- تىزىملاتقان
- 2013-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 323
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  11.5%
|
مائارىپقا ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغاندىن كېيىنلا مائارىپ بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى، بۇرۇن مەكتەپلەردە پۇل يوق ۋاقىتتا مۇدىرلار ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلەتتى ھازىر بولسا مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ كىچە كۈندۈز ئويلايدىغىنى ئىقتىساد يەنى قايسى تامنى ئۆرۈپ قايتا سېلىش، قايسى سىنىپنى ئاقلاش... يەنە ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلگەن ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش پۇلىدىن قىسىۋېلىپ نەپ ئۈندۈرۈش، ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەتلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ فورما كىيمىگەن ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلاردىن نۇمۇر تارتىش ئارقىلىق نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ھەر مەۋسۇمدە بىر يۈرۈش مەكتەپ فورمىسى زورلاپ سېتىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن تۇتۇپ سۈپەتسىز كىيىم سېتىش، يەنە ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇشقا ئەۋەتىش، ئارىيەتكە بېرىپ ئىشلەش قاتارلىق ئۇسۇللا ئارقىلىق سېتىپ خەجلەش، ..... ئشقىلىپ بۇ ئەھۋاللار خوتەننىڭ يېزىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۆرسە ئادەمىنىڭ ئىچى سىرىلىدۇ، بەزى پەنلەرنىڭ نەتىجىسى ئىككى خانىلىق سانغىمۇ يەتمەيدۇ. |
|