- تىزىملاتقان
- 2012-7-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3281
- نادىر
- 5
- يازما
- 71
ئۆسۈش
  42.7%
|
بالىنى ۋارقىراپ ئەيىبلەش
پاسسىپلىقنى كۈچەيتىدۇ
ھەرىكىتى پاسسىپ ئادەملەرنىڭ مۇئەييەن ئورتاقلىقى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار كىچىك چاغلىرىدا ئاتا – ئانىسىنىڭ ۋارقىراپ ئەيىبلەش تىپىدىكى تەربىيەنى قوبۇل قىلىشتەك كەچمىشكە ئىگە. "ياق !"، "بولمايدۇ !"، "نېمە قىلغىنىڭ بۇ ؟!" دېگەندەك ۋارقىراپ ئەيىبلەشنى بالىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ باقايلى. چوڭلار بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا چۆچۈيدۇ، بالا تېخىمۇ چۆچۈيدۇ. يۇقىرى بېسىملىق ۋارقىراپ ئەيىبلەش تەربىيەسىنى قۇبۇل قىلغان بالىلار بەكلا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. ۋارقىراش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا كاچاتلاش ۋە تىپىش ئارقىلىق بالىغا ئاغرىقنى بىلگۈزىدىغان ئائىلىلەرمۇ بار. بۇنداق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى، يەنە بىر قەدەم خاتالاشقاندا بالىنى خورلاش شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بالىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ كۆرسەك، بالىلار ئەيىبلىنىش ۋە تاياق يېيىشتىن قورقۇپ "ئاكتىپ ھەرىكەت قىلمىغان ئەڭ ئەۋزەل" دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، بالا ھە دېسىلا ئۆز ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى ئويلايدىغان، باسسىپ پاسسىپ بولۇپ تەربىيەلىنىپ چىقىدۇ. دېمەك، ۋارقىرراپ ئەيىبلەش تىپىدىكى تەربىيە پاسسىپ بالىلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
|
|