- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3919
- نادىر
- 2
- يازما
- 177
ئۆسۈش
  63.97%
|
ئەپەندىم:
سىز مەندىن ۋەزنى ئېغىرلا بىر سوئاللارنى سوراپسىز. مەن بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، سىز سورىغان ئىكەنسىز، قىسمەن قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي.
ئەۋۋەل مۇنداق بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ:
ئاللاھ يەككە-يىگانە. ئۇنىڭ باشلىنىشى يوق. ئاخىرلىشىمۇ يوق. ئوخشىشى يوق. تەڭداشسىز. چەكسىز مەۋجۇت. ھەممىدىن بىيھاجەت.
تامامى مەخلۇقاتلارنى ئاللاھ خەلق ئەتتى. مەخلۇقاتلار بولسا ئاللاھ-نىڭ تەسەرۇپى ئاستىدىدۇر. ئىنسانلارمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئالاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تۇپراقتىن يارىتىش بىلەن بىللە، كامالى قۇدىرىتى بىلەن ئىنسانغىلا خاس بولغان نەپسىنى، ئەقىلنى، كۆڭۈلنى ھېس-تۇيغۇ قاتارلىق كۆز بىلەن كۆرۈپ قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان مەنىۋىي شەيئىلەرنىمۇ قوشۇپ يارىتىدۇ. شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى، مەۋجۇداتلار ۋە شەيئىلەر مەۋجۇتلىق جەريانىدىكى ھەرىكەت بارىسىدا ئىزچىل ئاللاھ-نىڭ تەسەرۇپى ئاستىدا بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ-نىڭ ئىرادىسى بىلەن ئىدارە قىلىشىغا ھەربىر كونكىرىت زامان-ماكاندا ئىھتىياجى چۈشۈپ تۇرىدۇ. جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىمۇ مۇشۇ قانۇنىيەتكە چۈشىدۇ، دەپ قارايمەن. ماددى ئالەم مۆجىزە ئاساسىدا يوقلىقتىن بارلىققا كەلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت جەريانى تەبىئىيلىك ئاساسىدا داۋاملىشىدۇ. ئىنساننىڭ بالىلىق-ئۆسمۈرلىك، ياشلىق ۋە قېرىلىق دەۋىرلىرى مۇشۇ ئاساستا، ئۆزىنىڭ فىزولوگىيىلىك، بىئولوگىيىلىك ۋە ئاناتومىيىلىك جەريانلىرىنى مۇشۇ تەبىئىي ئاساستا، باشتىن كەچۈرىدۇ. شۇڭا، ئىنساننىڭ سەبىيلىك چېغىدىكى جىنسىي تەلپۈنىشتىن خالىيلىقى بىلەن ياشلىق چېغىدىكى جىنسىي تەلپۈنىشى -ئاللاھ ماددى ئالەمدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەركىتىگە بېكىتىپ بەرگەن سەۋەپ-نەتىيجە قانۇنىيىتى بىلەن تەبىئىيلىك قانۇنىيىتىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر، دەپ قارايمەن.
بىز ئاللاھنىڭ بارلىق-بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرىمىز، پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرىمىز، جىن-ئىسلارغا ئىمان كەلتۈرىمىز، ئاللاھ-نىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرىمىز، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۆلىشىگە ھەمدە، ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن قايتا تىرىلىشىگە ئىمان كەلتۈرىمىز. جۈملىدىن شەيتانمۇ ئاللاھ-نىڭ مەخلۇقاتىدۇر. ئايەت-ھەدىسلەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئاللاھ شەيتاننى ئوتتىن ياراتقان. شەيتاننىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىمان كەلتۈرىمىز. ئاللاھ-نىڭ تەغدىر قىلىشى بىلەن ئىنسان بىلەن شەيتان جەننەتتىن بىر بىرىگە دۈشمەن ھالەتتە قوغلاندى. چۈنكى، تەبىيئەت دۇنياسىدىكى ھەربىر ھاياتلىقنىڭ كۈشەندىسى بولىدۇ. بۇ بىر مۇقەرەرلىك ئىچىدىكى قانۇنىيەت. قانۇنىيەت ئىچىدىكى مۇقەرەرلىكتۇر. غەيىبكە ئىشىنىش مۆھمىنلىكنىڭ روشەن بەلگىسىدۇر. بىز كۆز بىلەن كۆرۈپ، قول بىلەن تۇتمىغىچە بولدى قىلمايدىغان دەھرىي ماتىرىيالىزىمزىلاردىن ئەمەسقۇ.
