- تىزىملاتقان
- 2013-1-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 355
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
  27.5%
|
سەمىمىيلىككە تايىنىپ غەلىبە قازىنىش
چېن يوڭ
بىرئاشخانا بار بولۇپ،بارلىق خېرىدارلىرىغا تالون كېسىپ بېرىپلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ ئىسمى ،ئادرېسى قاتارلىقلارنى خاتىرىلىۋالىدىكەن، يىل ئاخىرىدا خوجايىن ھېسابات قىلغاندا،ھەر بىر خېرىدارنىڭ شۇيىل ئىچىدە بۇ ئاشخانىدا يېگەن تامىقىنىڭ پۇلىنى ھېسابلاپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئاشخانىغا كەلتۈرگەن ساپ پايدىسىدىن% 10ئايرىپ،بۇ خېرىدارغا قايتۇرۇپ بېرىدىكەن. ھەمدە ئاددىيلا بىر ئىزاھات يازىدىكەن .
بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ ،شۈبھىسىزكى ،بىر ئەخمىقانىلىق . ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا ھەقىقىي بىر خىل ئاقىلانە تاللاشتۇر.شۇنەرسە ئېنىقكى، پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ،خېرىدارلار دەسلەپتە بۇنىڭدىن سەل تاساددىپىيلىق ھېس قىلسىمۇ ،ئارقىدىنلا چوڭقۇر تەسىرلىنىپ،بۇ خەۋەرنى ئۇرۇق –تۇغقان ،دوست -بۇرادەرلىرىگە يەتكۈزۈپ، ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەيلا بۇ ئاشخانىنىڭ خالىسانە تەشۋىقاتچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.يەنە كېلىپ ئۇ كېيىنكى قېتىمدا غىزالىنىشقا توغراكەلسە ،چوقۇم بۇ ئاشخانىغا كەلمەي قالمايدۇ.نەتىجىدە ئاشخانا ھەم كونا خېرىداردىن ئايرىلىپ قالمايدۇ ھەم يېڭى خېرىدار مەنبەسىگە ئىگە بولىدۇ، كۈندىن -كۈنگە روناق تېپىپ،كۆپ پۇل خەجلەپ ئېلان بەرگەندىنمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.
سەمىمىيلىككە تاينىپ غەلىبە قازىنىش سودا ساھەسىدىكى بىر خىل پاراسەت بولۇپلا قالماستىن،تىرىكچىلىك يولىدىكى ئاقىلانە تاللاشتۇر.
(ئىلھام ۋە پاراسەت››ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 6-ساندىن ساۋۇتجان ئابدۇقادىر تەرجىمە قىلدى)
|
|