كىملىكى ، نوپۇسى ۋە ھېچقانداق ئائىلە تاۋاباتلىرى يوق كىشىلەر قانداق قىلىش كېرەك ؟
ئۆتكەندە بىر توردىشىمىز مۇشۇنداق ئىشتىن مەسلىھەت سوراپ بىر تېما يوللاپتىكەن ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، مەن ج خ نازارىتىنىڭ خەت ساندۇقىغا مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سوراپ خەت يازغان ئىدىم . 10 كۈن ئەتىراپىدىمىكىن جاۋاپ خەت كەپتۇ . ئوقۇپ باقسام بەرگەن جاۋابى مۈجىمەلكەن . شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر خەت يازدىم . 3كۈن ئەتىراپىدا يەنە جاۋاپ خەت كەپتۇ . قارىسام بىر تېلفۇن نومۇرىنى ئەۋەتىپتۇ . ئاشۇ نومۇردىن تەپسىلى سوراپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىپتۇ . ئۇ نومۇرغا تېلفۇن قىلىپ ، بىر مۇنچە گەپ قىلىپ بولسام يەنە ئىككى نومۇرنى دەپ بەردى ( 0991---5586182 5586185 ) مەن 5586182 گە تېلفۇن قىلدىم . ئۇ خادىم ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاشۇ ئادەم ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ( بەلىكىم دائىم تۇرۇۋاتقان ،ياكى تۇرماقچى بولغان بولغان جاي بولىشى مۈمكىن) غا派出所ساقچىخانىغا بېرىپ تەپسىلى كونكىرىت ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشنى ،(ئەمەلى ئەھۋالغا قارتا يازمىچە ئىلتىماس يېزىشى مۈمكىن) .بۇ جەھەتتە ئېنىق بەلگىلىمىلەرنىڭ بارلىغىنى ، قايسى خىل ئەھۋالغا ماس كەلسە شۇ خىل ئەھۋالغا قارتا بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى دەپ بەردى .
مېنىڭچە بۇ ئىش بەكمۇ مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەسلىگى مۈمكىن . ئاشۇ تېمىنى يېزىپ يوللىغان توردىشىمىز ھەمدە باشقا تورداشلارنىڭ پايدىنلىشى ئۈچۈن بۇ جاۋاپنى تېما قىلىپ يوللاپ قويدۇم .مۈمكىن بولسا تېمىنى يېزىپ يوللاپ بەرگەن توردىشىمىز ئۆزەمنىڭ : ‹‹ ياخشى ئىش قىلساڭ ئوغال بالىدەك ئاخىرغىچە قىلىپلا تۈگەت !!›› دىگەن پاساھەتلىك ھېكمەتلىك سۆزۈمنىڭ روھىغا ئاساسەن ، يازمىچە ئىلتىماستىن بىر پارچە تەييارلاپ ، ئاشۇ قېرىندىشىمىزنى باشلاپ، تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ساقچىخانىغا بېرىپ بېقىشىنى سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن ! سىلەرگە ئامانلىق ، خاتىرجەملىك ھەم ئۇتۇق تىلەيمەن!
|