- تىزىملاتقان
- 2013-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 412
- نادىر
- 0
- يازما
- 11
ئۆسۈش
56%
|
نەچچە كۈندىن بېرى بۇ تېمىغا ئىنكاس يازاي دەپ ۋاقىت چىقىرالماي، ۋاقىت چىقارغاندا ئازكەم 10 يىللىق كونا كومپيۇتېرىم تورغا ئۇلانماي دېگەندەك ئۆتۇپ كەتتىم. مانا تۈنۈگۈن خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنىدە بۇ پۇرسەت چىقتى، ئۇيغۇرچە ئىنكاس يېزىپ ئانا تىلىمنى خاتىرىلىگەن بولاي.
ھەقىقەتەن يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى چەتكە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلار تېز كۆپەيمەكتە، ئەمما ئومۇمىي نوپۇسقا نىسبەتلەشتۈرۈپ باشقا مىللەت ۋە دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ سان ھېچقانچىلىك ئەمەس.
ئامېرىكا دېسە نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىغا ھوللىۋۇدنىڭ كىنولىرىدىكى سۈزۈك دېڭىز ساھىلىدا ئورۇندۇقتا سوزۇلۇپ يېتىپ ۋىسكىنى تىكلەپ قويۇپ ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتقانلار كېلىدۇ، ياكى بولمىسا ئاسمانغا تاقاشقان ئېگىز بىنالارنىڭ يۇقىرى قەۋەتلىرىدە تورۇستىن يەرگىچە بولغان دەرىزە بويىدا ئولتۇرۇپ قىزىل ھاراق بىلەن كالا گۆشى يەپ رومانتىك پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلار كېلىدۇ.
ئەمىلىيەتتە ئامېرىكا ھەرقانچە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ھەقىقىي چوڭ شەھەرلىرى ساناقلىقلا، قالغان شەھەرلىرى قارىماققا ھەتتا جۇڭگونىڭ ناھىيەلىرىگىمۇ يەتمەيدۇ. بىر شىتاتتا 2-3- چوڭ دېيىلگەن شەھەرلەر ھەتتا بىزنىڭ كورلىغىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇ چېتىدىن قارىسىڭىز بۇ چېتىنى كۆرگىلى، ئوتتۇرىدىن قارىسىڭىز تۆت چېتىنى كۆرگىلى بولىدۇ. لېكىن نۇرغۇن داڭلىق مەكتەپلەر مۇشۇنداق كىچىك شەھەرلەرگە جايلاشقان. ئوقۇغىلى كەلمەكچى بولغانلار بۇ تەرىپىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئەگەر مەكتەپ داڭلىق ئىكەن دەپ كىچىك شەھەرلەرگە كېلىپ قالسىڭىز، ئىستېمال سەۋىيىسى تۆۋەن بولغان، ئوقۇشتىن باشقا ئىش يوق زېرىكىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئوقۇش مۇكاپات پۇلىسىز چەتكە چىقىپ ئوقۇش ھەقىقەتەن قىيىن. بەزى دۆلەتلەردە ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن سىرت ئىشلىشىنى قەتئىي چەكلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانىڭىز ۋەتەندە بىر ئاي تاپقان پۇلى سىزنىڭ چەتئەلدە بىر ئاي تېجەشچانلىق بىلەن خەجلىشىڭىزگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ئىشتىن سىرت ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردىمۇ، تاپالىغىدەك ئىشنىڭ تولىسى ئىش ھەققى تۆۋەن جىسمانىي ئەمگەك، ھەم بۇنداق ئىشلەش ئوقۇشىڭىزغا ئېغىر تەسرى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ھىندىستانلىقلارنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق توشۇغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاشخانىسىدا قاچا يۇيغان، ھەتتا گەندە توشۇغانلارمۇ بار. بۇنداق ئىشلارنى بىز ئابرويپەرەس ئۇيغۇرلار ۋەتەندە بولساق ھەرگىز قىلمايمىز. چەتئەلگە چىقىپ ئامالسىزلىقتىن قىلىمىز، لېكىن ھېچكىم بۇنداق ئىش قىلغانلىقىنڭ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېيتمايدۇ. بۇنداق جاپالىق تۇرمۇشمۇ بىرھېساپتا ئادەمنى تاۋلايدۇ، لېكىن ئادەم بەزىدە مەن مۇشۇ ئۈچۈن كەلگەنمۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىدۇ... غەرپ ئەللىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە داۋاملىق ئاشخانىدا تاماق يەيدىغانلار ناھايىتى ئاز، كۆپ ئەھۋاللاردا ئۆزى تاماق ئېتىپ يېيىشكە توغرا كېلىدۇ. كۈندە بىر قېتىپ تاماق ئېتىپ يېيەلەيدىغانلار ناھايىتى بەختلىك ھېساپلىنىدۇ. سەي-گۆش ئېلىشقا پۇلى يەتمەي، گۈرۈچ بىلەن تۇخۇمنى ياكى بەسەينى چالا-پۇلا قورۇپ يەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان، بىر ھەپتىدە بىر قېتىم تاماق ئېتىۋېلىپ يەيدىغان ئوقۇغۇچىلار جىق.
يەنە بىرسى، تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كۈنىمۇ ئاسان ئەمەس. ئوقۇش بېسىمى ناھايىتى ئېغىر، پەنلەردە ياخشى نەتىجە ئالالماي قالسا، ياكى پروفېسورنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالماي قالسا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى توختۇتۇپ قويۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ دوكتۇرلۇق ئوقۇيدىغانلارنىڭ بېسىمى بەك ئېغىر بولىدۇ. قەيسەركام دېگەندەك، بازاردا ئاقىدىغان كەسپنى تاللاپ ئوقۇش كېرەك، بولمىسا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپماق قىيىن بولىدۇ. لېكىن بازاردا ئاقىدىغان كەسپلەردە ئوقۇيدىغانلار كۆپ بولغاچقا، ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىش ئەمەس ھەتتا قوبۇل قىلىنىشمۇ تەس. ئوقۇش مۇكاپاتى بەردى دەپلا بازىرى يوق كەسپتە ئوقۇغان بىلەن، نەچچە يىل جاپا چېكىپ ئوقۇپ ياخشى خىزمەت تاپالمىسا، ئىسراپ بولغان ياشلىق ئورنىغا قايتىپ كەلمەيدۇ.
شەخسەن مەن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ياخشى مەكتەپلەرگە كېلىپ ياخشى كەسپلەردە ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما، داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ھەممە كەسپى ياخشى بولمايدۇ. بولۇپمۇ دوكتۇرلۇق ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن شۇ كەسپ شۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقات فوندىنىڭ مىقدارى، تەجرىبە شارائىتى ۋە تەتقىقات ئىقتىدارى دېگەندەك ئامىللار مەكتەپنىڭ نامىدىن مۇھىم. بۇلارنى ئەتراپلىق ئويلىشىش لازىم.
|
|