- تىزىملاتقان
- 2013-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4007
- نادىر
- 1
- يازما
- 170
ئۆسۈش
  66.9%
|
kamar7 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 04:47 
مەن قازاقنىڭ ۇيسنى قۇلجادا2000مىڭ يىلدىڭ الدىدا باشلاپ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەي قازاق قېرىندىشىم جاقشىمۇ سەن؟سەن مۇسۇلمان دۇرسەن بەلكىم،ئەگەر مۇسۇلمان بولساڭ،دۆلەت قۇشى بېشىڭغا قونۇپ زامان ساڭا باققاندا،ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭنىمۇ ئويلاپ قوي.مىنىڭ بىلىشىمچە دادامدىن كىچىگىمدە بىلمىگەنلىك سەۋەبى بىلەن :بىز قايسى مىللەت ؟دەپ سورىسام،دادام:بىز تۈرك مىللىتى دىگەن ئىدى.ئەمدى ئويلىسام بۇ بەك توغرا جاۋاپ بولغان ئىكەن.ئۇيغۇر-قازاق دەپ ئايرىشمۇ روس ۋە باشقىلارنىڭ ،بۆلىۋېتىپ باشقۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن بولغان.2000يىلنىڭ ئالدىدا سەن نەردىدىڭ؟دەپ ئايتقىنىڭ دۇرۇس بولمايدۇ.نەدە بولاتتىم؟ سەن تاغدا مال بېقىش،سۇت-ئايران يېغىش بىلەن،مەن شەھەردە ھۈنەر-كەسىپ بىلەن بىر-بىرىمىزنى سىنىڭ-مىنىڭ دىيىشمەي يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە تۇققان بولۇپ ئۆتكەن ئىدۇق.ئەمدى دۆلىتىڭ بولغاندا،بىزدىن چانغىلى تۇردۇڭمۇ قېرىندىشىم؟بىزگە ئامەت كەلگەن ئۇزاق تارىخى زامانلاردا بىز قازاق قاتارلىق تۇركي قېرىنداشلىرىمىزگىلا ئەمەس ،ھىچبىر دۇنيا قەۋمىگە پايدىمىز تەگسە-تەگدى زىيىنىمىز تەگمىگەن ،ھەرگىزمۇ باشقىلاردەك مەنمەنلىك قىلمىغان ئىدۇق. بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس،بۇ مەينەت مەندە دەپتىكەن ئاتا-بوۋىللىرىمىز.ئالدىرىماڭ يارەي، بىزگىمۇ بارەي.تارىخ چاقى توختاپ قالغىنى جوق!يەنە ئايلىنىپ بىزگىمۇ كەلمەيدۇ دەپ ھىچكىم ئېيتالمايدۇ! بىز نىڭ تورلارغا كىلىپ تىما يوللاپ پىكىر قىلغىنىڭ جاقشى ئىش،قارشى ئالامىز.ئەمما،تولۇق بىلمەي تۇرۇپ نەزىريە سۆزلەيمەن دەپ ،سېنىڭ-مىنىڭ دەپ ئىتىپاقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارساڭ توغرا بولمايدۇ. كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭ يەنىلا قېرىنداشلىق مىھرى بىلەن ،كۆپ جاخشى پىكىرلەرنى قويىۋاتىدۇ.سەن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ نىمە دەيدىغىنىنى ئاڭلا ،كۆڭلىنى سەن بولساڭمۇ چۈشەن.بىزگە ئىتىپاقسىزلىق لازىم ئەمەس،مۇقىملىق-ئۇيۇلتاشتەك ئىتىپاقلىق قېنىمىزدىنمۇ جېنىمىزدىنمۇ مۇھىم! |
|