- تىزىملاتقان
- 2014-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1642
- نادىر
- 0
- يازما
- 167
ئۆسۈش
  64.2%
|
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى
يۇلغۇنجان
مەن كۆپچىلىكنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن بۇ تىلنىڭ ئېلىپبەسىنى يوللاپ قويدۇم، ئۆگۈنىۋېلىڭلار. ئەگەر بۇ يېزىقنى ئۆگۈنۈۋالساڭلار ئەلشىر ناۋايى، خاراباتى، ھىرقىتى، زەلىلى، ئابدۇرېھىم نىزارى، موللا شاكىر، موللا بىلال نازىمى، ناقىس، موللا مۇسا سايرامى، خوجا ئەرشى، سالاھى، مەھزۇن، نۆبىتى، قەلەندەر، سەبۇرى، مۇھەممەد سادىق كاشغەرى، گۇمنام، موللا سىدىق يەركەندى، مۆجىزى، زوھۇرى، ئابدۇقادىر داموللا قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى بىۋاستە ئوقۇيالايسىلەر. مىساللار
ج ــــ ج جنايت، جھالت
م ــــ م ماھيت، مدرسە
چ ـــ چ چرخ، چشم
ل ــ ل لشكر، لغت، لازم
و ـــ ۋ وكيل، دوۋاعـ، دولت
ن ــــ ن ناطق، نتيجە
ح، ە، ھ ــــ ھ حاكم، حق، پادشاە، ھجران
نگ ــ ڭ رنگ
گ ــــ گ گلنار، گياە
ك ـــ ك كريم، كلام
ق ـــ ق قبر(قەبرە)، قرعە(قۇرئە)
ف ــــ ف فخر، فرمان
غ ــــ غ غبار، غلام
د ـــ د دريا، دوست
ر ـــــ ر رحمت، رخسار
ژ ـــ ژ ژالە
ش ـــ ش شادمان، شربت
ب ـــ ب بازار، باطل
پ ــــــ پ پاسىبان
خ ـــ خ خاتمە، خجل
ص، س، ث ــــ س ثابت
ى ـــ ي يار، يزدان
او، عو، ـئو، و، ع، ا ـــــ ئۈ، ئۆ، ئۇ، ئو اوتاجى، عود، مسئول، الفت، عشر (ئۆشرە)
ذ، ز، ظ، ض ــــ ز ذليل، زبان، ظالم
ط، ت، (ە) نىڭ ئۈستىگە ئىككى چېكىت قويۇلىدىغان شەكلى بار ئىدى. بۇنىمۇ (ت) دەپ ئوقۇيمىز. ئەمما مەن بۇنى چىقىرالمىدىم. شۇڭا ە نىڭ ئۈستىگە ئىككى چېكىت قويۇلسا (ت) ئوقۇڭلار ــــ ت تاج
ا، عا، وا، ى ـــ ئا ادم، عالم، سوال
ا، ع، ـئە ــــ ئە ابد (ئەبەد)، قرائت (قىرائەت)، بدعت (بىدئەت)،
اي، ئيـ، عيـ، ا، ئـ، عـ ــــ ئې ايجاد (ئىجاد)، جبرائىل، اسراف، عشق(ئىشىق)
ـيـ، يـ، ى ـــ ئى جيل (جىل)، زير (زىر)، غبارى (غۇبارى)، مسكين (مىسكىن)، بشارت (بىشارەت)، جزئى (جۈزئى)
چاغاتاي يېزىقىدىكى ھەرپلەر كۆك رەڭدە، مىساللار قىزىل رەڭدە، ھازىرقى ئېلىپبە بويىچە ئوقۇلۇشى قارا رەڭدە بېرىلدى.
|
|