قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3955|ئىنكاس: 38

ئۇيغۇرئابادقا سەپەر(ئوچېرىك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

3

دوست

4712

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1450
توردىكى ۋاقتى: 468
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 15:45:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        

ئۇيغۇرئابادقا سەپەر

ئىسمايىلجان ئىمىنوۋ

(ئوچېرىك)


     ئىلاۋە: «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ تۇراقلىق مۇئەللىپلىرىنىڭ بىرى — ئىسمايىلجان ئىمىنوۋ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرخىل ژانىردا يېزىلغان ئەمگەكلىرى بىلەن گېزىتخانلىرىمىزنى خۇرسەن قىلىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى كۈزدە ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھايات نەپىسى بىلەن تونۇشۇپ قايتقان ئىدى. تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ ئەينى شۇ سەپەر جەريانىدا ئالغان تەسىراتلىرى ئاساسىدا يېزىلغان ماقالىسىنى دىققىتىڭلارغا ھاۋالە قىلىۋاتىمىز.


پەرغانە  ۋادىسى بىلەن دىدارلىشىش

      ئاپتوموبىل ئاڭرېن داۋانى ئارقىلىق ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇنىڭ شىمال تەرىپىگە قىرغىزىستان جايلاشقان، جەنۇبىدا — تاجىكىستان. ئەنجان، نامەنگەن ۋە پەرغانە ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەرغانە ۋادىسىنى مەملىكەتنىڭ باشقا ئۆلكىلىرى بىلەن باغلاپ تۇرغان بۇ داۋان ئۆزبېكىستان ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئېگە. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاغ بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئارىلاپ-ئارىلاپ دەرەخلەرنى، ئوتلاپ يۈرگەن قوي-ئۆچكىلەرنى، ئانچە چوڭ ئەمەس قىشلاقلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. يول يېڭى ياسالغان ئىكەن: تېخى يېقىندىلا ماشىنىلار ئۇنىڭدا بىرقاتاردا ئاستا مېڭىشقان بولسا، ئەمدى ئۇلار ھەر ئىككى يۆنىلىش بويىچە ئۈچ قاتارلىق يولدا «ئۇچۇپ» باراتتى. داۋاننىڭ چوققىسىغا كۆتۈرۈلگەندە، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا تاسادىپىي ھەيران قالارلىق مەنزىرە پەيدا بولۇپ، قىشلاقلار، ئېتىزلىقلار، دەرەخلەر كۆرۈندى. بىز ئىككى ئۇزۇن توننېلدىن ئۆتتۇق.
       بىز، ئۈچ دوست، نۇرمەھەممەت مەڭسۈروۋ، خەمىت ھەمراېۋ ۋە مەن، ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن ئەتراپقا دىققەت بىلەن زېھىن تاشلاپ، تاغنىڭ ئۇلۇغۋار چىرايلىق مەنزىرىسىدىن بەھرىلىنىپ كېتىپ بارىمىز.
    ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە بىز تاڭ سەھەردە كەلگەن. كېلىپلا، خەلقىمىزنىڭ شانلىق پەرزەنتى، بۈيۈك ئالىم-ئەدەبىياتشۇناس ۋە شائىر مۇرات ھەمراېۋنىڭ روھىغا تەزىم قىلىش مەقسىتىدە شەھەردىكى «چاغاتاي» دەپ ئاتىلىدىغان مەركىزىي قەبرىستانلىققا باردۇق.
    قەدىمىي تاشكەنت بىزنى ئۆزىنىڭ يېڭىچە ياشنىغان گۈزەللىكى بىلەن قايىل قىلدى. ئىلگىرى سېلىنغان كونا بىنالار زامانىۋى ئىمارەتلەر بىلەن شۇ قەدەر ماسلاشقانكى، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ تۇرغان ئۇلارنى ئايرىم تەسەۋۋۇر قىلىش ھېچ مۇمكىن ئەمەستەك. ئۆزبېكىستان پايتەختىنىڭ ئاھالىسى 2،3 مىليون ئادەمدىن ئوشۇق. ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 27600ئىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن.
      تاشكەنتتە بىرئاز بولغاندىن كېيىن بىز پەرغانە ۋادىسىغا قاراپ يولغا چىققان ئىدۇق. مانا داۋاندىن ئۆتۈپ، ئۇ يەرگىمۇ يېتىپ كەلدۇق. ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولسىمۇ، ۋادىدا ھاۋا رايى ئىسسىق بولۇپ، كۈزنىڭ يامغۇر-يېشىنى تېخى باشلانمىغان ئىدى. قىسقىسى، «ئالتۇن كۈز» ئادەملەرنى خۇشال قىلىۋاتاتتى. تاسادىپىي «قەشقەرگىچە 1000 كىلومېتىر» دەپ يېزىلغان يول جىيىكىدىكى كۆرسەتكۈچ تاختىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇنى كۆرۈپ، نېمىشقىدۇر، «بۇ يەردىكىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىم پايتەختىنى بىلىدېكەندە»، دېگەن ئوي ئۆتتى بېشىمدىن.
       پەرغانە ۋادىسىغا سەپەر قىلىش توغرىلىق ئارمان مېنىڭدە ئۆتكەن يىلى، دادامنىڭ ۋەتىنى — قەشقەرگە بارغان چاغدا پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ يەردىكىلەرمۇ ئۆزبېكىستاننى ياخشى بىلىدىكەن. كونا قەشقەردە ئەنجان دەپ ئاتىلىدىغان كوچىمۇ بولغان. ئۆز خەلقىمنىڭ تارىخىغا قانچە چۆككەنسېرى، مېنى قەشقەرىيە بىلەن قوقەنت خانلىقىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى شۇنچە قىزىقتۇردى. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى پەرغانە ۋادىسى بىلەن باغلىنىشلىق.  مېنىڭ قوچقار بوۋام، يەنى دادامنىڭ ئاپىسىنىڭ دادىسى ئەسلى ئەنجانلىق بولغان. دادام ئابدۇقادىر قارىمۇ قەشقەرنى تەرك ئەتكەندە، پەرغانە ۋادىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە بىرئاز ۋاقىت ياشاشقا مەجبۇر بولغان. خەلقىمىزنىڭ XV — XX ئەسىرلەردىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت شىنجاڭنىڭلا تارىخىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆتمۈشتە رېگىونال مۇستەملىكىچىگە ئەل بولغان قوقەند خانلىقى بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆگىنىش لازىم.
      قەشقەردىن كېلىپ، مەن دوستلىرىم، ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئۆزبېكىستاندا ياشىغان ۋە بىرنەچچە قېتىم زىيارەت قىلغانلىقى تۈپەيلى پەرغانە ۋادىسىنى ياخشى بىلىدىغان خەمىتكە، كۆپلىگەن مەملىكەتلەردە، جۈملىدىن ئۆزبېكىستاندىمۇ دوستلىرى نۇرغۇن بولغان نۇرمەھەممەتكە ئۆز ئويۇم توغرىلىق ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇشبۇ سەپىرىمىزنى ئۇيۇشتۇرۇش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. بىز نامەنگەندىن 20 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى «چارتاغ» ساناتورىيىسىگە ئورۇنلىشىشنى، بوش ۋاقىتلاردا بولسا، ئۆلكىدىكى كونا شەھەر ۋە يېزىلار بىلەن تونۇشۇشنى توغرا كۆردۇق.
       پەقەت مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى دوستلىرىمنىڭمۇ ئائىلىلىرىنىڭ تەقدىرى بۇ يەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، نۇرمەھەممەتنىڭ ئانا جەمەت تەرەپتىن بوۋىسى — نامەنگەندە، خەمىتنىڭ قوچقار بوۋىسى زىيا مۇشۇ تەۋەدىكى ئۇيغۇرساي قىشلىقىدا ئۇزۇن بىل ياشىغان. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەسلى قەشقەرلىكلەر. بىز ئەجدادلىرىمىز ياشىغان شۇ يەرلەرنى كۆرۈشنى كۆڭلىمىزگە پۈكتۇق.
       مانا تاشكەنت ۋە نامەنگەن ۋىلايەتلىرىنىڭ چېگراسىنى كېسىپ ئۆتتۇق. يولنىڭ ئىككى تەرىپى كەتكەنلا پاختىزارلىق. قۇرۇپ كەتكەن پاختا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئۇچىدا بىرەن-سىرەن ئاق نۇقتىلار كۆزگە تاشلىنىدۇ.

***
        ستۇدېنت ۋاقتىمدا قولۇمغا تەككەن ئاتاقلىق تىلشۇناس-ئالىم غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋنىڭ «پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى» ناملىق كىتابىنى ئىنتايىن دىققەت قويۇپ ئوقۇپ چىققان ئىدىم. ئۇنى ھېلىھەم ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. غوجەخمەت ئاكا ئۆلكىگە 1961، 1962 ۋە 1967-يىللىرى ئۈچ قېتىم دىالېكتولوگىيالىك ئېكسپېدىتسىيە ئۇيۇشتۇرغان. ئالىم ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان كۆپلىگەن يەرلەردە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگەنگەن. ئاشۇ كىتاب بىز ئۈچۈن ئۆلكە بويىچە يول كۆرسەتكۈچى بولدى. بىز ئۆز ۋاقتىدا غ.سەدۋاقاسوۋ بولغان ئاھالىلەر پونكىتلارنى، قىشلاقلارنى زىيارەت قىلىش قارارىغا كەلدۇق.
       بىرىدىن كېيىن بىرى جايلاشقان ئاھالىلەر پونكىتلار. ھەربىرىمىز ئۆز خىياللىرىمىز بىلەن بەند بولغان ھالدا، ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ كېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز «ئۇيغۇرساي» دېگەن يېزىقنى بايقاپ قالدۇق. ئاللا تاالا ھەقىقەتەن يولىمىزنى ئوڭ قىلغان بولسا كېرەك، بىز ھېچ تېنىمەيلا، خەمىتنىڭ ئانا جەمەت قوچقار بوۋىسى زىيا ياشىغان يۇرتقا كەلدۇق. زىيا ئاقساقال بۇ مەھەللىگە 1877-يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا گېنېرال زو زۇڭتاڭ لەشكەرلىرى ئەلنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. شۇ يىلى تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن 300 مىڭ ئۇيغۇر ئۇجۇقتۇرۇلۇپ، يۈز مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز پەرغانە ۋادىسىغا قېچىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زىيامۇ بولۇپ، ئۇ مۇشۇ يەردە سائادەت ئىسىملىك قىزغا ئۆيلىنىپ، تۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ رىزا ۋە ئابدۇرېشىت ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولغان. ئىككىلىسى 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ، خەمىتنىڭ ئانىسى باشارەت تۇغۇلغان نادېژدىنسكايا (ھازىرقى ئىشىكتە شەھىرى) ستانىسىسىغا ئورۇنلىشىدۇ.
       ئۇيغۇرساي قىشلىقى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئامما تازا، سەرەمجان مەھەللە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەر نۇرغۇن ئىكەن. ئاپتوموبىل بىلەن يېزا كوچىلىرىنى بىرئاز ئارىلىغاندىن كېيىن، بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ، پىيادە ماڭدۇق. يولدا ئاپئاق كىيىنىۋالغان، كېلىشكەن مويسىپىتنى ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئاقساقال بىزگە بۇرۇندىن قىشلاقتا ماھىر قول ھۈنەرۋەن ۋە دېھقان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقى توغرىلىق ئېيتىپ بەردى. ئۇيغۇرسايلىق بۇ ناتونۇش بوۋاي نېمىشقىدۇر، قەشقەردە بولغىنىمدا، كۆپ ئۇچراتقان ئۆزىنىڭ تەڭتۇشلىرىنى يادىمغا سالدى.

