- تىزىملاتقان
- 2012-7-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6068
- نادىر
- 0
- يازما
- 255
ئۆسۈش
  21.36%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا taturyul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-14 20:18
ئالىماخۇنغا مەرسىيە
ئاپەت بوپتۇ خوتەندە،
قېرىنداشلار ئامانمۇ.
كىيىم يېلىڭ، قورساق ئاچ،
رەڭگى روھى سامانمۇ.
تاما-تاما كۆل بولار،
دېگەن ئىكەن كونىلار.
تەڭ كۈچىسەك ھەممىمىز،
ئۇلار غېمى ھەل بولار.
زورلىماسمىز ھېچكىمنى،
ياردەم قىل دەپ ئۇلارغا.
ۋىجدانى بار ئوغلاننىڭ،
پىدا جېنى شۇلارغا.
بەزىلەرچۈن قېرىنداش،
مۇھىم ئەمەس ئاتاقتىن.
تاماسى يوق ھېچكىمنىڭ،
ئالىم ئەتكەن تاماقتىن.
گەپنى قىلساق گەپ بولار،
شۇ نامەرتلەر مات بولار.
تۇز يەپ تۇزلۇق چاققاننىڭ،
ئۆمرى خورلۇققا تولار.
رامىزاندا ئات پوجاڭ،
ئۇيغۇر ئوغلى ئالىمجان.
ئەل ئۇچرىسا ئاپەتكە،
چاغان ئوينا سەن ھامان.
ئۇچتۇر
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
مەنبە ، ئۈندىدار |
|