ئېلاۋە: كەيپىم خۇش چاغلاردا تۆكۈپ قويغان خىياللىرىم ئىكەن. كىملەرنىڭ بېشىدىن ئۆتمىگەن بۇ ياشلىق، كىملەرنىڭ يۈرىكىنى تىترەتمىگەن مۇھەببەت؟!
1. نامەلۇم قىزغا...
شۇنداق گۈزەل چاغلار ئىدى ئۇ،
سەن ئاشىقسەن، مەن چوقۇم كىچىك. كەلگىنىدە ئىمزاسىز خېتىڭ، ئوقۇمىدىم مەن ئۇنى ئىتتىك.
بىر چىرايلىق ئىكەن پۇچۇركاڭ، تۆكۈلىدۇ ئۇندىن مۇھەببەت! مەن ئۇ چاغدا سۆيۈلۈپ بولغان، شۇڭا ساڭا دېمىگەن رەھمەت!
يىگىت ئاشىق بولسا بىراۋغا، ياقار ئىمىش مەيدىنى يەرگە. ئەي ئاشىق قىز، ساھىبجامال قىز، سەن تۆكۈپسەن ئۇنى قەغەزگە.
كىملىكىڭنى بىلمىدىم ھەتتا، تاپالمىدىم قىياس قىلىپمۇ. ئاشىقلىق ئۇ، قىپتۇ شائىرە، ئۇنۇتمىدىم يىللار ئۆتسىمۇ!
سەن چوقۇمكى ۋىجدانلىق ئىنسان يۈرىكىدە سۆيگۈ قاينىغان. سۆيۈشكىمۇ كېتىدۇ ئەقىل، ئەقىل، ۋىجدان ئەسلى بىر تۇغقان.
ئەمدى ياشلىق چارچاي دېگەندە، كىرىپ قالدىڭ خىياللىرىمغا. قانچە ئازاپ چەككەنسەن شۇ چاغ، سەن جاۋاپسىز قالغان چېغىڭدا!
ھايات مېنى ماڭدى پىشۇرۇپ، ھەم ئۆگەتتى نۇرغۇن نەرسىنى: "سۆيگەنلەرنى سۆيەلمىسەڭمۇ، يارا قىلما ئۇلار قەلبىنى!"
سەن يەنىلا ماڭا نامەلۇم، يەشكۈم يوقتۇر بۇ تەڭلىمىنى. بىراق ئوقۇپ قالساڭ يازمامنى، قوبۇل ئەتكىن تەشەككۈرۈمنى!
2. غايىۋى ئاشىق...
«تاشلىدىم» دەيدۇ تاشلىيالمايدۇ، «تاشلىغىن» دەيدۇ تاشلىتالمايدۇ. «يۇلتۇزمەن» دەيدۇ، ئەمما ھېچقاچان، كۆڭلى گۇگۇمدا چاقنىيالمايدۇ.
"ئۆچۈردىم" دەيدۇ،- بەلكى ئىچىدە، ئۆزى ئوت بولۇپ كۆيۈپ تۇرىدۇ! ئويلاپ يىگىتنىڭ شىرىن سۆزىنى، سىمالىرىنى سۆيۈپ يۈرىدۇ!
3. بېجى يوق خىيال
غۇر-غۇر شامال ئېلىپ كەتكىن خىياللىرىمنى، ساھىلىڭدا مېڭىپ يۈرگەن گۈزەل قېشىغا. بوران بولۇپ شۈمۈرسەڭمۇ شۈمۈرگىن مېنى، شېكەر قىلىپ سېلىپ بەرگىن ئۇنىڭ چېيىغا.
لەھەڭ بولۇپ ئۈزەي ئۇنىڭ ئوكيان كۆزىدە، مەستخۇش بولۇپ دەلدۈگىنەي ئۇنىڭ سۆزىگە. سەنەقەسكە دەسسەي دەيمەن راسا تەڭكەش قىپ، مۇھەببەتلىك بۇ ھاياتنىڭ لەرزان كۈيىگە.
|