بىز ئىسلام دىنىغا بىر ئېنىقلىما بېرىپ باقايلى.
ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە پەيغەمبەرلەر ۋاستىسى ئارقىلىق داۋاملاشقان دىن بىر دىندۇر. يەنى تەۋھىد ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر خۇدالىق دىندۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەدلىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرىدۇ. ئۇلارغا چۈشۈرىلگەن ساماۋىي كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. ئۇ پەيغەمبەرلەر دەۋەت قىلغان دىن بىلەن ساماۋىي كىتابلار تەۋھىد ئاساسىدا كەلگەن بىر خۇدالىق دىندۇر. كېيىنكى چاغلاردا يەھۇدىيلار دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ، ئاللاھ-قا شېرىك كەلتۈرىدۇ.[يەنى زۇبەيىرنى ئاللاھ-نىڭ بالىسى دەيدۇ] يەھۇدىيلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، تەۋراتنى ئۆزگەرتىدۇ. دىن ئىشلىرىدا نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدۇ. تەۋراتتىكى ئەھكام-قانۇنلارنى ئۆز نەپسى-خاھىشىغا بويسۇندۇرۇپ خىزمەت قىلدۇرىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى ئىقتىسادىي ئورنىمۇ، ئۇلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بىر دۇنياپەرەس مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىپ بېرەلەيدۇ. ئاللاھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى مەرھەمەت قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، ئىنجىل تەۋراتتىكى بىر قىسىم ئىلاھىي ھۈكۈملەرنى مەنسۇق قىلىدۇ. بىر قىسىم ئىلاھىي ھۈكۈملەرنى تولۇقلايدۇ. دىن ۋە ساماۋىي كىتابتىكى مەلۇم ھۈكۈملەرنىڭ مەنسۇق قىلىنىشى ۋە تولۇقلىنىشى بولسا، يەنە بىر پەيغەمبەر ۋە ساماۋىي كىتابنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەھۇدىيلار ئىنجىل ھەققىدىمۇ ئىختىلاپلىشىدۇ. ئىنجىلنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەنبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ھەمدە، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشىدىكى پەۋقۇلئاددە ئورنىغا قاراپ، ئۇنى ئاللاھ-نىڭ بالىسى دەپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھ-نىڭ پەيغەمبىرىگە قەبىھلەرچە تۆھمەت قىلىدۇ. كېيىنكى دەۋىرلەردە يەھۇدىي موللىلىرى ئىنجىلنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. شۇنداقلا ئىسمى-جىسمى نامەلۇم شەخىسلەرمۇ ئىنجىل يېزىشقا باشلايدۇ. مەسىلەن ھازىر خىرىستىيانلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىۋاتقان ‹‹ماتتا ئىنجىلى››، ‹‹لۇقا ئىنجىلى›› ۋە ‹‹يوھاننا ئىنجىلى›› قاتارلىق كىتابچىلارنىڭ ئاپتورلىرى تارىىختا ئالاھىدە ئورنى يوق شەخىسلەردۇر. كېيىنكى چاغلاردا خىرىستىيان پوپلىرى سان-ساناقسىز ‹‹ئىنجىل››لاردىكى ئۆزئارا زىتلىقلارنى بايقاپ، كۆپ قىسىم ئۆزگەرتىلگەن ئىنجىللارنى كۆيدۈرىپ، ھازىرقى بىرلىككە كەلگەن 4 خىل نۇسخىسىنى ساقلاپ قالىدۇ. تەۋھىد جەھەتتە، مەنا-مەزمۇن جەھەتتە قۇرئان كەرىمگە يېقىن ۋە يانداش كەلگەن ئىنجىلنىڭ بىر نۇسخىسى بولۇپ، ئۇ ‹‹بەرنا ئىنجىلى›› دېيىلىدۇ. بۇ ئىنجىل ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولغان ھاۋارىيۇنلار تەرەپىدىن ساقلاپ قېلىنغان بولىشى مۈمكىن. ‹‹بەرنا ئىنجىلى››دا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە بەزىبىر بايانلار ساقلاپ قېلىنغانكەن. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ-قا ۋە ئۆزىگە تۆھمەت قىلغۇچىلارغا ئاللاھ-نىڭ شېرىكى يوقلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاللاھ-نىڭ بالىسى ئەمەسلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھ-نىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى دەۋەت قىلغانىكەن. قىزىقارلىقى شۇكى، خىرىستىيان پوپلىرى ‹‹بەرنا ئىنجىلى›› كۆيدىرىۋەتمەيدىكەن، يا ئۇنى قەۋمىگە ئوچۇق-ئاشكارە ئېلان قىلمايدىكەن. ‹‹بەرنا ئىنجىلى›› بولسا كۇتۇپخانىدا نەزەربەنىت قىلىغلىقكەن.