***
     چارتاغ — ئانچە چوڭ ئەمەس شەھەر، ناھىيە مەركىزى. ئۇ كېڭەش دەۋرىدە س س س ر  دىكى ئەڭ ياخشى ساناتورىيىلەرنىڭ بىرى ئورۇنلاشقانلىقى بىلەن داڭلىق ئىدى. دەم ئېلىش ئورنى ھازىرمۇ مەۋجۇت. ئۇنىڭغا ئورۇنلاشقان بىز ۋادىنى ئايلىنىپ، مۇشۇ تەۋەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇشنى مەقسەت قىلدۇق.
     بىراۋغا سادىق دوست بولۇش ھەم ئۆزۈڭ ئۈچۈنمۇ سادىق دوستلارنى تېپىش — بۇمۇ، ئەتىمالىم، بىر قابىلىيەت بولسا كېرەك. نۇرمەھەممەتنىڭمۇ دوستلىرى ئىنتايىن نۇرغۇن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا كەمتەر، ئىشەنچلىك ۋە مېھماندوست ئادەملەر. بىزنى تارازدىمۇ، چىمكەنتتىمۇ ۋە تاشكەنتتىمۇ ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى كۈتۈۋالدى. ئەمدى مانا چارتاغدىمۇ رېستوراننىڭ خوجايىنى بولغان ئۇنىڭ ئۆزبېك دوستى رېيىمجان ئاكا قۇچاق يېيىپ قارشى ئېلىپ، مېھمان قىلماقتا. ئۇنىڭ ياش ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسا، شەخسىي ئاپتوموبىللىرى بىلەن بىزنى توشۇپ، پۈتكۈل ۋادىنى ئارىلاپ چىقىشىمىزغا شارائىت ياراتتى.

ئانا تىلىنى ئۇنتۇماپتۇ

     مەلۇمكى، بەزىبىر ۋاقەلەر ئادەملەر ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەن تېلىۋىزىيە ئىستانسى مۇخبىرى گۈلنازخان ساقىېۋا بىلەن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالدىم. ساناتورىيىدە دەم ئېلىۋاتقان بىرنەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئارىسىدا بۇ گۈزەل ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. بىر قارىماققا 35 ياشتىن چوڭ ئەمەستەك كۆرۈنىدىغان ئۇنى دەم ئېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپچىلىكى تونۇيتتى ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە مەمنۇنىيەت ئىلىكىدە سالاملىشاتتى. بۇ بىزنى تەئەججۈپلەندۈردى. خەمىت ئۇنىڭ مىللىتى تاجىك بولسا كېرەك دېگەن تەخمىننى ئېيتتى. ئامما دوختۇرلۇق  تەكشۈرۈشلەرگە نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرغىنىمىزدا، قېشىمىزدىكى ئاياللارنىڭ بىرى ئارقىلىق بىز گۈلنازخاننىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەررۇ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ئىكەن. گۈلنازخان بىلەن تونۇشقىنىمغا مەن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر شېۋىسىدە ئەركىن گەپ قىلىشى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. راستىنى ئېيتقاندا، مەن ئۇنىڭدىن بۇنى كۈتمىگەن ئىدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئاممىسىدىن پىراقتا بولۇش، مىللىي مەكتەپ، گېزىت، تېاترلارنىڭ يوقلۇقى، ئاز-ئازدىن بۆلۈنۈپ كېتىش ئوخشاش بەلگىلىك سەۋەبلەرگە بولا، بۇ تەۋەدە ئۆز ئانا تىلىدا مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەر ئىنتايىن ئاز ئۇچرىشاتتى. ۋادىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاساسەن تومۇرداش ئۆزبېك تىلىنىڭ تەسىرى كۆپ بولغان پەرغانە شېۋىسىدە گەپ قىلاتتى. پەيدىن-پەي بۇ شېۋىمۇ يوقاپ كەتسە كېرەك. بەختكە يارىشا، مىللىي روھى ئۈستۈن بولغان ئايرىم ئائىلىلەردە ئانا تىلى ئۆز ئەينى پېتىچە ساقلىنىپتۇ. گۈلنازخاننىڭمۇ شۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەنجاندىكى چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغان ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ۋىلايەتلىك دۆلەت تېلېكومپانىياسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. «ئەنجان يېڭىلىقلىرى» پروگراممىسىنىڭ ئېلىپ بارغۇچىسى ئىكەن. بىز گ.ساقىېۋانىڭ پەقەت تېلېۋىزور گۈزگۈچىلا ئەمەس، شۇنداقلا ئەنجاندىكى ھۆسن گۈزەللىك دۇكانلىرىدىن بىرىنىڭ ئىگىسى سۈپىتىدىمۇ شەھەر ئاياللىرى ئارىسىدا ئىنتايىن ئاممىباب ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق.
      تەبىئىيكى، مەن ئۇنىڭغا كىملىكىمىزنى، قەيەردىن ۋە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ بەردىم. دوستلىرىم بىلەن تونۇشتۇردۇم. ئۇ بىزنى ئۇزاق ئۈزۈلۈشتىن كېيىن كۆرۈشكەن ئاكىلىرىنىڭ ئورنىدا قوبۇل قىلدى ھەم پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى توغرىلىق كۆپلىگەن قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بەردى. شۇنداقلا گۈلنازخان ئەنجاندا ياشاۋاتقان ئايرىم قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى تەكلىپ قىلدى. بىز ئۇنىڭ تەكلىپىنى ئىنتايىن مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلدۇق. چۈنكى بىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمىزمۇ شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدى.

1934-بىلدىكى ئۇيغۇر قاچاقلىرى

      بىز ئەنجان شەھىرىنىڭ ئېسكىلىك (كونا شەھەر) مەھەللىسىگە كەلدۇق. بۇ يەرگە ئۇيغۇرلار دەسلەپ XV- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كەلگەن ئىكەن. ئامما جاھانگىر غوجىنىڭ قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن خېلىلا كۆپىيىپتۇ. مەن بۇنى دادامنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ ماڭا 20- ئەسىرنىڭ يىگىرمىنچى يىللىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا قەشقەرنى تاشلاپ چىققان تۇغقانلىرىمىزنىڭ مۇشۇ تەۋەدە ياشىغانلىقى توغرىلىق ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. بۇ شەھەردە 1934-يىلى داداممۇ ياشىغان. شۇڭلاشقا ئەنجان مېنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئېگە.
    بىز ماشىنىدا ئېسكىلىك مەھەللىسىنى ئارىلاپ كېتىپ بارىمىز. مەن ئادەملەرگە، ئۆيلەرگە قىزىقىپ قاراۋاتىمەن. بۇ مەھەللە تۇرغۇچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلار ئىكەن. ئۇلار قەشقەردىكى قېرىنداشلىرىمغا بەك ئوخشايدۇ. مەن بۇ يەردە توقال ئۆيلەرنى ئۇچراتمىساممۇ، ئۇلار كۆپ جەھەتلەردىن بەرىبىر قەشقەردىكى ئۆيلەرنى ئەسلىتەتتى: دېرىزىلىرى ھويلىغا قارىتىلغان، تاپچان، ئۈزۈم باراڭلىقى…

