ئادەمنى زىرىكتۈرگەن«ئىسپات»
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار
ئۇزۇن بولدى مەنمۇ نەچچە ئىشىمنى بىجىرىش ئۈچۈن مۇشۇ "ئىسپات"دېگەن نەرسىنى ئېلىش ئۈچۈن نەچچە قاتراپ ،بەزىدە ئۇنىمە كامكەن،بۇ نېمە كامكەن دەپنۇرغۇن ئىشتا ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ھەم ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ئۇچۇرىدىغان ئىشلار بۇلۇپ تۇردى.ئەتتىگەن"كەسىپ ئىستىلى قىززىق لىنىيىسى"دە قايسى بىر ناھىيەدە بىر دېھقاننىڭ كالىسى ئۆلۈپ كەتسە،ئاۋۋاپ مال-چارۋا پونكىتىدىن قايسى كېسەللىك بىلەن ئۆلگەنلىك ئىسپاتىنى ئېلىش،ئاندىن يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن يەنە بىر ئۆلگەنلىك ئىسپاتى ئېلىش،ئاخىرىدا چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىن يەنە بىر ئىسپات ئېلىپسۇغۇرتا شىركىتىگە بېرىش لازىمكەن.ئۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇف،ھېلىمۇ دېھقان قېرىنداشلار چىداشلىقكەن،ئاشۇ ئازغىنە كېرىم مەنبەسى،تۇقۇناق ھاشارلارئەرزىمەس مەجلىسلەر ،تۇپا چىراي ئەمما ئىككى قۇلىغا تايىنىپ ھالال ئەمگەككە تايىىنىپ ئەمدى پۇل تاپاي دېسە ھېلى ئۇجەرىمانە،ھېلى بۇ پۇلنى بەرمىسەڭ ئىسپات قىلىپ بەرمەيمىز،ياردەم پۇلىنى بەرمەيمىز دەپ دېھقانلارنى ئۇرۇنسىز قىيناش قاچان تۈگەر....................
بولسا قېرىنداشلار دېھقانلار ئىش بىجىرىپ كەلسە تۇلا ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتماي،"ئەسسالامۇئەلەيكۇم "دەپ كۆرۈشۈپ ، ئۇرۇندۇققا تەكلىپ قىلىپ چىرايلىق ئىشلىرىنى بىجىرىپ بېرەيلى،ئىسپاتنى ئامال بار تولا قاتراتماي ۋاقتىدا بولسا يەنە ماڭىدىغان يوللارنى دەپ بېرەيلى،مانداق ۋاقتىداكىلىڭ،مۇنداق نەرسىنى كىملىكنى ،يەنە پالانى كىنىشكىنى تۇلۇق ئەكىلىپ دەپ چىرايلىق مەسلىھەت بېرەيلى.بىلمىدىم يېزا قىشلاقلاردا يەنە نېمە "ئىسپات"لار دېھقانلارنى ،ئادەمنى ساز قىلىدىغان يەنە قانداق ئىسپاتلار بار؟تورداشلار بېشىدىن كەچۈرگەن
ئىشلارنى،تەجرىبەڭلارنى دەپ باقساڭلار؟
|