- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11330
- نادىر
- 23
- يازما
- 363
ئۆسۈش
  100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-27 14:08
ۋەتەندىكى قېرىنداشلار مېنىڭدىن دائىم بالىلىرىمنىڭ قانداق ئوقۇۋاتقانلىقى توغرىلىق سوئال سورايدۇ. بۈگۈن بۇنىڭغا قىسقىچە جاۋاب بېرەي. مېنىڭ ئىككى بالام بولۇپ بىرى قىز ئۇ ۋەتەندە تۇغۇلغان. قىزىم ئالىي مەكتەپنىڭ ئىختىساس فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ھازىر خىزمەتچىسى 30،000 دەك چوڭ بىر شىركەتنىڭ باش شتابىدا ئىشلەيدۇ. ئۇ كەلگۈسىدە كارخانىچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئوغلۇم ياپوندا تۇغۇلغان بولۇپ بۇ يىل ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9-سىنىپىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ دەرسىدىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان تەنھەرىكەت تۈرى ۋاسكېتبول بولۇپ، ئۇ ھازىر مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردىكى بىر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ خېلى ياخشى ئوينايدىغان تەنھەرىكەتچىسى.
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى يەنى مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى ئائىلىمىزنىڭ ئوغلىمىزدىن پەخىرلىنىدىغان كۈنى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ! ئوغلۇم ھازىر 9-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ 2013-يىللىق كۈز مەۋسۇملۇق نەتىجىسى 4.0 (تولۇق نومۇر) بولغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن 4.0 ئاكادېمىك مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بىز ئائىلە بويىچە ئوغلۇم فىراتتىن پەخىرلەندۇق!
ئوغلۇم فىرات مەكتەپتە ماتېماتىكا قاتارلىق تەبىئىي پەن دەرسلىرىدە بىرىنچى بولۇپ قالماي تىل دەرسىدە ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل مەكتەپ ئۇنى ئامېرىكا قولغا كەلتۈرمەك ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ مۇكاپات فوندى (The United States Achievement Academy Scholarship Foundation) نىڭ دۆلەتلىك تىل ئىجتىمائىي پەن مۇكاپاتىغا (National Language Artis Award)كۆرسىتىلدى. ئەگەر ئۇ بۇ مۇكاپاتنى ئۇتۇپ چىقسا 10،000 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئوغلۇم فىرات بۇلتۇر 8-سىنىپنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا تۆۋەندىكىدەك 4 مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.
1. كالىفورنىيە شتات كېڭەش پالاتاسى بەرگەن گۇۋاھنامە بولۇپ، ئۇ 2013 يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتى (Student of the Year Award)
2. مائارىپ باشلىقىنىڭ 4.0 شەرەپ تىزىملىك (Superintendent's 4.0 Honor Roll)
3. دەرس قالدۇرمىغانلىق مۇكاپاتى (Attendance Award)
4. مۇزىكا مېدال (Music/Band Medal)
|
|