ئابدۇقادىر قارى ئىمىنوۋنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن

     1934-يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا مەن كىندىك قېنىم تامغان شەھەرنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. مېنىڭ ئاتا-ئانام ئىمىناخۇن بىلەن ساكىناخان، مەرىمساخان، ھوسماناخۇن ۋە يېڭى تۇغۇلغان تاۋاكەلاخۇن قاتارلىق قېرىنداشلىرىمنى ئېلىپ، ئانامنىڭ يۇرتىدىن ئانچە بىراق بولمىغان توقاي يېزىسىغا يوشۇرۇنىدۇ. ئۇلار ئاپئاق غوجا مەھەللىسىدىكى ئۆيىمىزنى، ئىنىم ياقۇپاخۇننى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان.
      دۈشمەنلەر شەھەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن 12-13 ياشتىن يۇقىرى بولغان بارلىق ئەر-يىگىتلەرنى ئاتقىلى تۇردى. ئون يەتتە ياشقىمۇ تولمىغان مەن ئۇ چاغدا كۆپلىگەن تەڭتۇشلىرىم ئوخشاش شەھەر ھىمايىچىلىرىنىڭ قاتارىدا يۈرگەن ئىدىم. ئاخىرى مەنمۇ قولغا چۈشۈپ، ئوققا تۇتۇلغانلارنىڭ ئارىسىدا بولدۇم. شۇ چاغدا ئون مىڭلىغان ئادەملەر ئۇجۇقتۇرۇلدى. بىزنى پىلىموت ئوقىنىڭ ئاستىغا ئالغان ئىدى. ھېچ ئويلىمىغان يەردىن تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ، مەن ئامان قالدىم. ئالدىمدا تۇرغان ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشۈپ، شۇ مېنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالدى. مەن جەسەتلەر ئاستىدا ئۇزاق ياتتىم. قاراڭغۇ چۈشكەندە سەككىز ياشلىق ئىنىم ياقۇپاخۇن قالغان ئۆيىمىزگە باردىم. ئۇنىڭغا دۈشمەنلەرنىڭ تەگمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە، بىرئاز سۆزلىشىپ، ئىنىمنى ئۆيدە قالدۇردۇمدە، ئۆزۈم كونا قەبرىستانلىققا بېرىپ، مۆكۈنۈپ، مازارلارنىڭ بىرىدە تۈنىدىم. ئامان قېلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى خىتاي-كېڭەش چېگراسىنى كېسىپ، س س س ر غا ئۆتۈپ كېتىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. شۇ مەقسەتتە چېگرا تامان قېچىپ ماڭغىنىمدا، ئۆزۈمگە ئوخشاش غېرىب ئادەملەرنى ئۇچراتتىم. بىز ئېگىز تاغلىق داۋان بىلەن مېڭىپ، كۆك-سۇ دەرياسى تەۋەسىدە چېگرادىن ئۆتتۇق. يول بويى مەن ئاچارچىلىقتىن ۋە سوغدىن ھالاك بولغان ئادەملەرنىڭ مېيىتلىرىنى كۆپ كۆردۈم. مەن يېڭىدىن ئۆسكەن بېدە بىلەن گۆشۈنىنىڭ كۆكىنى يەپ، جېنىمنى ئامان ئېلىپ قالدىم. مېنىڭدىن چوڭ بولغان يۇرتدىشىم ماڭا ياخشى يولداش بولدى. ئەتىيازدا تاغ سالقىن، كېچىلىرى خېلىلا سوغ بولغاچقا، بىز قوراي-چاتقاللارنى ئاستىمىزغا سېلىپ، يېتىپ يۈردۇق. يولدا ئۇچراتقان دەسلەپكى ئاھالىلەر پونكىت سوپى (ھازىرقى سوفى قورغان – ئى.ئى.) قىشلىقى بولدى. بىز بۇ يەردە قونۇپ قالدۇق. بىرئاز ئىسسىنىپ، يەرلىك تۇرغۇنلار بەرگەن نەرسىلەر بىلەن سەل قوسىغىمىزنى تويدۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئوش شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. بۇ شەھەردە مەن مىڭلىغان قەشقەرلىك قاچاقلارنى كۆردۈم. ھاكىمىيەتنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشقا ئىقتىدارى يەتمەيتتى. ئىش تېپىش مەقسىتىدە قولۇمغا كەتمەننى ئېلىپ، بازارغا چىقساممۇ، دائىم ئىش تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ شەھەردە مەن 1 ئاي 10 كۈن تۇردۇم. ئوشتا ھاياتىمدا دەسلەپكى قېتىم پويىزنى كۆرۈپ، شۇنىڭغا ئولتۇردۇم-دە، قاراسۇ ستانسىياسىگە يېتىۋالدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن جالالاباد شەھىرىگە قاراپ يول تۇتتۇم. بۇ يەردىن بىزنى قاراسۇ دەرياسىنىڭ ئۈستىگە كۆرۈك سېلىش ئۈچۈن خاناباد شەھىرىگە ئەۋەتتى. ئايرىم قاچاقلار شۇ يەرلەردە قالدى. بىراق مېنى نۇرغۇنلىغان يۇرتداشلىرىم ياشاۋاتقان ئەنجان شەھىرى كۆپرەك قىزىقتۇراتتى. ئاخىرى، مەن مەزكۇر شەھەرگە كېلىپ، ئېسكىلىك مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتىم. بۇ يەردە ياشاۋاتقان يۇرتداشلىرىمنىڭ ماڭا ياردەم قىلغۇسى كېلەتتى. ئامما ئۇلارنىڭ قولىدىن نېمە كەلسۇن؟ بىرىنچىدىن، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەھۋالى ئىنتايىن قىيىن ئىدى. ئىككىنچىدىن، قاچاقلارنىڭ سانى ناھايىتى نۇرغۇن ئىدى. كۆپچىلىكىمىز ئاچارچىلىقتىن ھايات-مامات ئارىسىدا قالغان ئىدۇق. مەن يەنە ھەر كۈنى ئىش ئىزدەپ، بازارغا بېرىپ يۈردۈم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە باكۇغا ئىشچىلارنى يىغىۋاتقانلىقى توغرىلىق ئېلاننى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ چۈشىنىشلىككى، ئامان قېلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مەن باكۇدا ئىشلەش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزدۈم. شۇ چاغدا قەشقەردىن چىققان يەنە 950 يۇرتدىشىم ماڭا ئوخشاش كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. بىز يۈك پويىزىدا ئەزەربەيجانغا ئاتلاندۇق. ئىنتايىن ئۇزاق، تەخمىنەن، يىگىرمە كۈندەك ماڭدۇق. ئاخىرى تۈركمەنىستاننىڭ پورتلۇق شەھىرى كراسنوۋودسكقا كەلدۇق. ئۇ يەردىن كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق پاراخوتتا باكۇغا باردۇق. باكۇدىن ئۇيغۇر قاچاقلىرىنى گياندژا دېگەن يەنە بىر شەھەرگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە بىز نېفىتنى قايتا ئىشلەيدىغان زاۋۇتتا ئىشلەشكە باشلىدۇق. شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك نېفت بىلەن بېنزىننىڭ پۇرىقى دىماغنى ئېچىتىپ تۇراتتى. ھەتتا دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنىمۇ قارا قۇرۇم قاپلاپ كەتكەن ئىدى. ئىنتايىن ئېغىر شارائىت ئاقىۋىتىدىن، ھايات كەچۈرۈش بەكمۇ مۈشكۈل بولدى. ئىشنىڭ ئېغىرلىقىدىن ۋە قوسىغىنىڭ تويماسلىقىدىن ئايرىم ئىشچىلار ھالاك بولۇپمۇ كەتتى. ئالتە ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن مەن مەككىگە ياكى ئالمۇتاغۇ كېتىش قارارىغا كەلدىم. مەن بۇ شەھەر توغرىلىق قەشقەردە يۈرگەندىلا ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ماۋزۇ. يەنە ئۇزاق سەرگۈزەشتلەردىن كېيىن ماڭا قازاقىستاننىڭ پايتەختىنى كۆرۈش نېسىپ بولدى.
       ئەزەربەيجاندىكى 1934-يىلقى ئۇيغۇر قاچاقلىرىنىڭ تەقدىرى قانداق بولدى؟ ئۇ تەرىپى ماڭا نامەلۇم. ئامما ئويلايمەنكى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇ يەردە قېلىپ، ئايرىملىرى ئۆزلىرى ئارمان قىلغىنىدەك تۈركىيەگە كەتكەن بولسا كېرەك. بىراق ئاساسىي كۆپچىلىكىنىڭ ئەنجانغا قايتىپ كەلگەنلىكى ئېھتىمالدىن بىراق ئەمەس. چۈنكى بۇ شەھەردە كۆپچىلىكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەتتى، ئۆزبېك تىلىمۇ ئۇلار ئۈچۈن يات ئەمەس ئىدى. بەختكە قارشى، شۇنىڭدىن كېيىن س س س ر دىكى دەسلەپكى ئېغىر ئايلارنى بىللە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ تەقدىرداش قېرىنداشلىرىم بىلەن يېنىپ كۆرۈشمىدىم…

«ئەنجان» چايخانىسىدا

     ئەنجان پەرغانە ۋادىسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنى جەنۇبىي-شەرىقتە تاشكەنتتىن 260 كىلومېتىر (يول بىلەن ماڭغاندا 360 كىلومېتىر)، شىمالىي-غەرىپتە قىرغىزىستانغا ئورۇنلاشقان ئوش شەھىرىدىن بارى-يوقى 35 كىلومېتىر ئارىلىق بۆلۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئارخېئولوگلارنىڭ ھېسابى بويىچە، 2015-يىلى ئۇنىڭ تەشكىل قىلىنغىنىغا 2500 بىل بولىدۇ. شەھەر تارىخىي مەلۇماتلار بويىچە 6- ئەسىردە ئاندۇكان نامى بىلەن مەلۇم بولغان. XV ئەسىردە ئۇ فېئودال دۆلەتنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئۇلۇغ موغۇللار دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى سالغان ۋە «بابۇرنامىنىڭ» مۇئەللىپى داڭلىق بابۇر مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغان. 1879-يىلى گېنېرال سكوبېلېۋنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قوقەند خانلىقى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنجان رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدۇ. شەھەردە ئاپتوموبىل ياساش، گاز ۋە نېفىتنى قايتا ئىشلەش سانائىتى تەرەققىي ئەتمەكتە. ئاھالىسى 450 مىڭ ئادەم.