قۇرئان كەرىم مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا چۈشكەن ساماۋىي كىتابنى ‹‹ تەۋرات››نى تەستىقلايدۇ. [ئەسلى نۇسخىسى بولۇپ، ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى ئەمەس] بىزمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تەستىقى بويىچە، مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ‹‹ تەۋرات››نىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا ئىمان كەلتۈرىمىز. قۇرئان كەرىم ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا چۈشكەن ساماۋىي كىتاب ‹‹ئىنجىل››نى تەستىقلايدۇ.[ئەسلى نۇسخىسى بولۇپ، ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى ئەمەس] بىزمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تەستىقى بويىچە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا چۈشكەن ‹‹ئىنجىل››نىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا ئىيمان كەلتۈرىمىز. ‹‹تەۋرات››ۋە‹‹ئىنجىل›› ئىنسانلار تەرەپىدىن ئۆزگەرتىلىپ كەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئوقۇشى مەنسۇق قىلىندى. شۇڭا، بىز ‹‹تەۋرات›› بىلەن ‹‹ئىنجىل››دىكى دىنىي ئەھكاملارغا ئەمەل قىلمايمىز.
ئىبىراھىم ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ بوۋىسى دېگەن پەخىرلىك نامغا ئىگىدۇر. ئىسلام دىنى ئىبىراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئۇلىشىدۇ. ئىبىراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بولسا، نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئۇلىشىدۇ. نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بولسا، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئۇلىشىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بولسا ئاللاھ-نىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ-نىڭ دىنى بولسا، بىزنىڭ ھازىرقى ئىسلام دىنىمىزدۇر.
كالىندار مەسىلىسىگە كەلسەك، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئەللىرى خرىستىيان ئەللىرىدۇر. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار مىلادىيە كالىندارىنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۈمكىن. باشقا قەۋىملەرنىڭ مىلادىيە كالىندارىنى قوللىنىشى بولسا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئەللىرىنىڭ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن. سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرى ھىجىرىيە كالىندارىنى قوللىنىشى مۈمكىن. بىزنىڭ ھىجىرىيە كالىندارىنى قوللىنالماسلىقىمىز، بەلكىم ، بىزنىڭ ھازىرقى سىياسىي ئورنىمىز، مىللىي مەدەنىيىتىمىز، جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىمىز ۋە ياكى باشقا ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقلەر بولسا:
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى مەلۇم بىر قەۋىمگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ قارايمەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۈللى پەرىشتىلەرگە، كۈللى جىنلارغا ۋە كۈللى ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ قارايمەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار بولسا:
ھەر ئىككىسى ئاللاھ-نىڭ رەسۇلى. ھەر ئىككىسىگە پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلايدىغان ئىلاھىي ۋەھىي بولغان ساماۋىي كىتاب چۈشكەن. ھەر ئىككىسى تەۋھىدنى دەۋەت قىلدى، بىر خۇدالىق دىننى دەۋەت قىلدى. ھەر ئىككىسى قەۋمىنى قىيامەتتىن ئاگاھلاندۇردى، دوزاقتىن ئاگاھلاندۇردى. جەننەتتىن خۇش بىشارەت بەردى. ھەر ئىككىسى قەۋمىنى يەككە-يىگانە بولغان بىر ئاللاھ-قا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھ-قا شېرىك كەلتۈرمەسلىككە چاقىردى، يەنە ئىسلامغا چاقىردى.
|
|