- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13670
- نادىر
- 2
- يازما
- 1357
ئۆسۈش
  9.18%
|
ئەنگلىيە ئېرىشكەن زېمىن ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلار كېڭەيتىلگەن ئىئوردانىيە، ئىراق ۋە ئەرەبىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىنلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا ساقلاپ، ئۇنى باشقۇرىدىغان ئىشنى مەككىنىڭ شارىفى ھۆيەسىننىڭ 3 ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بەردى. يەنى، ھۆسەيىننىڭ 3 ئوغلى 3 پارچە زېمىنغا قورچاق باشلىق بولدى. ھۆسەيىننىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئالى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەرەبىستان بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئالى دۇنياغا ئۆزىنى «ھىجاز پادىشاھى» (King of Hejaz) دەپ ئېلان قىلدى. ھەمدە بىر مەزگىل ئۆزىنى «خەلىپە» دەپمۇ ئاتىۋالدى. ئالى بۇ ھوقۇقنى ئاران 1924-يىلى 10-ئايدىن 1925-يىلى 12-ئايغىچىلا تۇتۇپ تۇرالىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئەنگلىيە ئالىنى بۇ تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە بىر ئەرەبلەر گۇرۇھىنى قوللاپ، ئۇلارغىمۇ ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ تۇردى. بۇ گۇرۇھ ئەرەبلەردىن تەركىپ تاپقان، ئۇنىڭ باشلىقىنىڭ ئىسمى «بىن سەھۇد» (bin Saud) بولۇپ، بۇ گۇرۇھ يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئالى ھۆسەيىننى ئەرەبىستاندىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالى ئىئوردانىيىدە ياشاپ، بىر ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالەتتە ئۆلدى. شۇنداق قىلىپ ھۆسەيىن ئائىلىسىنىڭ مەككىدە 40 ئەۋلاد داۋام قىلغان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى. سەھۇد ئۆزىنى دۇنياغا «سەھۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى» دەپ جاكارلاپ، قول ئاستىدىكى زېمىنغا بولسا «سەھۇدى ئەرەبىستان» دېگەن نامنى بەردى. مانا بۇ بىز ھازىر بىلىدىغان سەھۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدۇر.
|
|