***
      ئەتىمالىم، ئۇيغۇرلار ئىستىقامەت قىلىدىغان ھەربىر شەھەردە ياكى يېزىدا، ئەتراپىغا بارچە قېرىنداشلىرىمىزنى توپلاشقا قادىر بىر ئادەم ياشىسا كېرەك. ئەنجاندا مۇنداق رول شۆھرەت ئاكا تاشمەتوۋقا تەئەللۇق. ئۇ ئۆتمۈشتە يۈك ماشىنىسىنىڭ ھەيدىگۈچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. كەمتەر، ئىشلەمچان ۋە تەدبىركار ئىنسان. 58 ياشلىق ئۇ مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇنىڭ قەشقەردىن ئەنجانغا كۆچۈپ كەلگەن ئەجدادلىرى، ئۆز ۋەتىنىدىكىگە ئوخشاش بۇ يەردىمۇ ئىلقا چارۋىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. شۆھرەت ئاكا ئۆزىگە تەئەللۇق مەيدانى 1 گېكتار 15 سوتكىغا باراۋەر يەر ئۇچاستىكىسىدا، چارۋىچىلىق فېرمىسىنى تەشكىل قىپتۇ. كېيىنكى يىللاردا شەھەردە چايخانىمۇ ئاچقان ئىكەن. بىزنى شۇ يەردە قارشى ئالدى. «ئەنجان» دەپ شەھەرنىڭ نامىدا ئاتىلىدىغان بۇ چوڭ چايخانا 30 سوتكا مەيداننى ئىگىلەپ، تاپچان ۋە ياۋروپاچە ئۈستەللەر قويۇلغان كۋادرات شەكلىدىكى ئانچە چوڭ ئەمەس بۆلۈنمىلەردىن ئىبارەت ئىكەن. ئاشخانىسىمۇ ئىنتايىن كەڭ. ئوتتۇرىسىدا فونتان بولۇپ، ئەتراپىغا قىزىلقارىغاي، قارىغاي، كاشتان دەرەخلىرى ھەرخىل گۈللەر تىكىلگەن. ھويلىغا تەكشى چىنە تاختىچىلار يېيىتىلغان.
      مەن بۇ يەردە چايخانىغا ئادەتتە پەقەت ئەرلەرنىڭلا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەيران بولدۇم. چايخانا خوجايىنلىرى مېھمانلارنى جاي ۋە ئوزۇق-تۈلۈك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئەرلەر بولسا ئۆزئارا سۆھبەتلەشكەچ، پولۇ، قورداق، كاۋاپلارنى تەييارلايدىكەن. چايخانىدا بىزنى پولۇ بىلەن مېھمان قىلدى. ئەنجان پولۇسى ماڭا ئىنتايىن ياقتى. ئۇنى تەييارلاش ئۈچۈن ئاشپەزلەر گۈرۈچنىڭ پەقەت يەرلىك سورتى بىلەن سېرىق سەۋزىنى پايدىلىنىدىكەن. ئۇششاق گۆش پارچىلىرى قورۇۋېلىنغاندىن كېيىن پىيازنى سەل ئۆتكۈزۈپ قورۇيدىكەن. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ ئۈچۈن پاختا ۋە قۇيرۇق مايلىرىنى قاتار پايدىلىنىدىكەن. نەتىجىدە نادىر تەمگە ئېگە قارامتۇل رەڭلىك پولۇ پىشىپ، ئۇ تەۋە تۇرغۇنلىرى ئارىسىدا ئىنتايىن ئاممىباب ئىكەن.

ئەنجاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئاخىرقى ئارتىسى


—            شۆھرەت ئاكا، بىزنى بۇ قەدىم شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويۇڭا، — دەپ ئىلتىماس قىلدىم ئۇنىڭدىن.

—            ماقۇل، بىزنىڭ شەھەردە ئالىجان تاجىباېۋ دېگەن 90 ياشلىق مۆتىۋەر ياشايدۇ. ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىنى ئېسكىلىك مەھەللىسىدە ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ بىرى. شۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ كۆرۈڭلار، — دېدى ئۇ ياق.
      شۇنداق قىلىپ، بىز ئالىجان تاجىباېۋنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ئۇ ئورۇقراق، زېھنى ئۆتكۈر ۋە خۇشخۇي بوۋاي ئىكەن. ئانا تىلىنى ياخشى ساقلاپ قاپتۇ. ئۇ گەپ قىلغاندا ئۆزبېكچە سۆزلەرنى تامامەن قوشمايتتى دېسىمۇ بولىدۇ. 9 بالىنىڭ، 17 نەۋرىنىڭ ۋە كۆپلىگەن چەۋرىلەرنىڭ ئاتىسى بولغان ئاقساقال پەرزەنتلىرىنىڭ بىرىنىڭ قولىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. گەپ-سۆزى ئورنىدا، خاتىرىلىرى ئېنىق بولغان ئالىجان ئاكىنىڭ ھېكايىلىرىنى تىڭشاشمۇ قىزىق. بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مۇڭداشتۇق. بۇ دەقىقىلەرنىڭ مېنىڭ خاتىرەمدە ئۇزاق ساقلىنىدىغانلىقى تەبىئىي.

ئالىجان تاجىباېۋنىڭ ھېكايىلىرىدىن

      مېنىڭ ئەجدادلىرىم بىراق ئۆتمۈشتە قەشقەردىن ئەنجانغا كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئېنىق ئېيتالمايمەن، ئەتىمالىم، XV-ئەسىر بولسا كېرەك. ئاتا-ئانامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار قەشقەرلىك غوجىلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئىكەن. قەشقەرىيىدە غۇلغۇلا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار بۇ يەردىن تارىخىي ۋەتىنىگە كۆچۈپ بېرىپ، باستۇرۇلغاندىن كېيىن قايتىپ كەپتۇ. يەتتە غوجىلار ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئېسكىلىك مەھەللىسىنىڭ دەسلەپكى تۇرغۇنلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز كىچىك چاغدا يۇرتىمىزدا پەقەت ئۇيغۇرچە گەپ قىلاتتى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-پىللىرىنىڭ باشلىرىدا بۇ يەردە كولخوز تەشكىل قىلىنىپ، ئۇنىڭ نامى رەسمىي «ئۇيغۇر كولخوز» دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭدا مېنىڭ دادام تاجىباي كېرىمقۇلوۋ ئەمگەك قىلغان…
     دەسلەپكى ئۇستازىم تۇرداخۇن ئاكىنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايمەن. ئۇ ئانا دىيارىنىڭ ۋە قەشقەرىيىنىڭ تارىخىنى ئىنتايىن مۇكەممەل بىلىدىغان ئاجايىپ ئۇستاز ۋە ياخشى ئىنسان ئىدى. ئاشۇ پىراقتا قالغان بالىلىق دەۋرىمدە ئېسكىلىكتە پەقەت ئۇيغۇر مەكتەپلىرىلا پائالىيەت ئېلىپ باراتتى. ئۇستازلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. پەقەت ئوغۇللارلا ئەمەس، قىزلارمۇ ئوقۇيتتى. ئۇلار ئۈچۈن ئايال ئۇستازلار دەرس ئۆتىدىغان مەخسۇس سىنىپلار مەۋجۇت ئىدى. بىراق، نېمىشقىدۇر، ئۇرۇش يىللىرى ئۇيغۇر سىنىپلىرى يېپىلىپ كەتتى.
      ئەنجاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى ئىنتايىن داڭلىق ئىدى. كۆپلىگەن قىز-يىگىتلار ئۇنىڭدا ئىشلەشنى ئارمان قىلاتتى، مەن ئەينى شۇ تىياتىردا خىزمەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولغان ئاز ساندىكى شەخسلەرنىڭ بىرى. ياشلىقىمدا مەن سۇمباتلىق، كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناتتىم. ئاۋازىممۇ ياخشى ئىدى. تىياتىردا ھېيتاخۇن، غېناخۇن، ئابدۇرېشىت، روزاخۇن، كېرىماخۇن ئىسىملىك يىگىتلەر مېنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىدى. تىياتىردا ئىشلىگەن ئارتىسلار ئۇرۇش يىللىرىدا كاپالەتكە ئېگە بولۇپ، ئۇلارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتمەيتتى. بىز سپېكتاكللارنى ئىنتايىن ئاز سەھنىلەشتۈرەتتۇق. ئاساسەن كونسېرتلارنى قوياتتۇق. ئۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن پەرغانە ۋادىسىنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تاماشىبىنلار كېلەتتى. تاماشىبىنلار ئارىسىدا پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئۆزبېك، قىرغىزلارمۇ بولاتتى. خالىساڭلار مەن ياشلىقىمنى ۋە ئۇيغۇر تىياتىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ، سۆيۈملۈك ناخشام «ئاتۇشنى» ئېيتىپ بېرەي…
     بوۋاي ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ھېلىھەم جاراڭلىقتەك تۇيۇلدى ماڭا.
      بىز بوۋاي بىلەن ھەم خۇشال، ھەم خاپا بولۇپ خەيرلەشتۇق. خۇشال بولغىنىمىز، بىز ئەنجان تارىخىنىڭ تىرىك شاھىتى بىلەن ئۇچراشتۇق، خاپا بولغىنىمىز، ئۇ بۇ شەھەردە ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىپ، ئۇيغۇر تىياتىرىدا خىزمەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەملەرنىڭ بىرى ئىدى.
      شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار ئىلىكىدە بىز مۆتىۋەرنى چىڭ قۇچاقلاپ، ئۇنىڭغا سالامەتلىك ۋە ئۇزاق ئۆمۈر تىلىدۇق. ئۇ بولسا بىزگە ئامانلىق تىلەپ، دۇئا بەردى…

(داۋامى بار )

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4857
توردىكى ۋاقتى: 1410
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 16:25:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەن دوستىمىزغا رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 16:33:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolanogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-22 16:38  

ھەر قېتىمىلق  زۇلمغا قارشى قۇزغۇلۇپ  باستۇرلغاندىن كىيىن تالاي كىشلەر قىرغىن قىلىن ئولۇپ كەتسە ،نۇرغۇن كىشلەر مۇساپىرچىلىق يول ئازاۋىدا ئولۇپ كىتىپ   .قولىدىن ئىش كىلدىغانلار زومگەرلەر تەرپىدىن ئولتۇرلۇپ ،ئامان قالغانلىرى سىرتقا قېچىپ ،سەركىسىز پادىدك،،يۇۋاش يۇمشاق ئاجىزلار قېىلىپ قالغاندىكىن شۇنچە كەڭرى دىيارمىزنىڭ كۇلپەت بېسىپ نامېراتلىق ئىچىد قېلىشنىڭ ،دىيارمىزدا بۇستانلىقنىڭ ئاز بولۇشى ،يەرنىڭ كەڭرى ئادەمنىڭ ئاز بولىشى ، ،ئاساسلىق سەۋەبى شۇ ئوخشايدۇ.ئاللا ساقلاپتۇ يەنىلا تۇگەپ كەتمەي ياشاپ كىلىۋىتپتىمىز،پارتىيەمىز كەلمىگەن بولسا يەنە نىمەكۇنى كورەتتۇق

2

تېما

3

دوست

4712

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1450
توردىكى ۋاقتى: 468
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 17:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



