- تىزىملاتقان
- 2013-4-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 176
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
  58.67%
|
باللارنىڭ مەكتەپتىن قېچىشى بىر كۈندىلا ياكى بىر يىلدىلا بولغان ئىش ئەمەس.
1- قوشتىل دېگەن نام بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىش بېرىۋاتقان ئەمەلىيەتتە تاق خەن تىللىق ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى ئانا تىلنىڭ چەتلەشتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇئۆز ئانا تىلىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرەلمىگەن باللار خەنچە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى تېخىمۇ ئۆزلەشتۈرەلمەيدۇ دە شۇنىڭ بىلەن باللارنىڭ پىكىر قىلىش، ئىنكاس، تەپەككۇر قاتارلىق ھىسسىي ئورگانلارنىڭ خىزمەت مىخانىزىمىدىن چاتاق چىقىدۇ.
2- مۇشتەك باللارغا مەكتەپلەردە ئۆتۈلدىغان دەرسلەرنىڭ قېيىنلىشىش دەرجىسى خىېللا يۇقۇرى ئىشەنمىسىڭىز تەكشۈرۈپ بېقىڭ.
3- باللارغا بېرىلدىغان تاپشۈرۈق ھەددىدىن زىيادە كۆپ بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ.
4-بىچچارە سەبىي باللار روھى بېسىمنى كۆتۈرەلمەيۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە باللارنىڭ مەكتەپتىن چىقىۋاتقان ھالىتىنى كۆرسىڭىز يىراق سەپەردىن كەلگەن چوڭ چامادان سۆرەپ كىتىۋاتقان ھارغىن يولۇچىنى ئەسلىمەي تۇرالمايسىز.
5-كىچىك تۇرۇپ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ تىز تۈگۈشىدىغانلارغا تەۋە.
مىنىڭدەك بىر دېھقاننىڭ ھىس قىلىشىمچە يۇقارقىدەك بىر قاتار ئىشلارنىڭ گىرەلەشمە نەتىجىسىدە باللارنىڭ مەكتەپتىن قېچىشى تەبىئىيلا. ئوقۇغۇچىلاردىكى داۋامسىزلىق مەسلىسنى ھەل قىلىش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، ۋە ياكى ئاھاللەر كومتېتىنىڭ ئارلىششى بىلەن ھەل بولمايدۇ ئۇ ئارقىلىق ھەل بولغان تەقدىردە باللار ئۆزىنى مەكتەپتە ئەمەس تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ۋاقىتلىق جىنايەتچىدەك تولا سائەتكە قاراپ قاچان ۋاقىت توشار دەيدىغان ئاڭ شەكىللىنىدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى بىزنىڭ مائارىمىز تۈگەشكەن مائارىپ يەنى تۇنجۇقتۇرۇش مائارىپى، چۆكتۈرۈش مائارىپى. |
|