- تىزىملاتقان
- 2013-1-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1814
- نادىر
- 1
- يازما
- 21
ئۆسۈش
  81.4%
|
قەيسەر مىجىت ئاكىمىزنىڭ ئەدەبىي ئاخبىراتلىرى مىللەتكە بولغان چۇڭقۇر مۇھاببەت ۋە قويۇق مىللىي روھ بىلەن تويۇنۇپلا قالماي يەنە يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت ئارقىلىق يۇغۇرۇلغان . قەيسەر ئاكىمىزنىڭ ئەدەبىي ئاخبىراتلىرنىڭ يەنە تىلى ناھايىتى چۈنۈشلۈك ،گۈزەل ۋە پاساھەتلىك بولۇپ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كىيىنكى مەزگىلىرى بىلەن بۈگۈنكى دەۋىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رىئال تۇرمۇش كاتىنىلىرىنى ،مىللىي ئىدولوگىيىسىنى ، سىياسى-ئىجدىمائىي ھالىتىنى ، ئىلىم-مەرىپەت ئوچاقلىرىدىكى بىر دەۋىرلىك قاينام تاشقىنلىق ئەھۋالىنى ناھايتى يارقىن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . يازغۇچى ئاكىمىز شۈبىھسىزكى بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىي ئاخبىراتچىلىقىنىڭ يىتەكچىسى ۋە سەردارى بولۇشقا ھەققى مۇناسىپتۇر . ئۇيغۇرلاردا ھەرقايسى دەۋىرلەردە بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ئىلىم ساھىبلىرى چىقىپ مىللىتىمىزنىڭ ھازىرىقى زامانغىچە يېتىپ كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان . ئۇلار ئاشۇ ئۆزلىرى ياشىغان دەۋردىكى مىللەت گەۋدىسىنىڭ پاراۋۇزى ۋە مىللى ئىدولگىيىنىڭ مېڭىسى بولغان ئىدى . شۇ سەركىلىرىمىز بولغاچقىلا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي كىمىلىكى ئېغىر بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن . قەيسەر ئاكىمىز بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە دەل ئاشۇنداق رول ئويناۋاتقان مىللەت سەركىلىرىنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىللىرىنىڭ بىرى دەپ قارايمەن .
|
|