- تىزىملاتقان
- 2014-1-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 812
- نادىر
- 0
- يازما
- 26
ئۆسۈش
  62.4%
|
داۋامى :
چاۋىس جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى جىياڭ زىمىننىڭ ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى ،جۇڭگونىڭ تەجىربىلىرىنى ئۈگىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىدىغانلىقىنى مۇخبىرلار كۆپ قېتىم ئېيىتقان .جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى مەركىزى كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش تىيەن جىيۇن ۋىنسۇئىلادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە،چاۋىس زۇڭتۇڭ مۇئاۋىن كومىتىت باشلىقى تىيەن جىيۇننىڭ جۇڭگودىكى ئەھۋالى تۇغۇرسىدىكى تونۇشۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،يەنىلا قانائەت ھاسىل قىلغاندەك ھېس قىلمىغان ئۇ چاقچاق ئارىلاش يولداش تىيەن جىيۇن پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ۋېنسۇئېلاغا كېلىپ دەرىس ئۆتۈپ ،قۇڭگونىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجىربىلىرىنى ئۈگىتىشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان .ئۇھەتا بۇ كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقانلىقىنى ئېيىتقان .
چاۋىس سىياسەتچى بولۇپ قالماستىن ،بەلكى جانلىق ئادى ئادەم ،ئۇ قىززىق مىجەز ،يۇمۇرلۇق كەسكىن ،قەتئى ،ئۇششاق چۈششەك ئىشلاغا پەرۋا قىلمايدىغان ،بۇلۇپمۇ خاتالىقنى ئېتراپ قىلىشقا جۈئەتلىك ئادەم.چاۋىس كەمبەغەللەرنىڭ دەردىگە يېتىدۇ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ،ۋىنسۇئېلادىكى كەمبەغەللەر مائارىپ ۋە ئىجتىمائى پاراۋانلىققا ئوخشاش چوڭ ئىشلاردىن تارتىپ شەخىسلەنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى ،ئىشا ئورۇنلىشىش، كىيىم كېچەك ۋەيىمەك ئىچمەك قىيىنچىلىقىدەك كىچىك ئىشلارغىچە بولغان ئىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چاۋىسنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە ئىزدەپ بارىدۇ.
چاۋىس ئۆزىمۇ كەمبەغەللەنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىگە خوشال،شۇڭا ئۇمەيلى چوڭ ئىش بولسۇن ياكى كىچىك ئىش بولسۇن ،چوقۇم ئۆزى بىۋاستە سۈرۈشتۈرىدۇ ۋە ئادەم ئەۋەتىپ،ئىشنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل قىلىدۇ.دەل ئەنە شۇنداق بولغاچقا ،چاۋىس «ئاۋام زۇڭتۇڭ» دېگەن ياخشى نامغا ئېرىشكەن ھەمدە ئوتتۇر قاتلام ،تۆۋەن قاتلامدىكى ۋىنسۇئىلالىقلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە ۋە قاتتىق قوللىشىغا ئېرىشكەن ،غەرىپلىك مۇخبىرلارنىڭ كۆرسىتىشىچە ،ۋىنسۇئىلا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدى دۇنيادىكى كەمبەغەللە ئەڭ كۆپ توپلىنىدىغان زۇڭتۇڭنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنى ئىكەن .
چاۋىس ئوييۇرا قاتلامدىكى ۋىنسۇئىلىقلارنىڭ قەتيئى قوللىشىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا سىياسىي ئۆزگىرىش داۋامىدا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ھاكىنىيەتنى يېڭىباشتىن قولىغا كىرگۈزۈلىدى.
بۇ يەردىكى تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ،چاۋىس بۇ قېتىم ھاكىمىەتنى يېڭىباشتىن قولىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ،ئارتۇقچىلىقلارنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ ،يىتىشسىزلىكلەرنى تۈگۈىتىپ ،كۆپ ساندىكى ۋىنسۇئىلىقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ،جەمىيەتنىڭ نورمال تەلىپىنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش-كەلتۈرمەسلكى ،خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆستۈرۈش -ئۆستۈرەممەسلىكى ئۇنىڭ ۋىنسۇئىلادا ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئاخىرقى ھىساپتا ئەمەلگە ئاشۇرشىدىكى ئاچقۇچ بولۇپ قالىدىكەن .
تۈگىدى
|
|