تالانتلىق مەتلۈبە يۈسۈپ-ئاخۇن
       بىز «ئەنجان» چايخانىسىغا قايتىپ كەلدۇق. ئۇ يەردە بىزنى داڭلىق مۇخبىر ۋە يازغۇچى مەتلۈبە يۈسۈپوۋا كۈتۈۋاتاتتى.كۆپلىگەن ئۇستازلارغا ئايانكى، مەكتەپتە ئۇزاق يىل ئىشلىگەن مۇئەللىملەردە ئالاھىدە بىر ئىقتىدار پەيدا بولىدۇ — ئۇلار بىر قاراپلا ئادەملەرنىڭ كىملىكىنى ئىلغا قىلالايدۇ. مېنىڭ  ئۇستازىم، سالاھىيەتلىك ئۇستاز ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولغان، سوتسىيالىستىك ئەمگەك قەھرىمانى قۇددۇس ئابسامېتوۋ شۇنداق ئىدى. ياش ۋاقتىمدا مەن ئۇنىڭ شۇ ئىقتىدارىغا قاراپ ھەيران بولاتتىم. مەنمۇ ئۇزۇن يىللار جەريانىدا مەكتەپتە ئىشلىدىم. مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر، مۇئەللىم بولدۇم. شۇڭلاشقا مەتلۈبەنى دەسلەپكى قېتىم كۆرگىنىمدىلا، ئۇنىڭ ئالاھىدە شەخس ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. بىراق ئۆزىنىڭ ياش شاگىرتى، ژۇرنالىست ئۆزبېك قىزىنى چايخانىغا ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن ئۇنىڭ بۇ يەردە ئۆزىنى سەل ناقۇلاي ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. دەسلەپ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم.
كېيىنىرەك مەتلۈبە ماڭا چايخانىغا پەقەت ئەرلەرنىڭلا كېلىدىغانلىقىنى، ئاياللارغا كېلىشكە بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئالمۇتىلىق قېرىنداشلىرى بىلەن تونۇشۇش ئىستىگىنىڭ كۈچلۈكلۈكى تۈپەيلىدىنلا بۇ يەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، چۈشەندۈردى.
      ماڭا رەھبەرلەرچە قەتئىيلىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس كەمتەرلىكىگە بەك ياراشقان بۇغداي ئۆڭلۈك، پېشانىسى ئىللىق خانىم قاراپ تۇراتتى. بۇ قەدىم شەھەردە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ھەرقەدەمدە بايقاش مۇمكىن. شاگىرتى گۈلنازخان ساقىېۋا ئۇنىڭغا مەتلۈبەخان ئاچا دەپ مۇراجىئەت قىلىدىكەن. مەتلۈبە خانىم بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا مەن ئۇنىڭ ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئايرىم خەلقىمىز ۋەكىللىرىنىڭ مىللىي ئوي-تەپەككۈرىنىڭ، غۇرۇرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە قايىل بولدۇم. ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرى باش-ئايىغى بولۇپ 200 يىلدەك قەشقەرنىڭ پىراقىدا ياشىسىمۇ، ئانا تىلىنى شۇنداق ساقلىغانكى، ئۇلارنى تىڭشىغاندا مەن ئۆزۈمنى گويا قەدىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پايتەختىدە يۈرگەندەك ھېس قىلدىم. كېيىنىرەك «ئاق ياغلىق» ناملىق كىتابىنىڭ دەسلەپكى سەھىپىسىنى ئاچقاندا، بۇ توپلامنى ئۆزى چەكسىز ياخشى كۆرگەن ۋە يېقىندا ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتىسى يۈسۈپ ئاكىنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلىغانلىقىنى بىلدىم. ھەسرەت ئىچرە يازغان بولسا كېرەك، ئۇنىڭ بېغىشلىمىسىنى تەۋرەنمەي ئوقۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەتلۈبە ئۆزىنىڭ كىمنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى دائىم قەيت قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن يۈسۈپ-ئاخۇن دېگەن تەخەللۇسنى تاللاپتۇ. شۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇنىڭ خەلقىمىزنىڭ سادىق قىزى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ كىتابى توغرىلىق كېيىنىرەك گەپ قىلارمىز. ھازىرچە قەھرىمانىمىزنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كېلەيلى.
     مەتلۈبە ئەنجاندىن ئانچە بىراق بولمىغان ئۇيغۇر-قىشلاق يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپتۇ. 1984-يىلى مەكتەپنى تاماملاپ، تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇخبىرلىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشىغا چۈشىدۇ. شۇ مەزگىللەردىلا ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى جۇمھۇرىيەتچىلىك ۋە ۋىلايەتلىك نەشرلەردە تۇراقلىق بېسىلىپ تۇرغان.
       «80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مېنىڭ ماقالىلىرىم ئانا تىلىمىزدا يورۇق كۆرىدىغان «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى»، دەپ كۈلۈمسىرىدى ئۇ. ئۇنىۋېرسىتېتتىن كېيىن مەتلۈبە ئەنجانغا قايتىپ كېلىپ، ۋىلايەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا ئىشلەشكە باشلىدى. قابىلىيەتلىك، ئىشلەمچان ژۇرنالىست كۆپ ئۆتمەيلا رەھبەرلىكنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ، مۇھەررىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ھازىر ئۇ «بابۇرنىڭ ئىزلىرى بويىچە»، «دىيار» دېگەنگە ئوخشاش مەخسۇس پروگراممىلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. «ئەنجان يېڭىلىقلىرىنى» تەييارلايدۇ. «دىيار» پروگراممىسىدا بىرنەچچە قېتىم پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى توغرىلىق پروگراممىلارنى ئىشلەپ  چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا داڭلىق مۇخبىرنىڭ ھەرخىل ماۋزۇلارغا يېزىلغان كۆپلىگەن ماقالىلىرى ئىناۋەتلىك نەشرلەردىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ قەلىمىگە پەقەت ماقالىلەرلا ئەمەس، شۇنداقلا پوۋېست، ھېكايە، ئوچېرككە  ئوخشاش ئەدەبىي ژانىردىكى ئەمگەكلەرمۇ مەنسۇپ.

***
    ئەمدى تاشكەنت شەھىرىدە 2012-يىلى دۆلەت بۇيرۇتمىسى بويىچە 3000 نۇسخىدا يورۇق كۆرگەن مەتلۈبە يۈسۈپ-ئاخۇننىڭ «ئاق ياغلىق» ناملىق كىتابى توغرىلىق گېپىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى. ئۇ مۇئەللىپنىڭ ھېكايىلىرى بىلەن پوۋېستىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توپلام.
    مەن ئۆمرۈمدە دەسلەپكى قېتىم ئۆزبېك تىلىدا يېزىلغان كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ، زېھىن قويۇپ ئوقۇپ چىقتىم. ھەممىسىنى چۈشەندىم. ھەقىقەتەنمۇ، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىللىرى ئىنتايىن يېقىن ئىكەن. مەتلۈبە قابىلىيەتلىك ئىجادكار. مەن بۇنى دەررۇ سەزدىم. ئۇنىڭ پسىخولوگىيىلىك ئەسەرلىرىنىڭ قەھرىمانلىرى قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچار بولغان ئاددىي ئادەملەر. مەن ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ بىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، قازاقىستاندىكى نەشرلەرنىڭ بىرىدە ئېلان قىلىشقا تىرىشىمەن. بىز مەتلۈبەنىڭ بىزگە بولغان قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلدۇق ۋە ئەنجاندا شۇنداق ئادەمنىڭ بارلىقىغا پەخىرلەندۇق. كېيىنىرەك، بىز، دوستلار، ئۆزئارا پاراڭلىشىپ، ئانا تىلىغا، ئەدەبىياتىغا چەكسىز مۇھەببەت باغلىغان بىلىملىك، ئەقىللىق بۇ خانىمنىڭ پەقەت ئۆزبېك تىلىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ئىجات قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ ھاسىل قىلدۇق.
     ئېيتماقچى، بىز 25 ياشلىق مۇھەببەت ئىمىنوۋانىڭمۇ مەتلۈبەنىڭ كۆپلىگەن شاگىرتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەنجان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇمكارى بولغان ئۇ قىز «ئەنجان يېڭىلىقلىرى» پروگراممىسىنىڭ ئېلىپ يارغۇچىسى ئىكەن.


ھېنىپەم سالىخوۋادا — مېھماندا


      تەبىئىيكى، ئەنجانغا بېرىپ، داڭلىق ئۇيغۇر شائىرەسى، ئالىم-ئەدەبىياتشۇناس ھېنىپەم سالىخوۋانى كۆرمەي كېلىشىمىز ھېچ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ياقنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن مەن كىچىكىمدىن تونۇش. مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدىلا ئۇنىڭ «مۇھەببەت سىرلىرى»، «ئانا يەرگە تەزىم» ئوخشاش نەزمىي توپلاملىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېگە بولغان ئىدىم. ئۇنىڭ شېىرىيىتىنىڭ باش قەھرىمانلىرى ياشلار بولۇپ، ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ئۇلارنىڭ قايناق ھېس-تۇيغۇلىرى، ئەخلاقى كۈيلىنەتتى. ياشلىقىمدا، خاتالاشمىسام، «پروستور» ژۇرنىلىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ مۇرات ھەمراېۋ تەرىپىدىن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر شېئىرىنى ئوقۇغان ئىدىم. 1980-يىلى، تۇغۇلغان كۈنۈمدە، مېنىڭ بولغۇسى رەپىقەم ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ موسكۋادا رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان «ۋېتۋى چىنارى» («چىنار شاخلىرى») ناملىق توپلىمىنى سوغا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن ھېنىپەم سالىخوۋانىڭ شېئىرلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ھ.سالىخوۋا پەقەت شائىرە بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ماھىر تەرجىمان، ئالىم- ئەدەبىياتشۇناس، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئەنجان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى. يۈز مىڭلىغان ئادەم ياشايدىغان ئەنجاندا، ئەتىمالىم، ئۇنى بىلمەيدىغانلار كەمدىن-كەم بولسا كېرەك.

