- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35316
- نادىر
- 19
- يازما
- 1762
ئۆسۈش
  63.29%
|
تەرجىمانلىرىمىزنىڭ تارىخى بىلىملىرىنىڭ چولتىلىقىدىن نۇرغۇن ئىسىملىرىمىز ئۆزگىرەپ كەتتى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى- كوئىنلون...ئەسلى قاراقۇرۇم.
يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئەسلىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. 62-يىلى جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ ئىككىلا تەرەپ قېدىرتۇمشۇق دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغنى بىزنىڭ تاغ، بىزگە تەۋە! دەپ تالىشىپ قالغان. ئاخىرى خەلقئارا تەشكىلات، كىم مۇشۇ تاغنىڭ ئىسمىنى ئۆزئانا تىلىدا قايىل قىلارلىق يىشىپ بېرەلىسە بۇ تاغ شۇ مىللەتكە تەۋە بولسۇن، دېگەن قائىدىنى چىقىرىپتۇ. ھىندىلار نەچچە مىڭ يىللىق قامۇسلىرىنى ئىزلەپمۇ بۇ ئىسىمنى يىشىپ بېرەلمەپتۇ.
كېيىن بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىمىز بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى «تۈركى تىللار دىۋانى»قاتارلىق بۈيۈك قامۇسلىرىمىزدىن ئىزلەپ تېپىپ ئارمىيە دائىرىلىرىگە يوللاپ بېرىپتۇ. ئەسلىدە قېدىر دېگىنى 1000يىللار بۇرۇندا خېچىر مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن ئىكەن، تۇمشۇق دېگەن سۆزنى تىلى ئەمدىلا چىققان ئۇيغۇر بالىسىمۇ چۈشىنەلەيدۇ. بۇتاغنىڭ ئىسمى خېچىرتۇمشۇق ئىكەن. دېمىسىمۇ بۇ تاغقا يىراقتىن نەزەر تاشلىسا خېچىرنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشاپ تۇرىدىكەن. بۇنى ئاڭلىغان بىچارە ھىندىلارنىڭ قۇلاقلىرى سالپىيىپ، كۆسەيلىرىنى سۆرىگىنىچە ۋەتىنىگە كىتىپ قاپتۇ. دېمەك، بىز بىر پاي ئوق ۋە بىر تامچە قان تۆكمەي تۇرۇپ، پەقەت ساپ ئۇيغۇرچە يەر نامىمىز بىلەن دىيارىمىزنىڭ جانغا تېگەشكۈسىز قىممەتلىك زىمىنىنى قايتۇرىۋالغان ئىكەنمىز...
شۇڭا يۇرت-سۇلىرىمىزنىڭ ئەسلى ئاتىلىشىنى قەتئىي ۋە قەتئىي ئۇنتىماسلىقىمىز، ئۇنى جېنىمىز تىكىپ قويۇپ قوغدىشىمىز كېرەك. |
|