇجۇم قىلىپ ، ئىلى بۇيىدا تولا قاتتىق ئۇرۇشلار بولدى . ئۇۋەيىسخاننىڭ يۇنۇس ، ئىسەن بۇقا ناملىق ئوغۇللىرى بار ئىدى . ئۇۋەيىسخاننىڭ قەبرىسى غۇلجىدىن 70 چاقىرىم شەرقتە ئاۋرال تېغى ئېتىگىدەدۇر . ئامما بۇ تەرەپنىڭ خەلقى مەزكۇر قەبرىنى ئۇۋەيىسخاندىن باشقا ھىجاز ۋىلايىتىدىن ( ئەرەبىستاندىن) كەلگەن ۋەيسەلقەرنى ناملىق كىشىنىڭ قەبرى دەپ ئاتىشىدۇ ، لېكىن بۇ قەبىر بىزنىڭ ئويىمىزچە ئانداق مەجھۇل ( نامەلۇم ) ۋەيسەلقەرنىنىڭ ئەمەس ، بەلكى ئېنىق ئۇۋەيىسخاننىڭكىدۇر . بىزنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇنداق مەجھۇل مازار شېرىپلەر جىق . بۇلارنىڭ تۇلاراغى تۈرك بەگلىرى ، جۇڭغار تۆرىلىرى بولۇشى ئېھتىمال . ئۇۋەيىسخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىككى ئوغلى خانلىق تالىشىدۇ . ئىسانبۇغا موڭغۇل بەگلىرىنىڭ يۆلىكى بىلەن خانلىققا ئولتۇرىدۇ . 1434- يىلى يۇنۇسنى قوغلايدۇ . ئۆزى 1462- يىلى ئۆلىدۇ . ئورنىغا دوسمۇھەممەت ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى كىپەك سۇلتان خان بولىدۇ ، كېيىن يۇنۇس كېپەكنى ئۆلتۈرۈپ ، ھاكىمىيەتنى قولىغا كىرگۈزىدۇ (.1472)
ئىلىدا جۇڭغارلار تەشكىلى
16- ئەسىردە يەتتىسۇدا قالماق ، قازاق ، قىرغىز ئۇرۇشلىرى بولۇپ تۇردى . 17 - ئەسىرنىڭ بېشىدا قازاقلار قالماقلار تەرىپىدىن قوغلاندى . 1634 - مىلادىيە تارىخىدا ئىلىدا جۇڭغار خانلىقى تەشكىل قىلىندى . باشلىقلىرى موڭغۇل باتۇرلىرىنىڭ ئۇدۇمىدىن ، غالدان ئاتىلاتتى . غالدان موڭغۇل قەبىلىلىرى بىلەن ئۆزئارا ئۇرۇشلاردا ئۈستۈن چىقىپ ، غالىپ بولدى . بۇ ئىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى قۇلغا كىرەۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئالتىشەھەرنى زەبىت قىلىشنىڭ پېيىغا كىرمىشلەر ئىدى . بۇ چاغدا ئالتىشەھەرنى چاغاتاي ئۇدۇمىدىن ئىسمايىل خان سوراپ تۇراتتى . ئىسمايىل خان بىلەن ھاكىمىيەت تالىشىپ يۈرگەن مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادىدىن ئاپپاق غۇجا لەقەملىق ھىدايىتۇللا ئىسىملىك كىشى بار ئىدى . ئاپپاق غۇجا ئىسمائىلخانغا ئۆزىنىڭ تەڭ كىلەلمەسلىگىنى بىلەتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىغا چۈشۈپ غالدانغا يولۇقتى . ئۆزىنىڭ مەرام ۋە مەخسەتلىرىنى تامام ئۇختۇردى . ئۆزىنىڭ ئالتىشەھەردە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغىنى ، غالدان ياردەم قىلسا ئالتىشەھەرنى زەبىت قىلىش سەھىل ( ئاسان ) ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ، غالداننى قانائەتلەندۈردى . غالدان بىر يىلغىچە ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ ، ئىسمايىلنىڭ ئۈستىگە يۈرۈپ ، ئاپپاق غوجىنىڭ ياردىمى بىلەن ئالتىشەھەرنى ئوڭايلا ئىشغال قىلدى . ئىسمايىلخاننى ئەسىر ئالدى . ئىسمايىلخان ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن يوق قىلىندى . ئالتىشەھەرنى باشقۇرۇش ئاپپاق غوجىغا تاپشۇرۇلدى . دېمەك ، شۇ چاغدىن ئېتىۋارەن ئالتىشەھەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچى تۈگەپ ، مۇستەقىل ئالتىشەھەر قالماقلارغا تابى بولۇپ قالدى( 1687 ).