***
    بىز ھېنىپەم سالىخوۋالارنىڭ ئۆيىدىن ئۇزاپ ئەنجاننىڭ چىرايلىق ۋە كەڭ كوچىسىدا ئاپتوموبىل بىلەن كېتىپ بارىمىز. قازاقىستاننىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن ئۆزگىچىلىكى — بۇ ياقتا، جۈملىدىن ئەنجاندىمۇ، ماشىنا ئاز ئىكەن. راستىمنى ئېيتسام، ئۆزبېكىستاندا مەن بىزنىڭ كوچىلاردىكىگە ئوخشاش ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تىقىلىپ كەتكەن ئاپتوموبىللارنى كۆرمىدىم.
     بىزنى ھېنىپەم سالىخوۋا بىلەن مەتلۈبە خانىم تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولدى. ئۇلار ئەزەلدىن تونۇش بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن قويۇق ھەم سەمىمىي مۇناسىۋەت باغلاپ كېلىۋېتىپتۇ. ھېنىپەم ئاچا شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ بىرىدە چىرايلىق ۋە ھەشەمەتلىك ئۆيدە ياشايدىكەن. ھويلىسىدا باراڭلىق بولۇپ، ئۇنىڭ سايىسىغا تاپچان ياسىلىپتۇ. بىزنى ئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن ياش كۆرۈنىدىغان 74 ياشلىق تىمەن ئايال ئىللىق كۈلۈمسىرەپ، قارشى ئالدى. ھەربىرىمىزنى ئانىلارچە باغرىغا بېسىپ، پېشانىمىزدىن سۆيۈپ قويدى. بىز ئۆزىمىزنى بەئەينى بىر يېقىن ئۇرۇق-تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق.ھازىرلانغان داستىخان بىزنى بۇ يەردە تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ھېنىپەم ئاچا يولدىشى، چوڭ ئوغلى ۋە كېلىنى بىلەن بىللە ياشايدىكەن. كېلىنى بىز بىلەن سالاملىشىپ قويۇپلا، كۆزدىن غايىب بولدى. بىز ئۇنىڭ مېززىلىك تائام تەييارلاپ، مېھمانلارنى خۇشخۇي قارشى ئېلىشقا ئادەتلەنگەن قەشقەر ياكى ئەنجان كېلىنلىرىگە خاس پەزىلەتلەرنى بويىغا مۇجەسسەملەندۈرگەنلىگىنى بىردىن چۈشەندۇق. ھېنىپەم ئاچىنىڭ يىراقتىكى قېرىنداشلىرىنى سېغىنىپ كەتكەنلىكى ئوچۇق بايقىلىدۇ. ھەربىرىمىزگە تويماي قاراۋاتقان ئۇنىڭ كۆزلىرىدە مېھىر-مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى. «مېنىڭ دەسلەپكى نەزمىي توپلاملىرىم ئۇيغۇر تىلىدا يورۇق كۆرگەن. ئانا تىلىمدا يېزىلغان ئاخىرقى توپلىمىم 1989-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە نەشر قىلىندى. ئەينى ۋاقىتتا ئاساسەن ئۆزبېك تىلىدا ئىجات قىلىۋاتىمەن. بەختكە قارشى، ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىغانلار ھازىر بۇ يەردە يوق دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ تېگى-تەكتىمنى، كىملىكىمنى ھېچقاچان ئېسىمدىن چىقارغان ئەمەس، — دەپ تەبەسسۇم ئەيلىدى شائىرە. — كېيىنكى يىللاردا ئۆزبېك تىلىدا بىرنەچچە نەزمىي توپلاملىرىم، مونوگرافىيام يورۇق كۆردى. مىرزا ھەيدەرنىڭ كىتابىنى تەرجىمە قىلدىم. ئاسپىرانت شاگىرتلىرىم ئارىسىدىمۇ بىر ئۇيغۇر بالىسى بار. ئۇنىڭغا دائىم يار-يۆلەك بولۇشقا تىرىشىمەن…»
     بىز ئۇزاق مۇڭداشتۇق. ئۇ ياق بىزدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھاياتى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى توغرىلىق سورىدى، جۇمھۇرىيىتىمىزدە ئىستىقامەت قىلىدىغان دوستلىرىنى، يازغۇچى-شائىرلارنى، ئالىملارنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئابدۇمېجىت دۆلەتوۋ، پاتىگۈل سابىتوۋا، كوممۇنار تالىپوۋ… ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، پەرىشانلىققا چۆمدى. بىز بولساق ئۇنىڭدىن پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتى توغرىلىق سورىدۇق. شائىرە بۇنىڭغا مەمنۇنىيەت بىلەن جاۋاب بەردى. «بىزگە يىگىرمە يىل داۋامىدا ئالمۇتىدىن مېھمان كەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بىزنىڭ تەشنا بولۇپ كۈتكەن قېرىنداشلىرىمىز. پات-پات كېلىپ تۇرۇڭلار…»، — دېدى ھېنىپەم ئاچا.
    بىزنى ئىللىق قارشى ئالغان شائىرەنىڭ رەپىقىسى بىلەن ئوغلىمۇ كۆڭۈلگە يېقىملىق ئادەملەردىن ئىكەن. سۆھبەتلىشىش جەريانىدا بىز بىلەن بىرئاز پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاتا ئاخىرىدا ھەممىمىزگە ئامانلىق تىلەپ دۇئا بەردى.
     بەختكە قارشى، ۋاقىت ئىنتايىن چاپسان ئۆتتى. چارتاققا قايتىدىغان پەيتمۇ كەلگەن ئىدى. شائىرە ھەربىرىمىزگە ئۆزىنىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرى يېزىلغان كىتابىنى سوغا قىلدى. بىزنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن ھەممە ئائىلە ئەزالىرى سىرتقا چىقتى. ھېنىپەم ئاچا ھەربىرىمىزنى يەنە ئانىلارچە سۆيۈپ، كەلگۈسى يىلى جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدە نىشانلىنىدىغان ئۆزىنىڭ 75 ياشلىق تەۋەللۇدىغا تەكلىپ قىلدى.
     بىز ئالمۇتىلىق قېرىنداشلىرىنى سېغىنىپ  يۈرىدىغان مېھرىبان دوستلارنىڭ بۇ يەردىمۇ بار ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزگەن ھالدا، ئەنجاندىن سەل مەيۈسلىنىپ قايتتۇق.

***
     تۈن. ئاپتوموبىل ئەنجاندىن چارتاققا قاراپ، ئاستا ئىلگىرىلىمەكتە. مەن جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى، خۇددى يەتتىسۇغا ئوخشاشلا، پەرغانە ۋادىسىغىمۇ كۆپ جەھەتلەردىن باغلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ھالدا، ماشىنا دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ، تۈپسىز خىياللار دېڭىزىغا سۈڭگۈپ كەتتىم.

ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ ماھىر بوكسچىسى


Jasurbek Latipov
     پەرغانە ۋادىسىنىڭ قايسى يېرىدىلا بولمايلى، بىز ئەڭ ئالدى بىلەن خەلقىمىزنىڭ داڭلىق ئوغۇل-قىزلىرى توغرىلىق ئۇچۇر ئېلىشقا قىزىقتۇق. بىزگە ئەنجانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۇلار توغرىلىق مەغرۇرلىنىپ سۆزلەپ بەردى. ئەينى شۇلارنىڭ ئايرىملىرىنى گېزىتخانىلارغىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتسەك ئارتۇق بولماس.
     2013-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە قازاقىستاننىڭ جەنۇبىي پايتەختى — ئالمۇتىدا بوكس بويىچە دۇنيا چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى. كىم بىلەن ئۇچرىشىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇيغۇر قىشلاقلىقلار ئۆزلىرىنىڭ يۇرتدىشى، ئۇيغۇر پەرزەنتى جاسۇربېك لاتىپوۋ ئۈچۈن جان كۆيدۈردى. ئۇلار بىزدىن چېمپىيونلۇقنىڭ قانداق تۈگىگەنلىكى ۋە جاسۇربېكنىڭ قانچىنچى ئورۇنغا ئېگە بولغانلىقى توغرىلىق سورىدى. بۇ ھەقتە ئېنىق خەۋىرىمىز بولمىغاچقا، بىز ھېچ نەرسە ئېيتالماي، خىجالەتچىلىكتە قالدۇق. شۇ چاغدا ئۇلار بوكسچى توغرىلىق ئەتراپلىق ئېيتىپ بەردى. جاسۇربېك (ياسۇربېك) 1991-يىلى 15-سېنتەبىردە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپلا بوكس بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۆز سالماق دەرىجىسى (52 كىلوگرام) بويىچە ئۆزبېكىستاننىڭ بىر نەچچە دۈركۈن چېمپىيونى، 2010-يىلى باكۇدا ئۆتكەن دۇنيا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىدە مىس مېدالىنى ئۇتۇۋالسا، لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە تۆتىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن، قازان شەھىرىدە ئۆتكەن ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا مۇسابىقىدىمۇ مىس مېدالىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان. ئۆتكەن يىلى ئالمۇتىدا ئۆتكەن دۇنيا چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىدە كۈمۈش مېدالغا قول يەتكۈزۈپتۇ. يۇرتداشلىرى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېگىز پەللىلەردىن كۆرۈنىدىغانلىقىغا، ئولىمپىكىدە ۋە دۇنيا چېمپىونى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.


ئۆزبېكىستان كىنو چولپىنى


Райхон Уласенова  RAYHON ULASENOVA
      ئەتىمالىم، ئۆزبېكىستاندا داڭلىق تىياتىر ۋە كىنو ئاكتىيۇرى رەيھان ئۇلاسېنوۋانى بىلمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك. «ئويدىن خويوت» تېلېپروگراممىسىنىڭ ئېلىپ يارغۇچىسى بولغان ئۇ 2012-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ ياخشى ئاكتىيۇر دەپ ئېتىراپ قىلىندى. ر.ئۇلاسېنوۋا داڭلىق «ئىلھام» تىياتىرىنىڭ يېتەكچى ئاكسترىسىسى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇ ئون سەككىز يېشىدا، تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئىككىنچى كۇرسىدا ئوقۇۋېتىپ، «ئاپئاق قارا لەيلەك» سپېكتاكلىدىكى باش روللارنىڭ بىرىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق داڭ چىقىرىدۇ. رەيھان رۇس ھەم ئۆزبېك تىللىرىدا رول ئىجرا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ف.لوركا، ك.گوسسى، ئېسخىلنىڭ پئېسىلىرىدىكى روللىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئورۇنلۇق. رەيھان «كەچۈر» («پروستى»)، «ھەقىقەت كۈنى» («دېن ئىستىنى»)، «ئۆگەي ئانا» («ماچېخا»)، «سالاماندرا ئىزى» (سلېد سالاماندرى») ناملىق فىلملاردا باش روللارنى ئوينىغان. ئۇ يۇرتدىشى يادىكار ئۇلاسېنوۋ بىلەن ئائىلە قۇرۇپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولغان .
   ئۇنىڭ سىڭلىسى — ئېسترادا ناخشىچىسى ئايخان ئىفارزادېنىڭمۇ ئەل ئارىسىدا داڭقى   ئۈستۈن.
     ئىنىسى جاھانگىر شاخابۇتدىنوۋنىڭ ئىسمىمۇ بارچە ئۆزبەكستانغا مەلۇم. ئۇ «ئىلھام» تىياتىرىنىڭ ئاكتېرى، «TVMarkaz» كانىلىنىڭ ئېلىپ يارغۇچىسى. ئۇلار ئەسلى ئۇيغۇرقىشلاقلىق بولغان داڭلىق رېژىسسور ۋە تەرجىمان ئارۇپ شاخابۇتدىنوۋنىڭ پەرزەنتلىرى.


