توغراق روھى
مەمەت ئابلا (قۇملۇق)
كۆز ئالدىمدا ساناقسىز توغراق،
بەزى قاقشال بەزىسى ئويغاق.
ئاڭلىغانتىم دەرەخ شاھى دەپ، خىياللىرىم كەتتىغۇ يىراق.
بۇۋاملارنىڭ يۇرتى ماكانى، تەكلىماكان تارىم ۋادىسى. ئۇلار شۇنچە ياشاپتۇ قەيسەر، ئاڭلانماپتۇ قىلچە نالىسى.
بۇۋامنىڭمۇ بۇۋىسىنىڭمۇ، تەكلىماكان ئىكەنمىش ئۆيى. يىشىللىققا پۇركەندۇرگەنمىش، دولقۇنلىغان تارىمنىڭ سۇيى.
تارىم سۈيى تەدىرجى ئازلاپ، قۇملىشىپتۇ تىرىلغۇ ئېتىز. سۇسىزلىنىپ ئۆلۇپتۇ جانلىق، توغراق قەيسەر ياشاپتۇ ئىگىز.
ھازىرمۇ ھەم مەغرۇر ياشىغان ، زۇقلاندۇرۇپ توغراق قامىتى. بىتەلەيكەن ئەجداتلىرىممۇ، تەكلىماكاندا يۇقكەن ئامىت.
نەچچە مىڭلاپ يىللارنى كۇتكەن، چۆلنى بىسىپ ياشىغان توغراق. ئۆلسىمۇ گەر مىڭ يىل ئۆمرىنى، بۇ زىمىنغا ئاتىغان توغراق.
ھەۋەس قىلدىم توغراق روھىغا، تەۋرىمەيدۇ چىقسىمۇ قۇيۇن. ئەڭ ئاخىرقى نەپەستىن قىلىپ، يىقىلسىمۇ ئەگمەيدۇ بۇيۇن.
2014-يىلى2-ئاي14-كۇنى (تەكلىماكان)
|