بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-24 15:25
قايسىسى قايسىسىنى ئايلىنىدۇنىڭ جاۋابى
تاشپولات روزى
سوئال: قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلامدۇ ياكى يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلامدۇ؟
يۇقىرىدىكى سوئالىمغا قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بەرگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى نەتىجىلەرنى ستاتىستىكا قىلىپ بەرگەن "Biltap" ئۇكامغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ توغرا جاۋابى: يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەرقايسى تور بەتلەردىكى جاۋابىنى كۆرەلەيسىز:
./thread-23062-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-57259-1-1.html
http://bbs.misranim.com/thread-119379-1-1.html
باغداش، ئىزدىنىش، مىسرانىم تور بەتلىرىدىكى نەتىجىلەرنى ئايرىم-ئايرىم ستاتىستىكا قىلغاندا تۆۋەندىكى نەتىجىلەر كېلىپ چىقتى.
باغداشتىكى بۇ تېمىغا 5 كۈندىن بىرى چۈشكەن ئىنكاس: 73 تال
يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار: 58 نەپەر
قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار: 4 نەپەر
مۈجمەل جاۋاب بەرگەنلەر: 11 نەپەر
باغداشتا بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەر 80% نى ئىگىلىدى.
ئىزدىنىشتىكى بۇ تېمىغا 5 كۈندىن بىرى چۈشكەن ئىنكاس: 39 تال
يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار: 32 نەپەر
قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار: 2 نەپەر
مۈجمەل جاۋاب بەرگەنلەر: 5 نەپەر
ئىزدىنىشتە بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەر 82% نى ئىگىلىدى.
مىسرانىمدىكى بۇ تېمىغا 5 كۈندىن بىرى چۈشكەن ئىنكاس: 49 تال
يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار: 36 نەپەر
قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار: 4 نەپەر
مۈجمەل جاۋاب بەرگەنلەر: 9 نەپەر
مىسرانىمدا بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەر 74% نى ئىگىلىدى.
يۇقىرىدىكى 3 توربەتنىڭ ستاتىستىكا نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بېرىشى ئامېرىكالىقلاردىن كۆپ پەرق قىلمايدىكەن. ئۇلارنىڭ پەرقى تەخمىنەن 5% ئىكەن. خۇلاسىلىگەندە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جۇغراپىيە ساھەسىدىكى ئاساسى بىلىملىرى ئانچە ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ. ئامېرىكا بۇ رايە سىناشلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلىنىپ ئۇنى قانداق ئۆزگەرتىش توغرىلىق مۇنازىرىلەر ئېلىپ بارىدۇ. رايە سىناشتىن كېلىپ چىققان نەتىجىلەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ھەم پارلامېنتقا ئەۋەتىلىپ، ئۇلارنىڭ مائارىپقا چىقىرىدىغان مەبلەغ ھەم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش قارارلىرىغا چوڭ تەسىر قىلىدۇ. ۋەتەندە مۇشۇنداق رايە سىناشلار ئارقىلىق مائارىپقا دىققەت قىلامدۇ قىلمامدۇ بۇ ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا مائارىپىنىڭ باشقا دۆۋەتلەرگە قارىغاندا ياخشى بۆلىشى دەل مۇشۇ يەردىدۇر. بۇ ستاتىستىكا نەتىجىلەر مېنىڭ كەلگۈسىدە يازماقچى بولغان مائارىپ پەرقى توغرىسىدىكى ماقالەمگە بەلگىلىك تەسىر قىلىدۇ.
|