نامەنگەندە
     چارتاغدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىققا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ بىرى — نامەنگەن ئورۇنلاشقان. بۇ شەھەر مەيدانى بويىچە مەملىكەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىسى 500 مىڭ ئادەم ئەتراپىدا نامەنگەن 2000 يىلدەك تارىخقا ئېگە. ئەزەلدىنلا ئۇنىڭدا پۈتكۈل شەرىققە مەلۇم بولغان خۇمدانچىلار، تىكىنچىلەر، تۆمۈرچىلەر، زەرگارلار، موزدۇزلار ياشىغان. ئۆلكىدە يىپەك سانائىتى بىلەن باغۋەنچىلىك تەرەققىي ئەتكەن. كۆپ  يىللار داۋامىدا نامەنگەن قەشقەرىيە بىلەن سودا، مەدەنىي ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، بۇ ئۆزبېك شەھىرى ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر شائىر، ئالىملىرى ئارىسىدىمۇ ئاممىباپلىققا ئېگە بولغان. مەسىلەن بىلال نازىم ئۇنى «ئاجايىپ گۈزەل نامەنگەن» دەپ شەرھلىگەن. ئامما، مەن بۇ شەھەر توغرىلىق سۆز بولغاندا، ئەڭ ئاۋۋال 1913-يىلى ئا.-ز. ۋالىدوۋ تەرىپىدىن «قۇتادغۇ بىلىكنىڭ» ئەڭ تولۇق ھېسابلانغان قوليازمىسىنىڭ مۇشۇ شەھەردىكى مۇھەممەد ھاجىنىڭ شەخسىي كىتابخانىسىدىن تېپىلغانلىقىنى يادىمغا ئالىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قوليازما تاشكەنت شەھىرىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ساقلانماقتا.
      ئەنجانغا ئوخشاش بۇ شەھەردىمۇ قەشقەردىن چىققان ئۇيغۇرلار ياشىغان. دوستۇم نۇرمەھەممەتنىڭ ئانا جەمەتتىن قوچقار بوۋىسى ئابدۇقادىر ئەينى شۇلارنىڭ بىرى. بۇ  تەۋەگە 19- ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا كەلگەن ئۇ تالاي ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭغا باغلىق ئەل ئارىلاپ، چېلەك يېزىسىغا كەلگەندە، ياشلا ھاياتتىن ئۆتىدۇ. ئۇ چاغدا نۇرمەھەممەتنىڭ بوۋىسى ئابدۇقاھار بارى-يوقى 10 ياشتا ئىدى.

پەرغانە ۋادىسى ئويغانماقتا

     تاڭ سەھەر، ئەتراپ ئەندىلا غۇۋا يورۇشقا باشلىغان. مەن دوستلىرىم بىلەن چارتاغدىن قوقەنتكە قاراپ يولغا چىقتۇق. يول بويى كۆپلىگەن قىشلاقلارنى بېسىپ ئۆتتۇق. پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئويغىنىشىنى كۆزىتىش ئىنتايىن قىزىقارلىق ھادىسە. بۇ تەۋەدە خورازلارنىڭ چىللىشى بىلەن تەڭلا، ئەڭ ئاۋۋال كېلىنلەر تۇرىدىكەن. ئاندىن ئۇلار ئېلېكتر چىراغلىرىنى ئەيمىنىپ ياندۇرۇپ، ھويلىسىنى، كوچىنىڭ ئۆيگە تەئەللۇق قىسمىنى سۈپۈرىدىكەن. تاڭ سۈزۈلگەندە، بوۋايلار ئۇيقۇدىن ئويغىنىدۇ. كېلىنلەر ئۇلار ئۈچۈن سۇ-ئاپتاۋىلارنى تەييارلايدۇ. بوۋايلار يۇيۇنۇپ، ناماز ئۆتەپ بولغاندىن كېيىنلا قالغان ئائىلە ئەزالىرىنى ئويغىتىدۇ. ۋادىنىڭ تولۇق ئويغىنىشى ئەينى شۇنداق.

قەدىم قوقەنتتە

   قەشقەردە يۈرگەندىلا مەن قوقەنتنى كۆرۈشنى ئارمان قىلغان ئىدىم. چۈنكى قەشقەرىيە نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەر داۋامىدا قوقەنت، بارچە پەرغانە ۋادىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاپ كەلگەن. دادام ئابدۇقادىر قارىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، مېنىڭ ئەجدادلىرىممۇ بۇ شەھەردە تالاي قېتىم بولغان ئىكەن.
     قوقەنت — پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەڭ كونا شەھەرلەرنىڭ بىرى. 10- ئەسىرلەردىن باشلاپ ئۇ ھەرخىل ناملار بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئۇ بولۇپمۇ 15- ئەسىردە، يەنى 1709-يىلى مىڭلار قەبىلىسىدىن چىققان شاكرۇك-بىي تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان قوقەنت خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان چاغدا كەڭ تونۇلغان. 1976-يىلى گېنېرال سكوبېلېۋنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قوقەنت خانلىقى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. قوقەنت مەركىزىي ئاسىيا زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئىنتايىن ئاممىباب(داڭلىق) ئىدى. نەق شۇ شەھەر 1917 — 1918-يىللىرى مۇستاپا چوقاي رەھبەرلىكىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۈركىستان ئاپتونومىيىسىنىڭ پايتەختى بولدى.
ھازىر ئۇ پەرغانە ۋىلايىتىنىڭ تەركىبىدە، ئاھالىسى 220 مىڭ ئادەمدىن ئوشۇق.

***
     بىز قوقەنت شەھىرىگە كىرىپلا خۇدايار خاننىڭ سارىيى ئورۇنلاشقان مەركەزگە قاراپ يول تۇتتۇق. مەلۇمكى، خۇدايار خاننىڭ ئوردىسى — قوقەنتتىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ئىمارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
      سۈنئىي دۆڭنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ساراي پىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بىنانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئىنتايىن چىرايلىق. پەلەمپەيلەر پەشتاق بىلەن بۆلۈنگەن مەركىزىي ئىشىككە ئېلىپ بارىدۇ. بىز ئەينى شۇ پەلەمپەيلەر ئارقىلىق كۆتۈرۈلۈپ، ساراينىڭ ئىچىگە كىردۇق. ساراينىڭ سەلتەنەت مەيدانى ھازىر مىراسگاھقا ئايلاندۇرۇلغان. ئۇنىڭغا قويۇلغان ئاسارئەتىقىلەر ئارقىلىق ئۆلكە تارىخى بىلەن تونۇشتۇق. مېنى بىنانىڭ تاملىرى، تورۇسى، ئىشىكلىرى ھەيران قالدۇردى. ئۇلارنى سۈرەتكە چۈشۈرۈۋالدىم. بەختكە قارشى، كۆپچىلىكى ئەينى پېتىچە ساقلانماپتۇ. ساراي دائىرىسىدە ئىخچام مەسچىت، چوڭ ۋە كىچىك قوبۇل قىلىش زاللىرى بولغان ئىكەن. بىز كىچىك زالغا كىرىپ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ رۇخسىتى بىلەن خاننىڭ تەختى بولغان جايدا خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشتۇق. خۇدايار خاننىڭ ئوردىسىدا بولغىنىمىزدا، ئۇ يەردىكى 19- ئەسىرگە تەئەللۇق قوقەنت ھارۋىسى بىلەن شۇ مەزگىللەردىكى ئانچە يوغان ئەمەس زەمبىرەك يادىمىزدا ساقلىنىپ قاپتۇ. بىز شۇنداقلا مىراسگاھ ئېكسكۇرسىيىگە ئايلانغان شەھەرنىڭ قاپقىسىنى زىيارەت قىلدۇق. پادىشاھ زامانىسىدە خان سارىيىنىڭ ئايرىم بۆلمىلىرى چېركاۋغا ئايلاندۇرۇلغان ئىكەن. كېيىنكى يىللاردا ساراينى رېستوران قىلىۋېتىپتۇ. بىراق ئالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئىشلار تېخى نۇرغۇن ئىكەن. بۇ يەردە بىز ھەرتەرەپلىمە بىلىمگە ئېگە مىراسگاھ چۈشەندۈرگۈچىسى  بىلەن تونۇشتۇق. ئۇ ياق پەقەت قوقەنتنىڭلا ئەمەس، قەشقەرنىڭمۇ تارىخىنى ياخشى بىلىدىكەن. بىزگە ئۇ يەتتىشەر دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانى — ياقۇپبەگنىڭ پاجىئەلىك ۋە جاسارەتلىك تەقدىرى توغرىلىقمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئېيتىپ بەردى.
     ئوردىدىن مەن خاتىرە ئۈچۈن قوقەنت دوپپىسىنى ۋە ئالىم خ.بابېكوۋنىڭ «قوقەنت تارىخى» ناملىق كىتابىنى سېتىۋالدىم.
     شەھەردە بىز شۇنداقلا 1820-يىلى سېلىنغان ھامال قازىنىڭ مەدرىسىسىنى، 15- ئەسىرگە تەئەللۇق بىناكارلىق ئۈلگىسى بولغان جامە مەسچىتىنى ۋە 15- ئەسىردىكى شەرق ھاممامنى زىيارەت قىلدۇق.

