- تىزىملاتقان
- 2013-3-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 772
- نادىر
- 0
- يازما
- 28
ئۆسۈش
  54.4%
|
مېنىڭچە، ئەڭ ئالدى بىلەن مەكتەپ نامىنى مەنتىقىگە ۋە گىرامماتىكىغا ئۇيغۇن، توغرا قويۇڭ.
«تەربىيەلەش» دېگەنلىك «بىرسىگە بىر نەرسىنى ئۆگىتىش، بىلدۈرۈش»، «بىرسىنى بىر نەرسىنى بىلىدىغان قىلىش» دېگەن مەنىدە. «بالا تەربىيەلەش» دېسەك، «بالىغا بىر نەرسىنى ئۆگىتىش، بىلدۈرۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «شاگىرت تەربىيەلەش» دېسەك، «ھۈنەرۋەن ياكى ئۇستازنىڭ ئۆزى بىلىدىغان ھۈنەر ياكى بىلىمنى شاگىرتىغا بىلدۈرۈشى، ئۆگىتىشى»نى بىلدۈرىدۇ.
«تىل تەربىيەلەش» دېسەكچۇ؟ «تىلغا بىر نەرسىنى ئۆگىتىش، بىلدۈرۈش» دېگەنلىك بولىدۇ.
سىزنىڭ قۇرماقچى بولغىنىڭىز تىلغا بىر نەرسىنى ئۆگىتىدىغان ئەمەس، بەلكى كىشىلەرگە بىر خىل ماھارەت، بىر خىل بىلىم، بىر خىل ئىقتىدار ھېسابلىنىدىغان تىلنى ئۆگىتىدىغان، بىلدۈرىدىغان ئورۇن. ئۇنداق بولغانىكەن، «تىل ئۆگىتىش مەركىزى» ياكى «تىل مەكتىپى» دېسىڭىز، مەنتىقىگە، گىرامماتىكىغا ئۇيغۇن بولىدۇ.
|
|