- تىزىملاتقان
- 2013-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1514
- نادىر
- 0
- يازما
- 84
ئۆسۈش
  51.4%
|
تورداشلار، ئېغىر-بېسىق بولغايسىلەر!
ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى ئىلىم سورۇنلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆتكەن يىلى دەسلەپتە ئېلان بېرىلگەندىن كېيىن، ماڭا خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن دوست-بۇرادەرلىرىم تېلېفۇن قىلدى. ئۈرۈمچىدە مۇشۇنداق بىر يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدىكەن. لېكىن بېلىتى 1200-800 كويغىچە ئىكەن. يول كىرالىرى بىلەن قوشقاندا ھېچ بولمىسا 4000 كوينىڭ بېشىغا سۇ قۇيىدىغان گەپكەن، قانداق قىلساق بولار؟ دەپ. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا بەزىلىرىگە «چىقىڭلار، سىلەر 4000 كوينى ئۇ يەرگە خەجلىمىسىەڭلەرمۇ يەنە بىر نەچچە ۋاقتلىق سورۇنغا، چايغا، ئورۇنسىز ئىشلارغىمۇ خەجلىۋېتىسىلەر، چىقىپ ھېچ بولمىسا ئەركىن سورۇننىڭ نېمىلىكىنى بولسىمۇ ھېس قىلىپ قايتارسىلەر، دېدىم. يەنە بەزىلىرى «باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ چىقايلى» دېگەن دەپ تېلېفۇن ئۇرۇپتۇ. ئۇلارغا جاۋابەن «بۇ يەردە ئاسماندىن ۋەھىي چۈشمەيدۇ، شۇ بىر نەچچە كىشىلەر سۆزلەيدۇ، قەرىز ئېلىپ بۇ يەرگە چىقماقچى بولغان شۇ پۇلغان بىر ھارۋا كىتاب سىتىۋالايسىلەر، ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئوقۇساڭلار 2-3 يىل يېتىدۇ. ھازىرچە شۇنداق قىلىپ تۇرۇڭلار، دېدىم. ئەمەلىيەتتە بۇنداق سورۇنلارنىڭ كۆپلەپ ئويۇشتۇرۇلۇشى ياخشى ئىش، بىراق، ئاڭلارمەنلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بەكرەك نەزەردە تۇتماق لازىمدۇر. يەنە بىرى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ سۆزلىگەن ۋاقىتتىكى قىياپىتىگىمۇ بەكرەك دىققەت قىلماق زۆرۈر. ئۇلار ئۆگەتكۈچى، تەلىم بەرگۈچى سۈپىتىدە مۇنبەرگە چىققان ئىكەن. قارىغان ئادەممۇ ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىرىشەلىشى، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر خەلقنىڭ يارقىن سىماسىنى ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن كۆرەلىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە بىلگۈچلىكلەر تېخىمۇ دىققەت قىلغاي! |
|