يىپەك يولى ئەمەس ئۇيغۇر يولى
توخوتۇر
1 .يىپەك يولى ھەقىدە ئىلىم ساھاسىدە خىلمۇ خىل قاراشلار مەۋجۇت .ئەلۋەتتە كەمىنە توخوتۇرنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىم بار . بۇنداق بولۇش ئەيىپ ئەمەسقۇ ؟
2 .دەپ كەلسەك يىپەك يولىنى سوغدىلاردىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئاچقان ئەمىليەتتە سوغدىلارمۇ ئۇيغۇر ئىېتنىك تەركىبىنىڭ بىر قسىمى ، يەنە بۇ يول ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ھەربى يۇرۇشلىرىدە ۋە ئۇيغۇر ئىجتىمائىيىتىدە ئاللى بۇرۇن مەۋجۇت بولغان .
3. بىز بىلىمىز قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە شۇنى ئويلىشىمىز زورۇركى يەنە شۇ قەدەم ئىزى تاپىنىڭىزنىڭ ئاستىدا بىر يولنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈدۇ شۇنداققۇ ،
4. ئۇيغۇر يولىدا يىپەك توشۇلغان بۇنىڭغا كۆز يۇممايمىز ، ئەمما ئۇيغۇر يولى يىپەك توشۇلۇشتىن ئىلگىرىلا مەۋجۇت ئىدى . يىپەكتىن ئىلىگىرىلائۇيغۇر يولىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربى ۋە ئجىتمائى ئالاقىلىرى ۋە باشقا سودا كارۋانلىرىمۇ بولغان ، سودا دىگەن يىپەكلا ئەمەستە ، يىپەك ئەڭ گۇللەنگەن دەۋرى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى يىپەك ئات سودىسى بۇنى سودا دىگەندىن سوغات قوبۇل قىلىش دىسەك تېخىمۇ توغرا بولىدىغاندۇ .
5. مانا شۇنداق بۇ يول يىپەك يولى ئەمەس بەلكى يىپەك سودسىدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇرلار ئاچقان ئۇيغۇر يولى . ئەلۋەتتە بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسى قارىشىم ، شەخسى قاراش دىگەنمۇ بىر قاراش ئەمدى قالغىنىنى تورداشلار بىر نىمە دەپ باقسا . |