قەشقەر ۋە قوقەنت
     ئەمدى قەشقەر بىلەن قوقەنت مۇناسىۋەتلىرىگە قايتىپ كېلەيلى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرى 15- ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۆزئارا ياخشى مۇناسىۋەتتە بولدى. قەشقەرىيە چىن ئىمپېرىيىسىنىڭ تەركىبىگە مەجبۇرىي قوشۇلغاندىن كېيىن، قەشقەر غوجىلىرى قوقەنتتىن پانا تاپتى.
     مۇھەممەد ئېلى ھۆكۈمرانلىق قىلغان 15- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 30-يىللىرىنىڭ باشلىرى قوقەنت خانلىقىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ چاغدا قوقەنت بىلەن پەقەت قوشنىلىرى بۇخارا ۋە خىۋالا ئەمەس، چىن، رۇسىيە، ئەنگلىيە ئوخشاش ئەللەرمۇ ھېسابلىشىدىغان بولغان. قوقەنت مەنبەلىرى بويىچە ئېلى خان تاشكەنت، قاراتېگىن، دارۋاز، باداخشانلارنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئۇ غوجىلارنىڭ قەشقەرگە قىلغان سەپەرلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلىگەن. ئەينى شۇ سەپەرلەردىن كېيىن قوقەنت ۋە چىن ئىمپېرىيىسى ئارىسىدا مۇزاكىرىلەر باشلىنىدۇ.
      ئۇزاققا سوزۇلغان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ. شۇنىڭغا مۇۋاپىق قوقەنت ھاكىمىيىتى ئىناۋەتلىك غوجىلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىشقا (مىرزاقاماقتا تۇتۇشقا)، ئۇنىڭ بەدىلىگە جاۋابەن چىن ھۆكۈمىتى خانغا 250 (ئايرىم مەنبەلەر بويىچە 1000) كۈمۈش يامبۇ تۆلەشكە ۋە كۆپ مىقداردا چاي يەتكۈزۈشكە، ئەڭ مۇھىمى، قەشقەرىيىدە قوقەنت تاۋارلىرىنى باج سېلىقىدىن ئازاد قىلىشقا ۋەزىپىلىك بولدى. بەختكە قارشى، قوقەنت خانى قەشقەرىيە بىلەن ئۇنىڭ غوجىلىرىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن پايدىلاندى. «قوقەنت قەشقەرىيىگە دوست بولغانمۇ ياكى دۈشمەنمۇ؟»، دېگەن سوئالنىڭ كۆپچىلىكىمىزنى قىزىقتۇرىدىغانلىقى تەبىئىي. مېنىڭچە، مۇنداق سوئال ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. قوقەنت خانلىقى ۋەزىيەتكە ۋە ئۆزىنىڭ چىن، رۇسىيە ئوخشاش كۈچلۈك قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىق، ھەرخىل مەۋقەدە بولۇپ كەلگەن. بىراق قوقەنت خانلىقىنىڭ ئاھالىسى قەشقەرىيە تەرىپىدە بولغانلىقى شۈبھىسىز. چۈنكى ئۇلارنى دىنى، مەدەنىيىتى بىرلەشتۈرۈپ تۇراتتى، تىلىمۇ يېقىن ئىدى. يەتتىشەر دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانى ياقۇپبەگنىڭ ئەسلى قوقەنت خانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ قەشقەرگە باشلاپ كەلگەن كۆپلىگەن يۇرتداشلىرىنىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇشقا بولمايدۇ. نۇرغۇنلىغان قەشقەرلىكلەر  قوقەنت خانلىقىدىن پانا تاپقان.
       داڭلىق تارىخچى م.قۇتلۇقوۋ: «غوجىلارنى قوقەنت ھۆكۈمرانىنىڭ ئاددىي قوچىغى سۈپىتىدە قاراشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئېلىنىڭ ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىرى بولغان. ئاقتاغلىق غوجىلار چىن تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشىش ئۈچۈن قوقەنت خانلىقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى ھەم ئۇلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئىستىدى. قوقەنت خانلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەتتەشەھەردە  ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈش مەقسىتىدە غوجىلاردىن پايدىلىنىشقا ئىنتىلدى».
      ئايرىم تارىخچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، 1828-يىلنىڭ ئۆزىدىلا 300 مىڭ ئۇيغۇر پەرغانە ۋادىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. قوقەنت تارىخچىسى مىرزا شەمسىنىڭ يېزىشىچە، قوقەنت خانلىقىغا 1830-يىلى قەشقەردىن 60 مىڭ ئادەم كەلگەن ھەم ئۇلارنىڭ ھەممىسى شاخرىخان ناھىيىسىگە ئورۇنلاشقان. چىن لەشكەرلىرى يەتتىشەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن 1877-يىلنىڭ دېكابىر، 1878-يىلنىڭ يانۋار ئايلىرىدىكى قەھرلىك كۈنلەردە يۈزمىڭلىغان ئادەملەر پەرغانە ۋادىسىغا قاچىدۇ. بۇ خەلقىمىز تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك سەھىپىلەردىن بولدى: ئون مىڭلىغان ئادەملەر تاغلىق داۋانلاردىن ئۆتۈش جەريانىدا سوغدىن ۋە ئاچارچىلىقتىن ھالاك بولۇپ، مەنزىلگە يېتەلمىدى. ھەتتا ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن سەپەرگە چىققانلارمۇ يولدا قەشقەر قاچاقلىرىنىڭ سۆڭەكلىرىنى ئۇچراتتى. بۇ پەرغانە ۋادىسىغا ماڭغان ئۇيغۇر قاچاقلىرى توغرىلىق مەلۇماتلارنىڭ بىر تامچىسى. ئامما ئېنىقى شۇكى، پەرغانە ۋادىسى بېشىغا كۈن چۈشكەن تالاي قېرىنداشلىرىمىزغا پانا بولدى.

***
     قوقەنت بىلەن قەشقەر ئارىسىدىكى سودا-سېتىق ئۇزۇن يىللار داۋامىدا راۋاجلاندى. سودىگەرلەر ماللىرىنى ئات ۋە تۆگىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن توشىدى. قوقەنتتىن قەشقەرگىچە بولغان مۇساپىنى 14 — 20 كۈن ئىچىدە بېسىپ ئۆتۈش مۇمكىن ئىدى. كارۋانلار كۈندە دېگۈدەك ئۇ ياق، بۇ ياققا مېڭىپ تۇراتتى. قوقەنتتىن قەشقەرگە تۆمۈر، ئالتۇن، ئەپىيۈن، كۆن، پاختا رەختلىرى كەلتۈرۈلسە، قەشقەر بىلەن خوتەندىن قاش تېشى، گىلەم، يىپەك، چاي، ئاق كىگىز، ناشاتىر، گۈرۈچ ۋە باشقا نەرسىلەر يەتكۈزۈلەتتى. قوقەنت بىلەن قەشقەر سودىگەرلىرىنىڭ يولى مەلۇم قىيىنچىلىقلارنىڭ (داۋانلارنىڭ) موجۇتلۇغىغا قارىماي، بىخەتەر ئىدى. ئۇنى قوقەنت ساقچىلىرى تەمىنلەتتى.
    قىزىقارلىقى، قوقەنت پەقەت قەشقەر بىلەنلا ئەمەس، شۇنداقلا غۇلجا بىلەنمۇ سودا-سېتىق ئىشلىرىنى ياخشى يولغا قويغان ئىدى. 19- ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا قوقەنتتىن ئىلى تەۋەسىگە يىپەك ۋە پاختا رەختلىرىنى، تۆمۈر، ھەرخىل مېۋە-چېۋىلەرنىڭ قاقلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. غۇلجا بولسا ئۇ ياققا بۇغداي، ئارپا، مال، پاختا، تېرە،سانائەت  مەھسۇلاتلىرىنى ئەۋەتەتتى.

***
     تەبىئىيكى، قەشقەردىن پەرغانە ۋادىسىغىلا ئەمەس، بەلكى ھەرخىل سەۋەبلەرگە بولا قوقەنتتىن، ئەنجاندىن، نامەنگەندىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا كەلگۈچىلەرمۇ بولدى. باشتا يازغىنىمىزدەك، ئۇلارنىڭ ئايرىملىرى قەشقەرگە غوجا تەرەپدارلىرى سۈپىتىدە، بەزىلىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تارتىشىپ  كەلدى. س س س ر دىكى گراژدانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قەشقەرىيىگە قېچىپ كىرىپ، يوشۇرۇنغانلارمۇ كۆپ بولدى. ئۇيغۇر شەھەر، يېزىلىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، تۇرۇپ قالغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئانا دىيارغا قىلغان سەپىرىم جەريانىدا مەن يەكەن شەھىرىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئائىلىسى بىلەن مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۆزبەكلەر بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇماپتۇ. بىراق ئۆزبېكچە ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا مۇئامىلە قىلىدىكەن. مۇشۇ يەردە مەن ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ كلاسسىگى فۇرقەت (1859-ژ.، قوقەنت — 1909-ژ.، يەكەن) توغرىلىق ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن. ئۇنىڭ ئىسمى ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىدا پەقەت شائىر سۈپىتىدىلا ئەمەس، شۇنداقلا ئۆزبېك ژۇرنالىستىكىسىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى، مەرىپەتچى ھەم نەشىرياتچى سۈپىتىدە قالدى. شائىر كۆپ ساياھەت قىلغان. تۈركىيە، گىرېتسىيە، بۇلغارىيە، مىسىر، سەئۈدىيى ئەرەبىستاندا بولۇپ، بىرئاز ۋاقىت مەككىدىمۇ ياشىغان. ئۇ شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىپ، ئاندىن كەشمىر ئارقىلىق قەشقەرگە بارغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئۆزى ياقتۇرۇپ قالغان يەكەندە ئۆتكۈزدى. يەكەنلىكلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ تالاي قېتىم «ئەگەر يەر يۈزىدە جەننەت بار بولسا، بۇ يەكەن» دەپ ئېيتقان ئىكەن.


(داۋامى بار).

5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

3

تېما

3

دوست

1618

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11132
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 95
تۆھپە : 465
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 19:11:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلتىزىمىز،قېرىنداشلىق رىشتىمىزنى يۇرۇتۇش  ئۈچۈن   تۆككەن  ئەجرىڭىزگە مىڭ تەشەككۇر .
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2770
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 22:16:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )