- تىزىملاتقان
- 2012-5-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1864
- نادىر
- 0
- يازما
- 78
ئۆسۈش
  86.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan0215 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-19 11:58
مېنىڭچە ئۇ تەرەپلەرگە قاراماي يېيىتماسلىقنىڭ سەۋەبى ئۇ يەرلەر پات يېقىندا چېقىلىپ كېتىدۇ. كونا شەھەر رايۇنىدىكى قەشقەر دەرياسى ئاياغ ئېقىنىنىڭ كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن، ئۇ دەريار ئېقىنى كەڭەيتىپ ياسالسا شادلىق باغچا رېستۇرانى، نور بېشى كەتىنىڭ 3-مەھەللىسى، غول مەھەللە كەنتىنىڭ بىر قىسىم تېرىلغۇ يەرلىرى، قايچا مەھەللىسى ... دىن باشلىنىپ خەنسۇلار قەبرىستانلىقىغا كەلگۈچە شەھەر قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. شۇڭا قاراماي يېيىتلمايدۇ، ئۇنداق بولمىغىنىدا ئۇ يولغا ئاللىقاچان قاراماي يېيىتىلىپ بولاتتى. چۈنكى ئۇ يول سىز ئېيتقاندەك خېلى ئاۋات يول بولسىمۇ تېخىچە شېغىللىق. سەل چىداپ تۇرساڭلار دوستلۇق يولى ئۇزاتىلسا شادلىق باغچىسى رېستۇرانى چىقىلىپ يېڭى سېلىنغان تۇمشۇق يولىغا ئۇلىشى مۇمكىن. ئاندىن قالغان يوللارغا (غەرپتىكى جەرەنتالا، چۈشۈرگە، شەرقتىكى 12-كەنت، ۋە ئەتراپتىكى يوللارغا قاراماي يېتىلىشى مۇمكىن.) |
|