- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19367
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
23.42%
|
ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت قىلغىنى قۇرال ئەمەس ، ئۇرۇش
يېقىندا شىۋېتسىيە ستوكھولم تىنچلىق تەتقىقات مەركىزى بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات دوكىلاتىنى ئاشكارىلاپ ، 2009 - يىلىدىن 2012 - يىلغىچە ئامېرىكا قۇراللىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا سودا بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئېلان قىلغان .
دوكلاتقا قارىغاندا ، 2009 - يىلى ئامېرىكىنىڭ قۇرال سودىسى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولسا ، 2012 - يىلى 9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن . ئامېرىكا ئېكسپورت قىلغان قۇرال - ياراقنىڭ %40 ى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايۇنىغا سېتىلغان . بۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكىنىڭ قۇرال ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %30 ى ئوتتۇرا شەرقتە ، %20 ى ياۋروپادا ئىكەن .
سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، ئاغزىدا دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان ئامېرىكا خەۋىپسىزلىكنى قوغداش قالپىغىنى كىيىۋېلىپ ، كوپلەپ قۇرال ئېكسپورت قىلغان . ئامېرىكىنىڭ قۇراللىرىنىڭ خېرىدارى ئېنىق ئەمەس بولۇپ ، قەيەردە قالايماقانچىلىق بولسا ، قۇرالنى شۇ يەرگە سېتىپ بېرىدىكەن . قەيەردە ئامېرىكىنىڭ قۇرالى بولسا ، شۇ يەر تىنچ ئەمەس ئىكەن . ئەمەلىيەتتە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايۇنى ئامېرىكا قۇرالسودىسى ئەڭ مەركەزلەشكەن رايۇن چېسابلىنىدىكەن .
ھازىر ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدىكى ۋەزىيەت مۇقىمسىز . ئامېرىكىنىڭ دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىگە كەڭ كۆلەمدە قۇرال سېتىپ بىرىشى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانلىقمۇ - قانداق ؟ ئامېرىكا ئىران بىلەن يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكى ، ئىسرائىلىيەگە كۆپلەپ قۇرال سېرتىپ بەرگەن .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىدەك بېسىم ئاستىدا ، ئامېرىكىنىڭ قۇرال - ياراق سودا مىقدارى يەنىمۇ ئېشىپ ، كىشىلەرنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدىن ئەنسىرىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن .
ئەمەلىيەتتە ، ئۇرۇش ئارقىلىق بېيىش ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىسى . ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغىچە ، دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشلىرىقىچە ، ئامېرىكا نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشتى . 21 - ئەسىر كىرگەندىن كېيىن ، ئامېرىكا يەنىلا قۇرال ئېكسپورتى ئارقىلىق بايلىققا ئېرىشتى . ئىستاتىسكا قىلىنىشىچە ، دۇنيادىكى بەش جايدا ئېرقى توقۇنۇش يۈز بەرسە ئۇنىڭ تۆتى ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان قۇرال بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن . كىشىلەر بۇنداق چوڭ كۆلەملىك قۇرال سودىسىدىن چۆچۈپ كىتىشى مۇمكىن ، ئامېرىكا زادى قۇرال ئېكسپورت قىلىۋاتامدۇ ياكىئۇرۇشمۇ ؟
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى
|
|