بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ibrahimjan4815 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-12 10:41
ئەلشېر ناۋايى زادى ئۇيغۇرلارنىڭ شائىرمۇ ياكى ئۆزبەكلەرنىڭ شائىرمۇ؟
ئۇيغۇر نەۋائىي
(ناخشا تېكىستى)
(ئەلىشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 570 يىللىقىغا ئاتاپ)
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
مىلادىيە بىر مىڭ تۆرت يۈز قىرىق بىردە،
خۇراساننىڭ پايتەختى ھىرات شەھرىدە.
كۆز ئاچتى دۇنياغا ئەلىشىر نەۋائىي،
غىياسۇددىن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۆيىدە.
* * *
لاپ گەپ ئەمەس بۇ ئۆزىمىزچە دەۋالغان،
جاھان تونۇق ئېنىق ھۆججەت ئاساسى بار،
دەيدۇ «تارىخى رەشىدىي»(1) زەر نامىنى،
»مىرزا ھەيدەر كوراگان« دەپ ئىمزاسى بار.
* * *
نەقرات: نەۋائىي، نەۋائىي، ئى، ئۇيغۇر نەۋائىي،
باشقىلارنىڭ بولماغاي ساڭا دەۋايى!
* * *
ئۇنىڭسىزمۇ «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»(2)،
شاھىدلىقتا بەجايىكى ئابىدە تاش.
شەرھلەنگەن تۆرت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش،
نەۋائىينىڭ كىملىكىگە بولۇپ قانداش.
* * *
ئەلىشىر ئىبنى غىياسۇددىن نەۋائىي،
ئىپتىخارلىق بوۋىسىدۇر ئۇيغۇرلارنىڭ،
بۈيۈك مىراس ئەمگەكلىرى ئالەمشۇمۇل.
خەزىنىسى جەسۇر روھى ئەۋلادلارنىڭ.
* * *
نەقرات: نەۋائىي، نەۋائىي، ئى، ئۇيغۇر نەۋائىي،
ساڭا دىلدىن مۇجەسسەم ئەلنىڭ دۇئايى!
* * *
-2011يىل 11- مارت، بېيجىڭ.
ئىزاھات:
(1) مىلادىيە 1551-يىلى، مىرزا ھەيدەر كوراگان تەرىپىدىن يېزىلغان مەشھۇر تارىخ كىتابى. ئۇنىڭدا: «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ دادىسى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن بولۇپ، ئىسمىنى ‹غىياسۇددىن كىچىكىنە› دەر ئەردىلەر» دېيىلگەن. (2) بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تەرىپىدىن 1499-يىل يېزىلغان مەشھۇر تىلشۇناسلىق ئەسىرى. ئۇنىڭدا، نەۋائىينىڭ تىلى پەقەت «ئو،ئۇ» ئىككىلا لەۋلەشكە سوزۇق تاۋۇشى بار ئوزبەك تىلى ئەمەس، بەلكى «ئو،ئۇ،ئۆ،ئۈ» تۆرت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشى بولغان ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكى ئېنىق شەرھلەنگەن.
|