بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-15 10:25
ئاللاھ خالىسا، يېقىندا مەن مەلۇم بىر ئىش بىلەن قەشقەرگە بارماقچى ئىدىم. قەشقەرگە بېرىش جەريانىدا ۋە قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن شۇ يەردىكى كىتابخانىلارنى ئارىلاپ، ياخشى كىتابلار بولسا سېتىۋېلىپ ماڭىدىغان ئادئىتىم بارتى. قەشقەرگە ماڭغاندا قاغىلىقتا بىر كۈن تۇرىمەن، مەخسۇس كىتابخانىلارنى كۆرۈپ ئۆتىمەن، يەكەندىمۇ بىركۈن تۇرۇپ، كىتابخانىلارنى كۆرۈپ ماڭماقچى ئىدىم،.شۇڭا ماڭا قاغىلىق، يەكەن، يېڭىسار، قەشقەر شەھەر ئىچى، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىكى نۇقتىلىق كىتابخانىلارنىڭ ئېنىق ئادرېسى، ئىسمى، بولغاندا ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىلىدىغان قېرئىنداشلار بار بولسا مېنى
ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسەڭلار بوپتىكەن، سىلەردىن كۆپ مىننەتدار بولۇپ قالاتتىم، مۇقۇم كىتابخانىلاردىن باشقا يەنە كىتاب يايمىسى ئېچىپ كىتاب ساتىدىغان ئورۇننى بىلىدىغانلارمۇ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قۇيساڭلار. بازار كۈنلىرى كىتاب يايمىسى ئېچىپ ساتىدىغانلار بولىدىغان،
بەزى يەرلەردە جۈمە كۈنى، بەزى جايلاردا يەكشەنبە كۈنى دېگەندەك.مۇشۇ ئەھۋاللاردىنمۇ ئۇچۇر بېرىپ قويغان بولساڭلار. بۇغداينىڭ باھانىسىدا قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ، بىر ئادەم گۈلخان ياقسا، مىليون ئادەم ئىسسىنىپتۇ دېگەندەك سىلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ بۇ ھەقتە ئاز-تولا نەپكە ئېرىشىپ، كىتاب ئارقىلىق ئەقىل-پاراسىتىنى موللاشتۇرۇپ، ئاز-تولا ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلەپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دېگەن مەقسەتتە مەن. ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن!
|