- تىزىملاتقان
- 2011-4-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 677
- نادىر
- 0
- يازما
- 29
ئۆسۈش
  35.4%
|
بۇ مەزمۇن 25قەۋەتتىكى xortikinدە2011-06-15 13:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن بۇ يازمىنىڭ ئاخىرىنى يازماسلىقنى قارار قىلدىم،كىچىككىنە بىر تەسىرات يازمىسىنىڭ بۇنچىلىك كۆپ مۇنازىرىگە سەۋەپ بولىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن،ئۇنىڭسىزمۇ قولۇمدا يېزىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ماتىرىيال تۇرۇپتۇ،مۇشۇلار ئۈچۈن باش قاتۇرماي بۇ مۇنازىرىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ كەتسەم بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ،ئەڭ ياخشىسى بۇ مۇنبەر مېنىڭ سەل ۋاقتىم چىققاندا زىيارەت قىلىدىغان مۇنبىرىملا بولۇپ قالسۇن،مېنىڭ بۇ ئەدەپسىزلىكىمنى كېچىرىڭلار..... مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئينەزەر بۇ يازمىنىڭ ئاخىرىنى يېزىشىڭىز كېرەكمىكن،،،،،چۈنكى دەل بۇ مۇنازىرلەر ئارقىلىق قايسى جەھەتلەردىن ئۆزىڭىزدىكى بار بولغان ۋە تولۇقلاشقا تېگىشلىك تەرەپلەرنى تولۇقلىۋېلىشىڭىز مۇمكىن ئادەم دەل موشۇنداق پۇرسەتلەر بىلەن ئۆزى بايقاشقا ئۈلگۈرمىگەن نۇرغۇن تەرەپلەرنى بايقاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ ،،،شۇنداقلا كېينىكى يازمىلىرىڭىزغا نىسبەتەن پايدىلىق پىكىرلەر ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن ،،،،بۇ بىر نەچچە مۇنازىرە سەۋەبلىك بۇ يازمىنىڭ ئاخىرى چىقماي قالسا بەكمۇ ئەپسوسلىنارلىق ئىش بولىدۇ ،،،، ئەمما بۇ مۇنازىرلەرگە قاتنىشۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى سەمىمىي تۈردە پىكىر قىپتۇ ،،،، ئۆزۇمنى ئېلىپ ئيتسام باغداش دىگەن گەپ چىقىشى بىلەنلا قىزىقىپ بۇ يازمىنى ئوقۇغان ئىدىم ،،،،مەنلا ئەمەس نۇرغۇن دوسلار ئۆز يۇرتىغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت ۋە كۆڭۈل بۆلۈش پىسخىكىسى بىلەن بۇ مۇنازىرلەرگە ئىشتىراك قىلغان . <دوسىت يىغلىتىپ ئيتار ،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ> دەپ سىزگە ئوخشاش خەلق چوڭ كۆرۈپ ھۆرمەتلەۋاتقان قەلەم ساھىبىلىرىدىن باشقىلارنىڭ كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ شۇ قاتاردا چوڭ كۆرۈپ مۇكەممەل بىلىشى تامامەن تەبئىي ئەھۋال ،،،،ھالبوكى ، ھازىر تىل-يېزىقىمىزغا كېلىۋاتقان خىرس بىزنىڭ كاللىمىزنى ھە دىگەندىلا غىدىقلاپ تۇرغاچقا ئۈمىدىمىز سىزدەك شائىر -يازغۇرىلارنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن بۇ سۆيۈملۈك دىيارغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان بىر ئادەمنىڭ قەلىمىدىن قەلبىمىز قانغۇدەك ،روھىمىز تويۇنغۇدەك ھاسىلاتلارغا ئېرىشىش تەقەززاسى ،ھە-دىگەندە يوقىردىكى مۇنازىرلەرگە سەۋەب بولدى ،،،، |
|