جۇڭغار دۆلىتىنىڭ بىيلىگى غالدان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا نۆۋەتتىكى بىرسى __ قۇنتاجى بولدى . قۇنتاجى ئۆز زامانىسىدا ئاپاق غۇجا بىلەن ئىناق تۇرغان بولسىمۇ ، ئالتىشەھرنىڭ ھەممە چوڭ شەھەرلىرىدە قالماقتىن بىرەر نازىر قويۇپ ، غوجىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئىش- ھەركەتلىرىنى بايقاپ تۇرۇشنى ئۇنتىمىغان ئىدى . ئاپپاق غۇجىنىڭ قۇنتاجىغا ئىخلاسى تۇلا ئىدى . قۇنتاجىدىن قالغان ئىزنالار تېخىچە بار بولۇپ ، چاغاتاي بالىلىرىنىڭ ئوردىلىرىمۇ مۇشۇ يەرلەردە ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلىنىدۇ . قاينۇق __ خانلىق ياكى خانبالىق دېگەن سۆزلەردىن ئۆزگەرگەن بولسا كېرەك . ئاپپاق غۇجا ۋاپات بولۇشى بىلەن قۇنتاجىمۇ ۋاپات بولغان ئىدى . بۇ ئىككى مەملىكەت بىر يولى دېگىدەك ۋارىسلار قولىغا قالدى . شۇ چاغدا ئاپپاق غۇجىغا رەقىب كاسانى غۇجىلىرى دەپ ، يەنە بىر غوجىلار تائىپىسى بار ئىدى . بۇلار ئاپپاق غۇجا ئۆلۈشى بىلەنلا جانلاندى . << ئاپپاق غۇغىنىڭ بالىلىرى چولىنى قاچۇرماستىن ( ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي ) ، قالماقلارغا قارشى قوزغىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ>> ، _ دەپ قەشقەر نازىرى ئاباغاژان تۆرىگە چاقۇ قىلدى . نازىر بۇ خەۋەرنى قۇنتاجىنىڭ دادىسى باستۇقۇغا بىلدۈردى . قالماقلار غۇجىلاردىن شۈبھىلىنىپ رەھىن ( گۆرۈ) سورىدى ۋە ئاپپاق غۇجىنىڭ ئەخمەت تېگىن دېگەن تۇققىنىنى ( نەۋرىسىنى ) رەھنە ( گۆرۈ ) قىلىپ ئىلىغا ئەكەتتى . قۇنتاغىنىڭ ئوغۇللىرى بولسا ئۆزئارا تۆرىلىك ( مەنسەپ ) تالىشىشقا كىرىشكەن ئىدى . داباچى دېگەن كىشى ئۆزىنى جۇڭغارىيانىڭ تۆرىسى دەپ ئېلان قىلغاندا ، ئىككىنچى ئوغلى خالدان شېرىن قارشىلىق بىلدۈردى . دېمەك ، جۇڭغار خەلقى پىرقىگە بۆلۈندى . جۇڭغارلار زامانىسىدا ھازىرقى قاينۇققا يېقىن بىر مەھەللىدە تاغلىق ئاتالغان خالخىن تۈركلىرىنىڭ بىر شەھىرى بار ئىدى . باشلىقلىرى مۇھەممەت ئەمىن دېگەن كىشى ئىدى . بۇلار قالماقلارنىڭ ئۆزئارا تالاش ۋە جېدەللىرىدىن پايدىلىنىپ ، ئوردىدا يۈرگەن غوقىلار بىلەن بىرىكىپ ، ئىختىلال ( قوزغىلاڭ ) چىقاردى . بۇلار موخاس ، جوي تالاس ، ماڭلاي سوبۇخ ، ماڭلاي جولاردا يەتتە كۈن ، خونخاي تۈزىدە توققۇز كۈن ، ئاندىن يېنىپ جوي تالاستا يەنە يەتتە كۈن ، تېكەستە بەش كۈن جەڭ قىلىپ ، قالماقلار بىلەن تەڭ كىلەلمەي ، كۆكىنەك داۋانى ئارقىلىق كۇچار تەرەپكە كەتتى . كۇچار ھاكىمى ئابدۇلكەرىم بەگ بۇ قاچقۇنلارنىڭ ئالدىغا بىر مىڭ ئاتلىق چېرىك بىلەن بىرمىڭ ئېگەر- توقۇملۇق ئات ئەۋەتتى . قالماق چېرىكلىرى ئامۇرسانا دېگەن باشلىقىنىڭ قول ئاستىدا قوغلاپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر تۈرلۈك ئكتكەك ئاغرىقى پەيدا بولۇپ ، يېنىپ كىتىشكە مەجبۇر بولدى . تاغلىقلارنىڭ بۇ ئىختىلاللىرىدىن كېيىن ، ئالتىشەھەر غوجىلىرى ئىستىقالىيەت ئېلان قىلدى ، بۇنى باھانە قىلغان قالماقلار ئالتىشەھەر تابىسىدىكى تۇرپاننى بۇلىدى . تۇرپا ھاكىمى ئەمىنبەگ بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ ، ئاپپاق غۇجا ئەۋلاتلىرىدىن ياردەم سورىدى . لېكىن ئاپپاق ئوغۇللىرى بۇ چاغدا ئاق تاغ، قارا تاغ ( ئاق تۇغ ، قارا تۇغ ) نامىدا ئىككى پىرقىگە ئاجراپ ، قان تۆكۈشكە باشلىغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمىبەگنىڭ مۇراجىئەت ۋە تىلەكلىرى ئىلتىپاتقا ئىلىنمىدى . قالماقلارنىڭ ئۆزئارا تۆرىلىك تالىشىشى ناھايىت كۈچلىنىپ ، نەتىجىدە بىر پىرقە كىشى يېڭىلىپ قالدى .
بۇ تۆرىلىك تالاشتا مەغلۇپ بولغان پىرقە چىڭ ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىپ ، ئۇلاردىن تكرىلىكنى ئېلىشقا ياردەم سورىدى . قالماقلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭلىرىدىن زەربە يېگەن دەرتمەن تۇرپان تۈركلىرى نامىدىن تۇرپان ھاكىمى ئەمىن بەگ مانجۇلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى . مانجۇ خانى تۇرپان ئەلچىلىرىگە تولا ھۆرمەتلەر كۆرسەتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىلىگە ماڭغان چىرىكلىرىگە ياردەمدە بولىشىنى جېكىپ ، ئەلچىلىرىنى ياندۇردى . ئەمىنبەگ چىڭ چېرىكلىرىگە مۇئاۋىن چېرىك ( ياردەمچى چېرىك ) قوشۇپ ، جۇڭغارىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى ئىلى ۋىلايىتىنى زەبىت قىلدى ھەم تاغقا قاچقان جۇڭغار خانىنى تۇتۇپ ، چىڭ ئەمەلدارى جاڭجۇڭغا تاپشۇردى ( 1756) . ئەمىن بەگنىڭ ئۇشبۇ تەرىقە خىزمەت كۆرسەتكىنى ئۈچۈن چىڭ ئەمەلدارى جاڭجۇڭ ئۇنىڭغا ( ۋاڭ ) دېگەن دەرىجە بەردى ۋە بۇ يەردىكى پۇقرا ھۆكۈمىتىنى ئەمىنبەگنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى . بۇ ۋاڭلىق مەنسەپ بالىدىن بالىغا قېلىش شەرتى بىلەن ئەمىن بەگ چېرىكلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ، تا قەشقەرگە قەدەر ھەممە شەھەرلەرنى زەبىت قىلدۇردى ( 1794) . ئۇنىڭ نەسلى مۇشۇ ۋاسىتىلىق خىزمىتى بارابىرىگە تا شۇ كەمگىچە ۋاڭلىق ، ھاكىملىق دەرىجىسىدە بولۇپ كەلدى . بالدۇرقى زامانلاردا بىر يەرگە ھاكىم قويماق لازىم بولسا ، مۇتلەق ئەمىنبەگ نەسلىدىن قويۇش مانجۇلارغا قانۇن ئىكەن . كېيىن جاھانگىر غۇجىنى تۇتۇپ بەرگىنىگە مۇكاپات تېرىقىسىدە بۇ مەنسەب ئالتىشەھەرلىك ئىسخاق دېگەن ئادەمگە سۇيۇرغا قىلىنمىشتۇر.
ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
مەنبە : ئېلى دەرياسى
ئەسكەرتىش : بۇ ئەسەر ئىككى تېما قىلىپ يوللانغان بولۇپ تورداشلارنىڭ پىكرى چېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلار ئىككى تېمىنى بىرلەشتۈرۈپ قويدۇق ، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز .
|