توغرانىشان ۋە خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەش
كامرانبەگ يوللانمىسى
سىتاتفۇ hpشىركىتى ئامرىكىدىكى داڭلىق مەسلەھەت بېرىش ۋە پەن-تېخنىكا شېركىتى .1939-يىلى سىتاتفۇدئۇنۋېرسىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بېل خېللىت بىلەن داۋىد تەرىپىدىن قۇرۇلغان ،بۇشىركەت 2008-يىلىدۇنيادىكى 500كۈچلۈك كارخانا ئارىسىدا 40-ئورۇندا تۇرغان ،شىركەتنىڭ 170 دۆلەت ۋەرايوندا 600تىجارەت ئورنى بار ،ئاساسلىق ئوتتۇراكىچىك كارخانىلار ،تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە باشقا خېرىدارلار ئۈچۈن كومپىيوتېر ۋە قول كومپىيوتېر ،پىرېنتېر،فوتو ئاپرات ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ 320 مىڭ خىزمەتچى بار .بۇشىركەت بۇنداق ئۈنۈملۈك نىشانلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن داڭىق چىقارغان شان بىكىتى : شېركەت دېرىكتورى شىركەتنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن خادىملار بىلەن ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى ۋە باسقۇچلۇق نىشاننى مۇھاكىمە قىلىپ بىكىتىدۇ . خىزمەت پىلانى ،ئۇسۇلى ۋە ئىستىراتېگىيەسىنى بېكىتىش : دېرىكتورنىڭ يىتەكچىلىكىدە خادىملار باسقۇچلۇق نىشاننى بىكىتىپ ،نىشانغا يىتىشنىڭ تەدبىرى ۋە ئۇسۇلىنى مۇستەقىل ئوتتۇرىغا قويىدۇ،بۇخادىملارنىڭ كەلگۈسىدە لاياقەتلىك باشقۇرغۇچى بولىشىغا مۇھىم ئاساس بولىدۇ . ئىلگىرلەش خۇلاسىسى : بۇ ئىشتا دېرىكتور خادىملار ۋە كەسپى گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن بىللە ئىلگىرلەش سۈرئىتى ۋە نىشان ئارىسىدىكى پەرىقنى تېپىپ ھەم پەرىقنى تۈگىتىپ ،نىشانغا يىتىشنىڭ چارە- تەدبىرلىرىنى تاپىدۇ . ئۈنۈمنى باھالاش :خادىملار ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يىتەلمىسە ،سەۋەبىنى ئىنىقلايدۇ ؛ نىشاندىن ئاشۇرۋەتسە ،تەجىربىسىنى يەكۈنلەپ گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدۇ . شىركەتنىڭ جۇڭگو رايونىغا مەسئۇل خادىمى سوڭجىنباۋ مۇنداق دەيدۇ :«كارخانىلار خادىملارنىڭ نىىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپلاقالماي ،يەنە باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىيىم- خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىپ ،سۈپەتنى تۇتۇپ ،كوللىكتىپ رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى تاۋلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ،سۈپەتلىك ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك كارخانا قۇرغۇلى بولىدۇ .بۇنىڭ ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلار قەرەللىك يىغىن ئېچىپ كېڭىشىش ئارقىلىق ،ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ- پىكىر بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىشى ؛شۇنداقلا باشقۇرغۇچىلارنى نىشانلىق ،جانلىق باشقۇرۇشقا يىتەكلەپ ،ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ خاتالىق كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تىززگىنلىشى ، ئەڭ8 مۇھىمى نىشانلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش سېستىمىسىغا كىرگۈزۈشى زۆرۈر».
باغداشقا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ |