- تىزىملاتقان
- 2012-3-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1078
- نادىر
- 0
- يازما
- 73
ئۆسۈش
  7.8%
|
1.كائىناتتىكى پۈتۈن ئىشلار مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى اللەنىڭ باشقۇرىشىسا بۇلىدۇ، اللە خالىسا ئىدى بىزگە بەلكىم مارسنى ۋەياكى باشقا بىر پىلانىتنى ۋەياكى ئەينى يىللىرى ئەرەبلەر چوقۇنغان شىئرا sirius نى بىزنىڭ ياشايدىغان ماكانىمىز قىلىپ قويۇشى اللەقا ئاسان ئىدى، ئەمما ئېنىقكى بىزنى مۇشۇ زېمىندا ياشاشقا بۇيرىدى. دىمەك ھەممە ئىش شۇ كائىناتتىكى ھەممە مەخلۇقاتنى ياراتقان اللەنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، اللەنىڭ بۇيرۇقىسىز ئىرادىسىسىز قىلمۇ تەۋرىمەيدۇ. ئەگەر اللە خالىسا، ئىنسانىيەتكە ئىرادە قىلسا، مارس ئەمەس ھەتتا سامان يولىدىن سىرت باشقا جايلارغىمۇ بارالايدۇ، ئەگەر اللە بىزگە بۇيرىمىسا بىز مىڭ سۆزلىسەكمۇ بىكار. بۇ دىگەنلىك ئەلۋەتتە ھېچ ئىش قىلماي ياتىمىز دىگەنلىك ئەمەس، بىز پەقەت اللەنىڭ نامى بىلەن ئىش باشلايمىز، اللەقا ئىرادە قىلىمىز.
2. بىلىمىم چاغلىقلا، شۇڭا غاپىل سۆزلەپ قويۇشتىن قورقىمەن، بۇ پەتىۋا ھەققىدە سۆزلەشكە بىلىمىم كامچىل. ئەلۋەتتە كېرەك ھەقايسىلىرىمۇ شۇنىڭدىن قورقساڭلا بۇلاتتى. ئىماملارنى موللىلارنى تىللاش ئەھلى مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. ئەگەر ئېنىق، كىشىنى قايىل قىلارلىق، بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە، لوگىكىلىق ئاساس بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ سۆزلىسەك بولىدۇ، بولمىسا ھېسسىي ئاساسىمىزنى ئالدىراپ ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقمىغان ئەۋزەل.
3. قايسى بىرنەچچە قەۋەتتىكى قېرىندىشىمىز سەل چېچىلىپ قاپتۇ. ئىسلام ئىلىم-پەننى چەتكە قاقمايدۇ، بەلكى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز ياسىغان نەرسىلەر، بىز تۇرمۇش قاتناش ئۈچۈن سېخلاردا سىتانوكلاردا ياسىغان نەرسىلەر، قانداقدۇر شۇ پەن ئالىملىرى يەككە تۇرۇپ تەتقىق قىلىپ بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس. كاللىنى سىلكىۋېتىپ سۆزلەيلى، غاپىل سۆزلەپ قالمايلى، اللە بىزگە شۇ ئەقىلنى بەرمىسە دىلىمىزغا سالمىسا بىز نەدە يۈرۈپ نېمە ئىش قىلاتتۇق. ئىنساننى ياراتتى ئەقىل بەردى، شۇڭا بىز لازىملىق نەرسىلەرنى ياساشقا قادىر بۇلالىدۇق اللە نىڭ رەھمىتى بىلەن، مانا بۇ رىئاللىق.
توغرىسىنى بىلگۈچى اللەدۇر. |
|