- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7772
- نادىر
- 1
- يازما
- 323
ئۆسۈش
  55.44%
|
ئالدى بىلەن بۇ تېمىنى يېزىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن قېرىندىشىمغا كۆپتىن- كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.
مەن ئاجىزانە ئەقلىم بىلەن ئىككى ئېغىز پىكىر يۈرگۈزۈپ باقاي،
« خەلقئارا سوتقا سۇنۇلغان ئىمزالىق ئەرىزنامە» ئىسىملىك بۇ ئەرىز نامە، ھۆرمەتلىك مۇھەممەد قادىرنىڭ ئارزۇسى، ئويلىغانلىرى بولۇپ، تېخى خەلقارا سوتقا سۇنۇلمىدى شۇنداقمۇ ؟
ئابدىئۈشكۈر مۇھەممەت ئىمىن (1933- 1995) بولۇپ، ئابدۇقادىر دەموللام، ۋە قۇتلۇق شەۋقى ياشىغان ۋاقىت 1920- يىلار بىلەن 1937- يىللار. باشقا ئالىملىرىمىزنىڭ تارىخىنى ياخشى بىلمەيدىكەنمەن، ئەمما يىغىپ ئېيتقاندا بۇ ئەرىز نامىغا قول قويۇپ، ئىمزا ئاتقۇچىلار ئلگىرى- كېيىن ياشىغان بولغاچقا، بىر يەرگە كېلىپ، مۇزاكىرلىشىش ۋەئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقىلەردىن كېيىن، 1945- يىللىرى قۇرۇلغان خەلقاراسوتقا ئەرىز قىلىش ئېھتىمالى يوق، شۇنداقمۇ؟
ھازىر ھەر نېمە دېسىك گىپىمىزنى ئاڭلىتالمايمىز . ئاڭلىمىغاندىن كېيىن، دەيلى دېسەك ئەھۋالىمىزنى ھەممىمىز بىلىمىز. مەنچە،
1- ئەگەر بۇ ئەرىز نامە سۇنۇلماقچى بولسا قولىدىن كېلىدىغانلار تەرىپىدىن سۇنۇلسۇن. بىزگە نېمە چۈشسە ئۈستىمىزگە چۈشكىنىنى قىلايلى.
2- ئەگەر مەن چۈشەنمەي قېلىپ، قانداقتۇ خەلقارا سوتقا مۇشۇنداق بىر ئەرىزنامە سۇنۇلغان بولسا، سۇنۇلغان ۋاقتى، ئەرز نامىنىڭ نومۇرى، ئەرىز ئەھۋالى، مەسئۇل كىشى، ۋە بۇ ئەرز نامىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئاشكارىلانسۇن،... بۇ ئىش بىر تەرەپ بولسۇن...
3- ئەگەر ھېچ قايسىسى بولمىسا بەزى قېرىنداشلىرىمىز دېگەندەك، مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئېلىشىر ناۋايى قاتارلىق ئامەمشۇمۇل بۇ ئۈچ نەپەر ئالىمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىز ئۇيغۇر مىللىتىمىزگە، خەلقىمىزگە بىلدۈرسەك، ھازىرچە ئۇ قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن زىددىيەتلىشىپ يۈرمىسەك ياخشىمىكىن.
|
|