بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xarwaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-27 18:24
بالامغا
زەينەپ ئابىت ئايول
بەدنىيەتلىك ، بىنومۇس بالام بولساڭ بولمايدۇ ، بوياق بىلەن بېتىڭنى ، بويار بولساڭ بولمايدۇ .
بىگۇنا بىچارىنى بېسىم بىلەن باسقۇچى ، بۇرادەرگە بىۋاپا ، بالام بولساڭ بولمايدۇ .
بىتەرەپلىك بىپەرۋا ، بوشاڭ بولساڭ بولمايدۇ ،
بولۇمسىز ھەم بەغىرەز ، بەڭۋاش بولساڭ بولمايدۇ .
بىلسەڭ بەخىت بىلىمدە ، بىرلىكلىكتە بىلەكتە ،
بىكار تەلەت بىلى بوش ، بىتەر بولساڭ بولمايدۇ .
بۇزۇق ، بەدخۇي ، بىئەدەپ ، بەڭگە بولساڭ بولمايدۇ ،
بېجىرىمسىز ، بەركەتسىز ، بەندە بولساڭ بولمايدۇ .
بەربات بولۇپ باپلىنىپ ، باشپشاتاق بەڭۋاشلىقتىن ،
باشقىلاردىن بەرىدىن ، بىزار بولساڭ بولمايدۇ .
غەيۋەتچىلەر
غۇدۇرشۇپتۇ غەيۋەتچىلەر ، غىژىلدىشىپ ،
غاجاپ غەلىتە غەرەزلەردە غىدىڭشىشىپ .
غوغا ، غەم ، غۇل - غۇلچىلىق غەيۋەتچىلەرگە ،
غەنىمەتمۇ غىجىر - غىجىر غىجىرلىشىپ ؟
غەباۋەتتە(1) غۇلاچلىرىنى غېرىشلىشىپ ،
غەيۋەتلىرىدە غەش - غەپلەتنى غىجىملىشىپ .
غىزامىدۇ غەيۋەتخورلۇق غەيۋەتچىلەرگە ،
غەيۋەتلىرىدىن غەيرەتلىنىپ غالجىرلىشىپ .
غەباۋەت ـــــــ دۆتلۈك
مەنبە : قومۇل ئەدەبىياتى ژورنىلى
|